گالىلېي


گالىلېيگالىلېي

ئىككى چويۇن توپ بار، بىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر قاداق، يەنە بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 10 قاداق، ئەگەر بۇ چويۇن توپلارنى نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، ئىككىسىنى پەسكە قارىتىپ تەڭلا تاشلىۋەتسە، ئىككىسى يەرگە تەڭلا چۈشەمدۇ؟ بۇ سوئالغا نۇرغۇن كىشىلەر جەزمەن ئېغىرى ئاۋال چۈشىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. 2000 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن ئالىم ئارىستوتېل ئەنە شۇنداق دەپ قارىغان ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ خۇلاسە خاتا، چۈنكى ھاۋانىڭ توسالغۇ كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا، ئوخشاش بولمىغان ئېغىرلىقتىكى چويۇن توپلار يەرگە تەڭ چۈشىدۇ، بۇ خۇلاسىنى كىم چىقارغان؟ ئىتالىيە ئالىمى گالىلېي.
گالىلېي 1564-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى پىسادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى دۇنيا بويىچە داڭلىق بولغان يانتۇ مۇنارنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇ بۇ يانتۇ مۇناردىن مۇھىم كەشپىيات تاپقان، شۇڭا، كىشىلەر كېيىنكى چاغلاردا يانتۇ مۇنارىنى ئەسلىسىلا تەبئىي ھالدا گالىلېينى يادىغا ئالىدىغان بولغان. گالىلېينىڭ دادىسى ۋىنشېنزو نامرات مۇزىكانت ئىدى. ئەمما ئوغلىغا مۇزىكا ئۆگىتىشنى خالىماي، كەلگۈسىدە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىدە قىينالماسلىقى ئۈچۈن، ئوغلىنىڭ قوي يۇڭى سودىگەرچىلىكىنى ئۆگىنىشىنى ياكى دەرۋىش ئىشچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان. گالىلېي كىچىك ۋاقتىدىنلا باشقا بالىلاردىن ئۆزگىچە بولۇپ، دەرستە ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۇنى-بۇنى سوراشقا ئامراق بولغان، ئۇ دائىم شۇنداق قىلغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايدىكەن دېگەن تەسراتقا كەلگەن. ئۇ تىرىشچان بولغانلىقى، قارىسىغا ئەگەشمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا لاتىنچىنى، يونانچىنى ئۆگىنىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلسەپە، مۇزىكا، رەسساملىق، تىببى ئىلىم قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بىر قەدەر چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي يۈزلۈك يېتىلگەن تالانت ئىگىسى بولۇپ قالغان.
گالىلېي 18 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ غەلىتە يېڭى پىكىرلەر بىلەن تولۇپ، ھەممە شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىپ بېقىش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى كەچتە، پىسا چېركاۋسىدا جىمجىت ئولتۇرغىنىدا، چېركاۋنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئېسىقلىق تۇرغان چىراقىنىڭ يان تەرەپتىكى ئېچىقلىق تۇرغان دەرىزىدىن كىرگەن شامالنىڭ تەسىردىن پۇلاڭلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، دەرھال بېرىپ دەرىزىنى يېپىۋالىدۇ ۋە كۆڭلىدە چىراق ئەمدى پۇلاڭلىمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، بىراق چىراق بىر خىل قېلىپتا پۇلاڭلىۋېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ تاساددىپىلا: «بۇ چىراقنىڭ پۇلاڭلىغان چاغدىكى ئارىلىقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت تەڭ بولسا كېرەك» دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۆزىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، ئاغزىدا ئاستا سانايدۇ. بىر نەچچە قېتىم سىناپ كۆرۈپ، چىراقنىڭ بىر قېتىم ئوڭ-سولغا پۇلاڭلاشقا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ تەڭلىكىنى بىلىدۇ، كېيىن گالىلېي ئۇنى: «تەۋرىنىش ۋاقىتنىڭ تەڭلىك قانۇنى» دەپ ئاتايدۇ.
بۇ چىراق چېركاۋدا نەچچە يىللار پۇلاڭلىغاندۇ، ئۇنى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر كۆرگەندۇ، بىراق ھېچكىم ئۇنىڭدا بىرەر سىرنى بايقىمىغان، ۋاھالەنكى، گالىلېي بۇنىڭ بىلەن پىكىر يولىنى ئاچقان، ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتىكى ماياتنىڭ تېشى ياساپ، ئۇنى تومۇرنىڭ سوقۇشى ۋە رېتىمىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىدۇ، كېيىن سائەت ياساپ چىقىدۇ، ئاسترونومىيىلىك سائەتنى كەشپ قىلىدۇ. 1588-يىلى گالىلېي «قاتتىق جىسملارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالە دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، بۇ ياش ماتېماتىكنىڭ داڭقى چىقىدۇ، لېكىن گالىلېي شۆھرەتكە قىزىقماستىن، ئىلىم-پەنگە قىزىقىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى بولغان پىسا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى ماتېماتىكا پروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ. گالىلېي ئانا مەكتىپىگە كەلگەندىن كېيىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئىشنى قىلىدۇ. يەنە ئارىستوتېلنىڭ، جىسىمنىڭ پەسكە چۈشۈش تېزلىگى شۇ جىسىمنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ دەيدىغان نەزىرىيىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇ چاغدا پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئارىستوتېلغا ئىشىنىپ كەلگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، 25 ياشلىق بىر ياشنىڭ ئارىستوتېلنىڭ نەزىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى نەقەدەر قىيىن بولغان-ھە! لېكىن گالىلېي ھەقىقەت ئىزلەش يولىدا ھېچنىمىگە پىسەنت قىلمايدۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ پىسادىكى يانتۇ مۇنارنى تەجرىبە مەيدانى قىلىپ تاللاپ، نۇرغۇن پروفېسسورلارنى ئۆز تەجرىبىسىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇ ئىككى چويۇن توپنى ئېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ بىرى بىر قاداق، يەنە بىرى ئون قاداق ئېغىرلىقتا بولۇپ، ئۇ يانتۇ مۇنارنىڭ ئۈستىدىن، پەستە قاراپ تۇرغان كىشىلەرگە: «بۇ ئىككى چويۇن توپنى قويۇپ بەرسەم يەرگە تەڭ چۈشىدۇ» دەيدۇ. بۇ چاغدا پەستىكى كىشىلەر زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۈپ: «بۇ ساراڭ ئالجىپ قاپتۇ» دېيىشىدۇ. ھەتتا بەزىلەر: «ئارىستوتېلنىڭ نەزىرىيىسى ياشىسۇن!» دەپ ئۈنلۈك توۋلايدۇ.
بىردەمدىن كېيىن گالىلېي يانتۇ مۇنارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، پەستىكىلەرنى دىققەت بىلەن قاراڭلار، دەپ توۋلاپ قويۇپ، تاشلايدۇ-دە، ئىككى چويۇن توپ تېزلا يەرگە چۈشىدۇ. ئەمىلىيەتتە، چويۇن توپلارنىڭ پارالىل ھالدا، بەلكى بىرلا ۋاقىتتا يەرگە چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن بەزىلەر تەرسالىق بىلەن ئىشەنمەي، گالىلېي بىر خىل سېھرىگەرلىك بىلەن چويۇن توپلارنى يەرگە تەڭ چۈشۈردى دېيىشىدۇ.
1608-يىل 6-ئايدا، گالىلېي گوللاندىيىدە بىرەيلەن بىر ئويۇنچۇق ياساپتۇ، بىر پارچە كۆپۈنكى ئەينەك بىلەن بىر پارچە پېتىنقۇ ئەينەكنى جۈپلەپ قارىسا، كۆرۈنىدىغان نەرسە يوغان كۆرۈنىدىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلايدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر تال نەيچىنىڭ بىر ئۇچىغا بىر پارچە كۆپۈنكى ئەينەكنى، يەنە بىر ئۇچىغا پېتىنقۇ ئەينەكنى ئورنىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىككىنە بىر دۇربۇن پۈتۈپ چىقىدۇ. ئۇ دەرھال ئۇنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، يىراقتىكى نەرسىلەرنى ئون ھەسسە چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان دۇربۇننى ياساپ چىقىدۇ. گالىلېي ئۆزىنىڭ بۇ ئىجادىيىتى بىلەن ئىنتايىن خوشال بولىدۇ، ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ دۇربۇننى ۋېنتسىيىگە ئاپىرىپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا كۆرسىتىدۇ. ئۇلار گالىلېينى «خىسلەتلىك ئادەم» دەپ ئاتىشىدۇ ھەم ئۇنى بادۇيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورى قىلىپ بەلگىلەپ، يىللىق مۇئاشىنى 700 يۈەنگە كۆپەيتىپ بېرىدۇ.

گالىلېي ئۆزى ياساپ چىققان تېلېسكوپنى قانداق  ئىشلىتىشنى كۆرسەتمەكتەگالىلېي ئۆزى ياساپ چىققان تېلېسكوپنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسەتمەكتە
گالىلېي ئۆزى ئىجاد قىلغان دۇربۇن بىلەن كۈزىتىپ سامان يولىنىڭ نۇرغۇن كىچىك يۇلتۇزلارنىڭ توپلىشىشى بىلەن ھاسىل بولغانلىقىنى تاپىدۇ. 1610-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، ئۇ يوپتېرنىڭ ئەتراپىدىكى 4 كىچىك يۇلتۇزنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوپتېردا 4 كىچىك ئاي بار دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئارىستوتېلنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ مۇكەممەللىگى نەزىرىيىسى» تامامەن گالىلېينىڭ دۇربۇنى بىلەن بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. بىراق بادۇيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى پروفېسسورلار ۋىجدانسىزلىق بىلەن: «گالىلېي يالغان ئېيتىپ، سېھرىگەرلىك بىلەن ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېيىشىدۇ.
لېكىن گالىلېينىڭ بۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ. ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغان بىر ئايدىڭ كېچىدە، گالىلېي ئاينى تۇنجى قېتىم دۇربۇن بىلەن كۈزىتىدۇ. بۇ نېمىدىگەن گۈزەل كېچە ئىدى-ھە! نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئىنسانلار ئاينى پاك، بىغۇبار، داغسىز دەپ قاراپ كەلگەن، ئۇنىڭ «يۈزىنى چوقۇر باسقان گۈزەللەردىن» ئىكەنلىكىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. گالىلېي دۇربۇن بىلەن ئاينىڭ يۈزىدە ئوڭغۇل-دوڭغۇل چوڭ-چوڭ تاقىر تاغلار بارلىقىنى بايقايدۇ. شۇ كېچىدە، بادۇيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى پروفېسسورلار خاتىرجەم ياتالمايدۇ.
گالىلېي ئىجاد قىلغان دەسلەپكى  تېلېسكوپگالىلېي ئىجاد قىلغان دەسلەپكى تېلېسكوپ
گالىلېيدىن ئىلگىرى، ئاسترونومىيە ساھەسىدىكىلەر ئومۇمىي يۈزلۈك، قۇياش ۋە نۇرغۇن سەييارىلەر يەرنى مەركەز قىلىپ، دۈگلەك ئوربىتا بويىچە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. كوپېرنىڭ تەلىماتى يارىتىلغاندىن كېيىنلا، قۇياشنىڭ ئالەم مەركىزى ئىكەنلىگى، يەرشارى ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقى دەلىلەندى. كېيىن يەنە گېرمانىيە ئاسترونومى كېپلېر سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى ھەرگىز مۇنتىزىم دۈگىلەك شەكىلدە ئەمەس، بەلكى ئېللىپىس شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گالىلېي كېيىنكى يىللاردا يېڭى يۇلتۇزلارنى تاپىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئارىستوتېلنىڭ قائىدىسىدىكى «ئاسمان جىسىملىرى مۇكەممەل ئۆزگەرمەستۇر» دېگەن ئۇقۇم بىتچىت بولىدۇ.
1611-يىلى، گالىلېي تۇنجى قېتىم رىمنى ساياھەت قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دۇربۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، بارغانلا يېرىدە ئۆزىنىڭ ئاسماندا بايقىغان يېڭى نەرسىلەرنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچلىشىدۇ. شۇ يىلى 2-ئايدا، كۆڭۈلسىز خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ؛ مەھكىمە شەرئى گالىلېينىڭ ئۆز تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىشىغا يول قويماسلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سېتىشنى مەنئى قىلىش پەرمانى چىقىرىدۇ. گالىلېي پەرماننى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىلنى ئۈن-تىنسىز ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە، خۇپىيانە ھالدا كىتاپ يېزىپ تەلىمات يارىتىدۇ. مەنئى قىلىش پەرمانى چۈشۈرگەن ھېلقى پاپا 9 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا گالىلېي ۋاستىلىق ئۇسۇل بىلەن «پتولېمابۇس بىلەن كوپېرنىكنىڭ ئىككى چوڭ دۇنيا سىستېمىسى توغرىسىدىكى دىئالوگى» نى نەشىر قىلدۇرىدۇ. بىھۇدە زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىتاپنىڭ ئالدىغا بىر سۆز بېشى بېرىپ، ئۇنىڭغا: «كوپېرنىكنىڭ تەلىماتى پەقەتلا بىر قىياس، ئارتۇقچە غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ يازىدۇ.
گالىلېي مۇشۇنداق ئېھتىيات قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغانلار ئۇنى بوش قويىۋەتمەيدۇ. بەزىلەر پاپاغا: «گالىلېي كىتاپتا پاپا بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ...» دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ. دەسلەپ پاپا بۇنىڭدىن سەل شۈبھىلىنىدۇ، لېكىن گەپ تولا دېيىلىۋەرگەندىن كېيىن، راست ئوخشايدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1633-يىل 2-ئايدا، گالىلېي يەنە بىر قېتىم رىمغا چاقىرتىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ 70 ياشتىن ئاشقان ئىدى. «رىمغا قايتسۇن» دېگەن بۇيرۇق قورقۇنچلىق بۇيرۇق ئىدى. رىمغا چاقىرتىلغانلارنىڭ قايتىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى. ئەمدىلىكتە بۇ بۇيرۇق ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىدى.
گالىلېينىڭ سوراققا تارتىلغان سوت مەيدانى گالىلېينىڭ سوراققا تارتىلغان سوت مەيدانى
گالىلېي رىمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، سوتقا تارتىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن سوراق قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا «پاپاغا قارشى تۇردى، تەتۈر تەلىماتنى تەرغىپ قىلدى» دېگەن بەتنام چاپلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى باش ئېگىپ، گۇناھىنى ئىقرار قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىزىمۇ ئۇنىڭغا يىغلاپ-يالۋۇرۇپ، نۇرغۇن خەت يازىدۇ، لېكىن گالىلېي قىلچە غەم قىلمايدۇ، ئۇ ھېچقانداق تۆۋە قىلغۇدەك گۇناھ قىلغىنىم يوق دەپ ئويلايدۇ، ئۇ سوتتا: «تۆۋە قىلىمەنما؟ نېمىگە تۆۋە قىلىدىكەنمەن؟...راست گەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆز ئېتىقادىمدىن ۋاز كېچىپ، خۇدانى يالغانچى دېيىشىم كېرەكمۇ؟» دېگەن.
سوتچىلار ئۇنىڭغا ھەم نەسىھەت قىلىپ، ھەم پوپوزا قىلىپ، قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي سوراق قىلىپمۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقىرالمايدۇ، پاپانىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، مەھكىمە شەرئىنى بەك «كەڭچىلىك» قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەھكىمە شەرئى گالىلېينى قىيناپ سوراق قىلىشقا باشلايدۇ. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گالىلېي قىيناپ سوراق قىلىنغان سوتقا ئېلىپ كېلىنىدۇ، يۇقۇرىدا ئولتۇرغان قىزىل كىيىملىك باش دىندارلار ئەيمەنمەستىن بۇ 70 ياشتىن ئاشقان تەۋەرۈك بوۋاينى تىزلاندۇرۇپ قويۇپ سوراق قىلىدۇ. ئۇلار يەنە گالىلېيغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى تۆۋە قىلىپ گۇناھىنى ئىقرار قىلىشقا قىستايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، لېكىن گالىلېي ئوخشاشلا قەتئىيلىك بىلەن: «مېنىڭدە تۆۋە قىلغۇدەك گۇناھ يوق» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈرلۈك-قورقۇنچلۇق جازالاش ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئىشىك ئالدىدا دۈشمەنلەر يەنە ئۇنىڭغا: «گۇناھىڭنى ئىقرار قىلامسەن-يوق؟» دەپ قاتتىق ۋاقىرايدۇ. گالىلېي بېشىنى بىر چايقايدۇ-دە، قىلچە پىسەنت قىلماستىن جازالاش ئۆيىگە كىرىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى مەھكىمە شەرئىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ، كىشىلەر گالىلېينىڭ ياداڭغۇ چىرايىنى كۆرگىنىدە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلىشىدۇ.
ئاخىرىدا، گالىلېي دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ كىتاپلىرى مەنئى قىلىنغان كىتاپلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. دىنىي جەمئىيەت يەنە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان مۇخلىسلارنى يىغىپ گالىلېينى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قىستايدۇ. ئۇنى پاپانىڭ ئالدىغا تۆۋە قىلىشقىمۇ ئېلىپ بارىدۇ، ھۆكۈمرانلار غەلبە بىزنىڭ بولدى دەپ ئويلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ھېچ ئويلاپ باقمىغان يەردىن، گالىلېي تىزلىنىپ ئولتۇرغان يەردىن دەس تۇرۇپ، قەتئىيلىك بىلەن: «يەر شارى يەنىلا ھەرىكەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ» دەيدۇ. گالىلېي گەرچە مۇشۇنداق قاتتىق زەربىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئۈزۈل-كېسىل تۈگىشىپ كەتمەيدۇ. قاماقتا ئىلىمى تەتقىقاتنى يەنىلا ئېلىپ بارىدۇ. قىزى ئۆلۈپ كېتىپ 7 ئايدىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مېنىڭ مېڭەم مېنى بىكار تۇرغۇزمايدۇ، مەن ھازىر «يېڭى پەن ھەققىدە سۆھبەت» دېگەن كىتاپنى يېزىۋاتىمەن». بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىچە ئىشلىمەكچى بولغان بىر ئىشى ئىدى. «يېڭى پەن» دېگىنى «مېخانىكا» ئىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان گالىلېي دائىم كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى «كۈچ» لەرنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ «تۇرغۇن سۇ مېخانىكىسى»، «ئېسىلما ھالەتتە تۇرغان جىسىملار قانۇنى»، «كۈچنىڭ ئېشىشى ۋە سۈرئەتنىڭ يوقىلىشى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى تەتقىق قىلغان ئىدى. كېيىنچە ئۇ: «ئىچكى يېپىشىش كۈچى»، «سۇنۇشنىڭ قارشىلىق كۈچى»، « ھەرىكەت»، «نۇرنىڭ چېچىلىشى» قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلغان ئىدى. بۇ سۆھبەتتىكى نۇرغۇن پاكىتلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا نيۇتون كەشىپ قىلغان «ھەرىكەتنىڭ ئۈچ قانۇنى» ئۈچۈن ئاساس بولدى.
 ئۇففىزىي (Uffizi) سەنئەت سارىيىنىڭ سىرتىدىكى  گالىلېينىڭ ھەيكىلى ئۇففىزىي (Uffizi) سەنئەت سارىيىنىڭ سىرتىدىكى گالىلېينىڭ ھەيكىلى
«يېڭى پەن ھەققىدە سۆھبەت» دېگەن ئەسەر كېيىن «مېخانىكا ۋە ھەرىكەت» دېگەن مەخسۇس ئەسەرگە ئۆزگەرتىلىپ، 1636-يىلى يېزىلىپ پۈتكەن ئىدى. شۇ يىلى يازدا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ قۇۋىتى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ، بىر يىلغا قالماي، ئوڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ، ياندۇرقى يىلى 12-ئايدا، سول كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ، قارغۇ بولۇپ قالىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ كۆزى كۆرمىسىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭىسى توختىماي ئىشلەپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆتكۈر خاتىرسى ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىردا قىلغان ئاخىرقى ئىشى ماياتنىك تېشىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى ئۆلچەشنى تەتقىق قىلىش بولدى. ماياتنىك تېشى قانۇنىنى ئۇ 50 يىلنىڭ ئالدىدا كەشپ قىلغان بولسىمۇ كۆزى قارغۇ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسقاتىدىغانلىقىنى يەنە ئويلىغان ئىدى.
گالىلېينىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى قاماقتا ئۆتىدۇ. 1642-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ ئۇلۇغ ئالىم ھەسرەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 589 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-03