برۇنو


برۇنوبرۇنو

برۇنو-ئىتالىيە ئاسترونومى. ئۇ كوپېرنىكنىڭ «يەر قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن تەلىماتىغا ئېتىقات قىلغان. ئۇ 1548-يىلى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. 10 يېشىدا دادىسى ئۇنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ مۇناستىرىغا ئاپىرىپ بەرگەن. ئۇ گەرچە مۇناستىرغا قامىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئوي-پىكرى مۇناستىرنىڭ ئېگىز تاملىرىدىن ئاللىقاچان ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلمىغان، ئەكسىچە دىن تەشەببۇس قىلغان «يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىمات» نى پاچاقلاپ تاشلاشقا بەل باغلىغان.
برۇنو مۇناستىردا دىنىي جەمئىيەتنىڭ ھەممە ئەمىر-مەرۇپلىرىغا قارىماي، نۇرغۇن ئىلمىي كىتاپلارنى دادىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ ھەمدە ئەدەبىيات ۋە پەلسەپىنى تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. برۇنو ياشلىق دەۋىرىگە قەدەم قويغاندا، نەزىرىيە دائىرسى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، دىننىڭ ساختىلىقى ۋە ئەكسىيەتچىلىگىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ «نوھ كېمىسى» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، ئىنجىلغا ئۆلگۈدەك يېپىشىۋالغان ئالىملارغا قاتتىق دەككە بېرىدۇ. برۇنو «مۇخالىپلىق» جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، دەرھال رىم پاپاسى تەرىپىدىن «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى» دەپ جاكارلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاشكارا نازارەت قىلىنىدۇ. قەيسەر برۇنو كاسايانى بىراقلا سېلىپ تاشلاپ، مۇناستىردىن بىراقلا قېچىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۆز ۋەتىنى-ئىتالىيىدىن ئايرىلىدۇ.
برۇنو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىۋېتسارىيە، فرانسىيىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرسىمۇ بارغانلا يېرىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ماقالە يېزىپ، كوپېرنىكنىڭ «قۇياش سىستېمىسى تەلىماتى» نى تەشۋىق قىلىدۇ، پتولېمابۇسنىڭ «يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتى» غا قارشى تۇرىدۇ، ئارىستوتېلنىڭ نۇرغۇن خاتا قاراشلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ بىر كىتاپ يېزىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالىدىغان، ئۆزى قىلچە مېڭە ئىشلەتمەيدىغان پروفېسسورلارنىڭ ئاسترونومىيە جەھەتتىكى خىلمۇ-خىل خاتالىقلىرىنى پاش قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇ شىۋېتسارىيىدە قولغا ئېلىنغىلى تاس قالىدۇ. فرانسىيىگە قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ تۇرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ غىپپىدە ئەنگلىيىگە بېرىۋالىدۇ.
ئۇ چاغدىكى ئەنگلىيىدە، كاپتالىزىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى بالدۇرراق، ئىدىيە ساھەسىدىكى بويۇنتۇرۇقلار ئازراق بولغاچقا، كوپېرنىك تەلىماتى خېلى كەڭ كۆلەمدە تارقالغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە، برۇنو يەنە دىگگس تەلىماتى بىلەن تونۇشۇپ، ئالەمنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرىدۇ. 1584-يىلى، ئۇ «چەكسىز، ئالەم ۋە دۇنيا» دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. ئۇ بۇ كىتاپتا كوپېرنىكنىڭ ماتېماتىكىلىق ئەقلىي خۇلاسسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ يەر شارىمۇ سەييارە، ئۇ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، دېگەن تۈپ ئىدىيىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. برۇنو: «ئالەم چەكسىز چوڭ، ئۇنىڭدىكى دۇنيالارنىڭ سانى يوق» دەپ ئېنىق كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە: «ئالەم چەكسىز بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى ماددىدۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە، ئۇ ئارىستوتېلنىڭ ئالەم چەكلىك دېگەن ئىدىيىسىنى تەنقىت قىلىدۇ. ئۇ: «تاشقى ئالەم يوق دېگەن سۆز خاتا» دەپ ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە نوقۇل ھالدىكى بىۋاستە سېزىمىنى ئاساس قىلىدىغان تەجرىبىچىلىكنى تەنقىت قىلىپ: «ھەقىقەت ھەرگىز تۇيغۇدا بولمايدۇ» دەيدۇ. ئۇ: «كىمكى سەزگۈ ئەزاسىنىڭ بىرەر شەيئىنى چۈشىنەلمىگەنلىكى ۋە كۆرەلمىگەنلىكى بىلەن ئۇنىڭ مەۋجۈتلۇغىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆزىنىڭمۇ مەۋجۈتلۇغىنى ئىنكار قىلىدۇ» دەپ كۈچلۈك تەنقىت قىلىدۇ.
برۇنو كوپېرنىكنىڭ قۇياش ئالەمنىڭ مەركىزى دېگەن تەلىماتنى ئىنكار قىلىپ، ئاسترونومىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى زور دەرىجىدە قۇياش سىستېمىسىغا جەلپ قىلدى. بۇنداق نەزىرىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، دىن ۋە ئىلاھىيەتنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسىمۇ تۈپتىن لىڭشىپ قالدى.
برۇنونىڭ ئەنگلىيىدە ئېلان قىلغان سۆزلىرى ۋە ئەسەرلىرى نۇرغۇنلىغان ھەقىقەت ئىزلىگۈچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. دەرۋەقە، دىنىي كۈچلەرنىڭ بېسىمىغىمۇ ئۇچرايدۇ. كۆپ ئۆتمەي، برۇنونىڭ ئىلمىي پائالىيىتى چەكلىنىدۇ. برۇنو نائىلاج يەنە فرانسىيىگە قايتىپ كېلىدۇ، كېيىن، گېرمانىيىگە سەرگەردان بولۇپ بارىدۇ. ئۇ ئىلغار دۇنيا قاراشنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلغانلىقى، دىنىي پەلسەپىگە ئاكتىپ قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى مەھكىمە شەرئىسىنىڭ قورقۇنۇشىنى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ. ئۇلار برۇنونىڭ بەزى دوستلىرىدىن پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن توزاق قۇرۇپ، برۇنونى ئالداپ ئىتالىيىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

رىمدىكى برۇنوغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىنغان مەيداندىكى برۇنونىڭ  ئابىدىسىرىمدىكى برۇنونىڭ ئابىدىسى (بۇ دەل برۇنوغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىنغان مەيدان)

1592-يىلى برۇنو ۋېنتسىيىدە قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدە، مەھكىمە شەرئى قاتتىق قىيناش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ برۇنونى ئۆزىنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستايدۇ، لېكىن برۇنو ھەرگىز تىز پۈكمەيدۇ. قىلچە مۇرەسسە قىلمايدۇ. ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىقتەك ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان روھىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىدىن ۋاز كەچسە كەڭچىلىككە ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باش ئېگىش نەسىھىتىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ھەمدە دىنىي جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىكلىگى، ئىپلاسلىغى ۋە شەرمەندىچىلىگىنى ئاشكارا پاش قىلىدۇ. 1599-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئارخىپ خاتىرسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «برۇنو ئۆزىنىڭ ئىقرار قىلمايدىغانلىقىنى، تۆۋە قىلغۇدەك ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى،...جاكارلىدى.»
برۇنونىڭ ھەقىقەت يولىدا كۈرەش قىلىش ئىرادىسى مەھكىمە شەرئىنى ئۆلگۈدەك قورقۇتىۋەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭغا ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ئوتتا كۆيدۈرۈش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1600-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلىغان، دەھشەتلىك بوران چىقىپ تۇرغاندا، برۇنو رىمدىكى چوڭ مەيدانغا ئېلىپ كېلىنىپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىنىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن دىندارلار خوشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پاتماي كېتىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەكسىيەتچىل بولغان «يەرنىڭ مەركەز تەلىماتى» يەنە ئەۋج ئېلىشقا باشلايدۇ، لېكىن دىننىڭ ياۋۇزلۇقى ۋە ۋەھشىيلىكى «قۇياشنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىمات» نىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. برۇنو تەرەققىي قىلدۇرغان كوپېرنىكنىڭ «قۇياشنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتى» ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 591 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-03