دىگۇ


دىگۇدىگۇ

16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، دانىيىدىكى فيۇن ئارىلىدا گۈزەللىكتە ئوردا سارايلىرىدىن قېلىشمايدىغان فوبورگ رەسەتخانىسى قۇرۇلغان. بۇ رەسەتخانىنىڭ كۆلىمى غايەت زور، ئەسۋاپلىرى تولۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ چوڭ كۈزىتىش ئەسۋابى «دىگۇ، كىۋارىرانت» دەپ ئاتالغان. دىگۇ دانىيە ئاسترونومى، ئۇ يېقىنقى زامان دۇنيا ئاسترونومىيىسىنىڭ بوۋىسى بولۇپ، يېقىنقى زامان ئاسترونومىيىسىگە ئاساس سالغان.
دىگۇ 1546-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى دانىيىنىڭ سكاننىيا ئۆلكىسىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئادوۋكات، چوڭ دادىسى ناھايىتى باي ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ، دىگۇنى كىچىكىدىن چوڭ دادىسى بالا قىلىۋالغان. ئۇ ئىنتايىن زېرەك بولسىمۇ، لېكىن چوڭ دادىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركە قىلىۋېتىشى بىلەن مەكتەپتە ئانچە ئەستايىدىل ئوقۇمىغان.

دىگۇ بىلەن كېپلېرنىڭ پارگۋايدىكى ئابىدىسىىدىگۇ بىلەن كېپلېرنىڭ پارگۋايدىكى ئابىدىسى

ئۇنداق بولسا دىگۇ قانداقلارچە ئاسترونومىيىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان؟ 1560-يىل 8-ئايدا، يەرلىك رەسەتخانا شۇ ئاينىڭ 21-كۈنى كوپېنھاگېندا كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ، شۇ كۈنى دىگۇ راستلا كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ. كۈننىڭ تۇتۇلىشىنىڭ ئالدىن بىلىۋېلىنغانلىقى دىگۇدا قاتتىق قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ.  شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بارغانلا يېرىدە ئاسترونومىيىگە ئائىت كىتاپلارنى تېپىپ ئوقۇيدۇ. پتولېمابۇسنىڭ «ئاسترونومىيىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت» دېگەن ئەسىرىنى كۆرگەندە ئۇ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە خوشال بولىدۇ. ئۇ كىتاپنىڭ ئىچىگە سىزىق، چېكىت، دۈگىلەك بەلگىلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن بەلگە ئالامەتلىرىنى قويىۋېتىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇشۇ كىتاپ بىلەن بەنت بولىدۇ. بۇ كىتاپتىكى خاتا نۇقتىنەزەرلەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.
چوڭ دادىسىنىڭ پىكىرى بويىچە بولغاندا، كەلگۈسىدە ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈن، دىگۇ ئىجتىمائىي پەننى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. ئاخىرى ئۇ دىگۇنى گېرمانىيىدىكى لېيپسگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ ھەم بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا نازارەت قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسترونومىيىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتماقچى بولىدۇ.
زېرەك دىگۇ كۆرۈنۈشتە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى ئاخشىمى ئوقۇتقۇچىسى ئۇخلاپ قالغاندا، ئۆزى ياسىغان ئاسترونومىيە ئەسۋابىنى غىپپىدە ئېلىپ چىقىپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۈزىتىدۇ.
1566-يىل دىگۇنىڭ چوڭ دادىسى ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر قايسى مەملىكەتلەرنى ساياھەت قىلىشنى باشلايدۇ ھەمدە گېرمانىيىدىكى روستوك ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئاۋگىسبۇرگدا ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلغاندا، دېئامېتىرى 39 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان چوڭ كىۋادىرانت ياساتقان، ئۇنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مىنۇتقا يەتكەن. كىشىلەر ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ، بۇنى كارامەت مۇۋەپپەقىيەت دەپ ھېساپلاشقان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ئەڭ زور تۆھپىسى، بىر يۇلتۇزنى تاپقانلىقى ئىدى. بۇ يۇلتۇزنىڭ تېپىلىشى ئارىستوتېلنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن تەلىماتىنى تەۋرىتىۋەتكەن ئىدى.

دىگۇنىڭ «كىۋارىرانت» توغرىسىدىكى ئەسىرى (1598-يىلى) دىگۇنىڭ «كىۋارىرانت» توغرىسىدىكى ئەسىرى (1598-يىلى)

بىر يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى يېرىم كېچىدە، ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغان بىر چاغدا، دىگۇ ئۆيىدىن چىقىپ مۇشۇنداقلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ، بىردىنلا خوشال بولۇپ ۋاقىراپ كېتىدۇ. ئۇ كۆزىنى كاسسوپېيادىن ئۈزمەي تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ. ئۇ كاسسوپېيادا بىر يۇلتۇزنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ خاتا كۆرۈپ قالغان بولماي دەپ باشقىلارنى چاقىرىپ بىللە قارايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن بىر يېڭى پەيدا بولغان يۇلتۇز ئىدى. ئۇ خوشاللىقىدا سەكرەپ كېتىدۇ. ئىلگىرى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن يۇلتۇزلار دۇنياسىدا، ئەمدىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار پەيدا بولغان ئىدى، بەلكى ئۇ تۈندىن-تۈنگە بارغانسېرى يورۇقلىشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى يوپتېردىن قېلىشمايتتى. دىگۇ مەلۇم ۋاقىت كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە بۇ يۇلتۇزنىڭ ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلىشىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەي قالغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ يۇلتۇز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 16 ئاي ئاسماندا كۆرۈنۈپ تۇرغان. مۇشۇ بىر يىل 4 ئاي ئىچىدە، دىگۇ ھەركۈنى كېچىسى ئۇنى بىر قېتىممۇ قالدۇرماي دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ رەڭگىنى، يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ۋە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ بارىدۇ

دىگۇنىڭ پاراگۋايدىكى قەبرە تېشى ( 1901-يىلى يېڭى قەبرە تېشى ئورنىتىلغان) دىگۇنىڭ پاراگۋايدىكى قەبرە تېشى ( 1901-يىلى يېڭى قەبرە تېشى ئورنىتىلغان)

دىگۇ توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دانىيە پادىشاھى فرىدرىخ 2 نىڭ تەكلىپى بىلەن فيۇن ئارىلىدا ئاسترونومىيە رەسەتخانىسى قۇرىدۇ. رەسەتخانا پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا فوبورگ رەسەتخانىسى دەپ نام بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۈزىتىش ئەسۋابى بولسا «دىگۇ كىۋادىرانىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. رەسەتخانىدا ئەسۋاپلار بولغاندىن باشقا، يەنە زاۋۇت، باسمىخانا ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىقلار قۇرۇلىدۇ، بۇ ياۋروپا بويىچە تۇنجى يېقىنقى زامان رەسەتخانسى ئىدى. دىگۇ فيۇن ئارىلىدا 20 يىل ئىشلەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋىرى ئىدى، گەرچە ئۇ ئاسترونومىيىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەر قوشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتىدا نۇرغۇن خاتالىقلارمۇ بار ئىدى. ئۇ: «يەر جىمجىت تۇرىدۇ، كۈن ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، سەييارىلەر بولسا ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا كۈننىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كارامەت بىر ئاسترونوم ھېساپلىنىدۇ.
دىگۇ 1601-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 54 يېشىدا پراگادا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.  


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 334 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-05