كوپېرنىك


نىكولاس كوپېرنىكنىكولاس كوپېرنىك

نىكولاس كوپېرنىك پولشالىق مەشھۇر ئاسترونوم. ئۇ ئەنئەنە بولۇپ كەلگەن يەر مەركەز تەلىماتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىلاھىيەتشۇناسلار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ كەلگەن ئالەم توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل تەبئىي پەننى ئىلاھىيەتتىن ئازاد قىلىپ، تەبئىي پەندە ئىنقىلاپ قوزغىغان. كوپېرنىكنىڭ تەلىماتى يېقىنقى زامان ئىلىم-پەن تەرەققىياتى تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە.
1473-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كوپېرنىك پولشانىڭ تولۇن شەھىرىدىكى سېن-ئانا كوچىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى سودىگەر بولۇپ، كېيىن تولۇن شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، كوپېرنىك 10 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنى، ئاكىسىنى ۋە ھەدىسىنى تاغىسى باققان. تاغىسىنىڭ ئىسمى لۇگاس ۋازلۇد بولۇپ، بۇرۇنلا ئىتالىيىگە بېرىپ ئوقۇپ كەلگەن، كۆپ مەلۇماتلىق ئادەم ئىدى. ئۇ گەرچە دىنىي جەمئىيەتتە باش روھانى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىدىيىدە ئىلغار بولۇپ، ئەمىلىيەتنى تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ ھال ياش كوپېرنىكقا ناھايىتى ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدى.

كوپېرنىكنىڭ تاغىسى لۇگاس ۋاتزېنرودېكوپېرنىكنىڭ تاغىسى لۇگاس ۋاتزېنرودې

كوپېرنىك 18 يېشىدا ئاكىسى بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شۇ چاغدىكى پولشانىڭ پايتەختى كراكوپقا بېرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن. كراكوپ شەھىرى شەرقىي ياۋروپا بىلەن غەربىي ياۋروپا كېسىشىپ ئۆتىدىغان قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بولغاچقا، شۇ چاغدا ئىگىلىكى گۈللەنگەن، مەدىنىيىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى. كوپېرنىك بۇ يەردە مەكتەپ بەلگىلىگەن ھەممە دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن تاشقىرى، مەشھۇر پروفېسسور بۇرۇچيۇسكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ، ئاسترونومىيە ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ، كۈزىتىش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش يولى قىلىپ تاللايدۇ.
كوپېرنىك ياشىغان دەۋىر ياۋروپا فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپتالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتىۋاتقان دەۋىرى ئىدى. بۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ئەكس ئېتىپ، «ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش ھەرىكىتى» مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ ھەرىكەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەركىي دۇنياچىلىق قارىشى ۋە دىنىي دۇنيا قارىشىغا قارشى تۇرۇش، دىنىي جەمئىيەتنىڭ خەلق ئىدىيىسىدىكى ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، ئىلاھىيەتنىڭ ۋە مەدرىس پەلسەپىنىڭ ئاساسىي بولغان بارلىق نوپۇز ۋە ئەنئەنىۋى ئەقىدىلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئېنگېلس بۇ دەۋىرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ، ئىنسانلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بولغان، گېگانت ئادەمگە-تەپەككۇر ئىقتىدارى، قىزغىنلىق ۋە خاراكتېر جەھەتتىكى ھەر تەرەپتىن تالانتلىق بولۇش، بىلىمى كەڭ بولۇش جەھەتتىكى گېگانت ئادەمگە موھتاج بولغان ۋە بۇنداق گېگانت ئادەم مەيدانغا كەلگەن دەۋىر». بۇنداق تارىخىي دەۋىردە ياشىغان كوپېرنىك ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، بېرىلىپ تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى ئاسترونومىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، شۇ دەۋىر موھتاج بولغان ۋە مەيدانغا كەلتۈرگەن گېگانت ئادەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

كوپېرنىك ئوقۇغان كراكوپتىكى ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئالدى ھويلىسى كوپېرنىك ئوقۇغان كراكوپتىكى ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئالدى ھويلىسى

كوپېرنىك كراكوپتا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىلىم ئىزلەش، بىلىمنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاكىسى بىلەن بىللە، ئاپپاق قار قاپلىغان ۋە ياۋروپا بويىچە «ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش ھەرىكىتى» نىڭ ئوچىغى بولغان ئىتالىيىگە ئوقۇشقا بارىدۇ. ئۇ دەسلەپ بولونا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارمىقىدىكى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، 3 يېرىم يىلدىن كېيىن پايتەخت رىمغا بېرىپ بىر يىل تۇرىدۇ.1501-يىلى بادۇيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ، ئاخىرى فالارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىدۇ. كوپېرنىك ئىتالىيەدە «ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش ھەرىكىتى» ئېلىپ كەلگەن ئىلىم-پەن ئىدىيىسىنىڭ جانلانغانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭغا بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاتاقلىق ئەرباپلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ. ئىتالىيىدە بولغان 10 يىل جەريانىدا، ئۇ دىندارلار ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپە تەربىيىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە لاتىنچىنى، يۇنانچىنى ۋە باشقا چەتئەل تىللىرىنى ئىگەللىۋالىدۇ، قەدىمكى يۇنان ۋە رىمدىكى نۇرغۇنلىغان كلاسسىك ئەسەرلەرنى ۋە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ، بولۇپمۇ ئۇ قەدىمكى يۇنان ئەسەرلىرىدىن ساددا ماتېرىيالىزىملىق شانلىق ئىدىيە چاقناپ تۇرغان مۇتەپپەككۇرلاردىن نۇرغۇن پايدىلىق ئىلھام ئالىدۇ. 1506-يىلى 33 ياشلىق كوپىرنىك ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئېلىگە قايتىدۇ.
ئۇ ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەسلەپ تاغىسىنىڭ يېنىدا ياردەملىشىپ ئىشلەيدۇ. 1512-يىل 3-ئايدا تاغىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى فلېنسبۇرگ چوڭ چېركاۋسىدا پوپ بولىدۇ، كوپىرنىك دىنىي خىزمەت ئىشلىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاساسىي زېھنىنى ئاسترونومىيە تەتقىقاتىغا قارىتىدۇ. ئۇ مۇشۇ چېركاۋنىڭ ئېگىز قۇرۇق تېمى ئۈستۈدىكى بالىخانىلىق بىنانى ياتاق قىلىپ، 30 يىل تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرنى تاللىشىدىكى سەۋەب، بۇ يەر كەڭ-ئازادە بولۇپ، شەرق تەرەپنى ھېساپقا ئالمىغاندا، قالغان ئۈچ تەرەپتە توسالغۇ يوق ئىدى. بۇ كىچىك بىنا ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ھۇلىدىن باشقا، 3 قەۋەت قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنىڭ ئىشىگىدىن قۇرۇق تامنىڭ ئۈستۈدىكى سەيناغا چىققىلى بولاتتى-دە، ئوچۇقچىلىقتىن كۈزىتىشكە باب ئىدى. ئەسلىدە ئۇ بۇ ئۆينى كىچىك رەسەتخانا قىلىپ، ئۆزى ياسىغان تۈرلۈك ئاسترونومىيە ئەسۋاپلىرى بىلەن ئاسمان ھادىسلىرىنى ئۇزۇن يىللار توختىماي كۈزەتكەن. ھەتتا 1519-يىل 11-ئايدىن 1520-يىلى 11-ئايغىچە توپتوغرا بىر يىل داۋام قىلغان بەگلىكلەر يېغىلىغى ئۇنىڭ كىچىك بىناسى ئاستىدا كەسكىن داۋام قىلىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئۇ ئاسمان ھادىسلىرىنى كۈزىتىش پائالىيىتىنى توختاتمىغان. كوپىرنىك ئەمەلىي كۈزىتىش ئارقىسىدا ئىگەللىگەن سانلىق مەلۇماتلىرى، ئۇنىڭ قۇياشىنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيىسى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولغان.
كوپېرنىك تەتقىقاتىنىڭ تېمىسى، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، قۇياش يەر شارىنى ئايلىنامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنامدۇ دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ تولىمۇ ئاددى مەسىلە، لېكىن كوپېرنىك ياشىغان ئاشۇ دەۋىردە بولسا بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن زور خەتەرلىك ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىق بولاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا ئارىستوتېل-پتولېمابۇسنىڭ يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتى تارقىلىپ يۈرەتتى. بۇ سۆز مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان مۇقەددەس دەخلىسىز «مۇتلەق نوپۇز» بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىشقا بولمايتتى.

 كوپېرنىكنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقاتى كوپېرنىكنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقاتى

ئارىستوتېل-پتولېمابۇسنىڭ يەر شارىنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتى: يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى بولغان ھالدا جىمجىت تۇرىدۇ، ئۇ ئۆز ئوقى ئەتراپىدىمۇ ئايلانمايدۇ؛ قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ سۈزۈك ئاسمان قاتلاملىرىدا تۇرۇپ، يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىشى مۇقىم؛ ئاسمان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئەبەدىل-ئەبەت يوقالمايدۇ، يەر ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭدا پەيدا بولۇش يوقىلىش بولىدۇ، دەپ ھېساپلىغان ئىدى. دەرۋەقە بۇ نەزىرىيە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن بولغان قەدىمكى زامان جەمئىيىتىدە پەيدا بولغان نەزىرىيە بولۇپ، شۇ زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش سەۋىيىسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى، بىراق، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ نەزىرىيىنى كاتولىك دىنىي جەمئىيەتلىرى سۈيئىستىمال قىلىپ، يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، قانداقتۇر يەرشارى خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئالەم مەركىزى، ئالەمنى خۇدا ئىنسانلار ئۈچۈن مەقسەتلىك تۈردە ياراتقان، ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدا تۈپ پەرق بار ۋاھاكازىلار دېيىشكەن. كاتولىك دىنى جەمئىيىتى، يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيە دىنىي ئەقىدە بىلەن تەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭدىن مۇتلەق گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن گۇمانلانسا يولدىن چىققانلىق بولىدۇ دەپ ھېساپلاپ كەلگەن، چۈنكى يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيە ئىنكار قىلىنسا فېئوداللىق ئىلاھىي ھوقۇق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسىي ئىنكار قىلىنغان بولاتتى. دېمەك، خۇددى كېيىنكى ۋاقىتلاردا رىم پاپىسىنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئەگەر يەر شارى سەييارىلەرنىڭ بىرى بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئىنجىلدا ئېيتىلغان چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يەر يۈزىدە پەيدا بولىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمىغان بولاتتى».
كوپېرنىك ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە، دىنىي ئەقىدىلەرگە خۇراپىيلارچە ئىشەنمەي، زوراۋانلىقتىن قورقماي، تەتقىقاتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، نۇرغۇنلىغان كۈزىتىش ماتېرىياللىرى ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى يۈرەكلىك ھالدا ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئۇ، يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس، ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، يەر شارىمۇ قالغان سەييارىلەرگە ئوخشاشلا قۇياشنى مەركەز قىلغان دۈگلەك ئوربىتىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھالبۇكى يەر شارى يەنىلا توختىماي ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. كوپېرنىك، ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ يەر شارىنى مەركەز دەپ ھېساپلىغانلىقى ئۇلارنىڭ يەر شارىنىڭ توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى سەزمىگەنلىكىدىن، نەتىجىدە يەر شارىدىكى كىشىلەر ھەركۈنى كۈننىڭ شەرقتىن چىقىپ، غەربتە پاتىدىغانلىقدەك ھادىسىگە قاراپلا خاتا ھالدا قۇياش ۋە باشقا پىلانتلارنىڭ ھەممىسى يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ دەپ قارىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى، بۇ خۇددى كىشىلەر كېمىدە ئولتۇرغىنىدا، ھەمىشە كېمە ماڭماي، ئىككى قاسناقتىكى نەرسىلەر مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

نىكولاس كوپېرنىكنىڭ كراكوپتىكى ئابىدىسىنىكولاس كوپېرنىكنىڭ كراكوپتىكى ئابىدىسى
كوپېرنىڭ گەرچە قۇياشنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى بەرپا قىلىش ئىشىنى ئورۇنلاپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋاقىتتا بۇنى دەرھال قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ يېڭى نەزىرىيە ئېلان قىلىنسا جەزمەن دىنىي جەمئىيەتنىڭ ۋە كونا ئەنئەنىۋى كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر قانچە قېتىم تولۇقلاش، تۈزىتىش ئارقىسىدا، ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى نەزىرىيىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، 1543-يىل 3-ئايدا نەشىر قىلىنغان «پىلانتلار ھەرىكىتى» ناملىق ئەنە شۇ ئۆچمەس ئەسىرى ئىدى. لېكىن تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، كىتاپ ئەمدىلا نەشىردىن چىققاندا، بۇ ئۇلۇغ ئالىم شۇ ئاينىڭ 24-كۈنى 70 يېشىدا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ.
شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىتتا «پىلانتلار ھەرىكىتى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى تەبئىي پەن تارىخىدىكى زور ۋەقە ئىدى. ئېنگېلس بۇ ئەسەرگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كوپېرنىك «بۇ كىتابى بىلەن (گەرچە دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاپات بولۇش ئالدىدىلا بولسىمۇ) تەبئىي شەيئىلەر جەھەتتىكى دىنىي جەمئىيەت نوپۇزىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەبئىي پەن ئىلاھىيەتتىن ئازاد بولۇشقا باشلىدى. ئىلىم-پەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تېخىمۇ زور قەدەم بىلەن ئالغا يۈكسەلدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 758 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-03