تېلېس

بۇنىڭدىن 2600 يىلدىن كۆپرەك ئىلگىرى، يۇناندا تېلېس دېگەن مەشھۇر ماتېماتىك ئۆتكەن. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 624-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 527- يىلى ئۆلگەن. تەخمىنەن يۈز يىلغا يېقىن ياشىغان. ئۇ ئاسترونومىيىنى ۋە ماتېماتىكىنى بىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئىنسانلار تارىخىدا بالدۇرراق ئالىم بولۇپ تونۇلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «ئىلىم-پەننىڭ بوۋىسى» دەپ ئاتاشقان. تېلېسنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاقسۆڭەك بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدە ئوبدان تەربىيە كۆرگەن. ئۇ زاماندا پۈتكۈل جەمئىيەت تېخى نادان، قالاق ھالەتتە بولۇپ، كىشىلەر نۇرغۇن تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنەلمەيتتى. لېكىن تېلېس ھەمىشە تەبىئەت ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزلىنىپ كۆرۈشنى خىيال قىلىپ كەلگەن. بىر كۈنى قۇياش يۈزىنى تۇيۇقسىزلا بىر قارا تۈتەك قاپلاپ كېتىدۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كىشىلەر قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ ۋاقىرىشىپ كېتىدۇ. بەزىلەر: قۇياشنى ئالۋاستى يەپ كەتتى! دېيىشىپ، قۇياشنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن، كۈچىنىڭ بارىچە ئاسمانغا قارىتىپ سانسىزلىغان ئوقيالارنى ئاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالۋاستىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. يەنە بەزىلەر دۆۋە-دۆۋە گۈلخان يېقىپ، ئوتنىڭ نۇرى بىلەن قۇياشنىڭ نۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
قۇياشنى قارا تۈتەك قاپلاپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بۇ چاغدا تېلېسقا ئايان ئىدى. بىراق كىشىلەر نېمىنىڭ ئىلىم-پەن ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تېلېسنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالمايدۇ، تېلېس پاكىت بىلەن قايىل قىلمىغىچە، نادان خەلقىنىڭ ئىلىم-پەنگە مەڭگۈ ئىشەنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياشنى قايسى چاغدا قارا تۈتەك قاپلايدىغانلىقىنى ھېساپلاشقا كىرىشىدۇ. ئۇ كۈن تۇتىلىدىغان ۋاقىتنى توغرا ھېساپلاپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنى: «ئاسماندىكى ئىشنى سەن بىلەتتىڭما؟ بۇنىڭ نومۇس قىلمىغىنىنى» دەپ زاڭلىق قىلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر: «قېنى شۇ كۈنى كۆرىمىز، ئەمىلىيەتتە يالغان بولۇپ چىقسا، سەن بىلەن ھېساپلىشىمىز» دەيدۇ.
مىلادىدىن 585-يىل ئىلگىرىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم كوچىغا يىغىلىپ، قۇياشقا تىكىلىپ قاراپ تۇرىشىدۇ، دېگەندەك قۇياشنى قارا تۈتەك قاپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر لام-جىم دېمەي تارقىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا تېلېس كۈن تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپلا قالماستىن، بەلكى قۇياشنىڭ ئاجايىپ چوڭ نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر قۇياشنىڭ دېئامېتىرى ئاران بىر ئىنگلىز چىسى كېلىدۇ دېيىشەتتى. تېلېس قۇياش ئۈستىدە ئۆلچەش ۋە ھېساپلاش ئىشىنى ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىدە قۇياشنىڭ دېئامېتىرىنى تەخمىنەن 720 دىن بىرىگە تەڭ دەپ جاكارلايدۇ. بۇ سان ھازىر ئېلان قىلىنغان قۇياش دېئامېتىرى-864 مىڭ مىلدىن ئازراقلا پەرق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە دېڭىزچىلارغا كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلارغا قاراپ ماڭغاندىن چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلارغا قاراپ مېڭىش كۆپ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھېسابىدىن چىقارغان خۇلاسىسى ئىدى. كۆپ يىللاردىن بېرى، دېڭىزچىلار كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلىرىغا قاراپ، تۇرغان ئورنىنى بەلگىلەپ كەلگەن. تېلېس كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 365 كۈننى بىر يىل قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇ زاماندا ھېچقانداق ئاسترونومىيە ئۈسكۈنىسى بولمىغان شارائىتتا، موشۇنداق چوڭ كەشپىياتنىڭ بولغانلىقى ھەقىقەتەن كارامەت ئىش ئىدى.
تېلېس كېيىن يەنە مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە يەنە گېئومېتىرىيىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆگەنگىنى يەر يۈزى گېئومېتىرىيىسى بولسىمۇ، لېكىن پەيدىنپەي ئۆزگەرتىش ئارقىسىدا تەكشىلىك گېئومېتىرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ گېئومېتىرىيىگە دائىر قانۇنىيەتلەرنى ھەممىدىن ئاۋال كەشىپ قىلىدۇ. مەسلەن: «دېئامېتىرنىڭ چەمبەر ئايلانمىسىنى تەڭ بۆلىدىغانلىقى»، «ئىككى تەرىپى تەڭ بولغان ئۈچ بۇلۇڭدا تەڭ تەرەپلەر قارشىسىدا ياتقان بۇلۇڭلارمۇ تەڭ بولىدۇ» غانلىقىنى، «يېرىم چەمبەرگە ئىچىدىن تېگىشكەن ئۈچ بۇلۇڭنىڭ جەزمەن تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭ بولىدىغانلىقى». بۇ قانۇنىيەتلەر قارىماققا ئىنتايىن ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك يۈرەك قېنى كەتكەندۇ-ھە! تېلېس مىسىرلىقلارغا گېئومېتىرىيە بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىسىردىكى مەشھۇر ئەل ئېھرام مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ باقماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى ھېچ تاپالمايدۇ. يەنىلا تېلېس ئۇلارغا: «ئۆزەڭنىڭ كۆلەڭگىسى بويۇڭ بىلەن تەڭ بولغان چاغدا، ئەل ئېھرامنىڭ كۆلەڭگىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىسەڭ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىپ قويىدۇ. ھازىر قارىغاندا، بۇ ناھايىتى ئاددى مەسىلە بولۇپ، ئوڭ تاناسىپ بىلەنلا ئەل ئېھرام مۇنارىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن بۇنداق يەكۈننى چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇرەككەپ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش جەريانى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ھېچكىم بۇنداق ئويلاپ باقمىغان. دېمەك، تېلېس ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئالىم. بىراق، ئۇنىڭ بىلىشىنىڭ ھەممىسىلا توغرا بولۇپ كەتمىگەن. مەسلەن، ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئەتراپى سۇ بىلەن قاپلانغان تەكشى جىسىم، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى ۋەھاكازا دەپ قارىغان.
ئۇ يەنە، سۇ دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ھەممە مەۋجۇدات سۇدىن پەيدا بولغان، ھەممە مەۋجۇدات ئاخىرى بېرىپ يەنە سۇغا ئايلىنىدۇ، سۇ پۈتمەس-تۈگىمەس، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئېنگېلس ئۇنىڭ بۇنداق نۇقتىنەزىرىنى «بىر خىل ئىپتىدائىي، ئىستىخىيلىك ماتېرىيالىزىم» دەپ ئاتىغان ئىدى. تارىخىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تېلېسنىڭ تەلىماتى تولىمۇ بالىلارچە بىۋاستە كۈزىتىش ئاساسىغىلا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى قارىشى بىر خىل قىياستىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزىمى ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ماتېرىيالىزىم ئىدى.  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 502 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-30