گالوئىس
1811-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى پارىژ ئەتراپىدىكى بىر كەنتتە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ
دادىسى كەنت باشلىقى بولغانلىقتىن، ئائىلە تۇرمۇشى بىر قەدەر ياخشى ئۆتكەن. ئۇ
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئوقۇش نەتىجىسى پەۋقۇلادە ياخشى بولغانلىقتىن،
ئالاھىدە سىنپقا ئايرىلىدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى لىسار ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل
بۆلىدۇ، چۈنكى گالوئىس ماتېماتىكىدا ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق تالانتىنى
كۆرسىتىدۇ. دەسلەپ
گالوئىسمۇ بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى ئالگېبرالىق يېشىش ئۇسۇلى بويىچە قىيىن
ئۆتكەلنى بۆسۈشكە بەل باغلايدۇ. لېكىن ئۇمۇ ئابېلغا ئوخشاشلا، بىرىنچى تەتقىقاتتا
نەتىجە قازىنالمايدۇ، لېكىن ئىرادىسىنى بوشاشتۇرمايدۇ. مەشھۇر ماتېماتىكلاردىن
ئورا، گاۋس، جاكوپ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى داۋاملىق تەمكىنلىك بىلەن
قاتتىق بېرىلىپ تەتقىق قىلىدۇ.
1828-يىلى
گالوئىس 17 يېشىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭلىملەرنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش
ئۇسۇلى توغرىسىدا ماقالە يېزىپ، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يوللاپ بېرىدۇ. بۇ
ماقالە دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش بۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يوقىلىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى
يىلى گالوئىس بۇ ماقالىنى قايتىدىن يېزىپ يەنە فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە
يوللاپ بېرىدۇ. ئۇنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان كىشى-فۇريېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن
بۇ ماقالە يەنە يوقىلىپ كېتىدۇ. كېيىن
ئاكادېمىك يوسسون گالوئىسنىڭ ماقالىسى يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر
قېتىم يېزىپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. 1831-يىلى گالوئىس ماقالىسىنى ئۈچىنچى قېتىم يېزىپ
چىقىدۇ. 4 ئايدىن كېيىن يوسسون تەكشۈرۈش پىكىرىدە: «پۈتۈنلەي چۈشەنگىلى
بولمايدىكەن» دەپ يازىدۇ. نوپۇزلۇق كىشىنىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمى بۇ كىچىك ئەربابنىڭ
يۈرىكىگە خەنجەر ئۇرغاندەك بولىدۇ. كېيىن ئىجتىمائىي سىياسىي كۈرەشنىڭ
كەسكىنلىشىشى بۇ ياش بالىنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ گالوئىس جۇمھۇرىيەتچىلەر
قاتارىدا 1830-يىلى يىلدىكى ئىنقىلاپقا قاتنىشىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ قولغا
ئېلىنىپ، بىر نەچچە ئاينى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>