يانوش پويوې

مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرى، يۇناندا ئىۋكلىد دېگەن چوڭ ماتېماتىك ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ «گېئومېتىرىيىنىڭ ئەسلى» دېگەن كىتاپنى يازغان، كېيىن ئىۋكلىد گېئومېتىرىيىسى دەپ ئاتالغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە، ماتېماتىكلار ئىۋكلىد گېئومېتىرىيىسىنىڭ بەشىنچى ئاكسىىيۇمىسى گۇمانلىنىشقا تېگىشلىك، كەلگۈسىدە ئىۋكلىد گېئومېتىرىيىسىدىن باشقىچە، مۇستەقىل بىر گېئومېتىرىيە بەرپا قىلىنىشى مۇمكىن دېگەن قاراشقا كەلگەن. بۇ ئاكسىيۇمدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈز سىزىق سىرتىدىكى بىر نۇقتىدىن بۇ تۈز سىزىققا پاراللىل قىلىپ بىردىن ئارتۇق تۈز سىزىق سىزىش مۇمكىن ئەمەس». ئىككى تۈز سىزىقنىڭ پارالىللىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىككى ئۇچىنى چەكسىز سوزۇش كېرەك، ھەمدە، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ھېچ يەردە كېسىشمەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، بەشىنچى ئاكسىيۇمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن-ئۇيغۇن ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بىردىن ئارتۇق پارالىل سىزىق ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس دېيىشكە قانداق ئاساس تېپىش مۇمكىن؟ 5-ئەسىردىن بۇيان بۇنى تەتقىق قىلغۇچىلار بولغان، لېكىن تەتقىقاتنىڭ ئايىغى چىقمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى مەشھۇر ماتېماتىكلار بولۇپ، لېكىن ئۇلارمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر نەچچە ماتېماتىك بۇ قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ تاشلىدى، ئۇلارنىڭ بىرى ۋېنگرىيە ماتېماتىگى يانوش بولدى.
يانوش پويوې 1802-يىلى كاپوشۋاردا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. يانوش كىچىكىدىن باشلاپلا ماتېماتىكىغا بەك قىزىقىدۇ، كېيىن دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالىي ماتېماتىكىغا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ۋېنادىكى خانلىق قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ھەربىي قۇرۇلۇش كەسپىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە يانوش ئىۋكلىد گېئومېتىرىيىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. 1820-يىلدىن باشلاپ ئۇ بەشىنچى ئاكسىيۇمنى دەلىللەشكە كىرىشىدۇ ۋە تېزلا ئۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭى گېئومېتىرىيە بەرپا قىلىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئۆمۈر بويى بەشىنچى ئاكسىيۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەپىلىشىپ ھېچ نەتىجە قازىنالمايدۇ. ئۇ ئېچىنغان ھالدا ئوغلىغا خەت يېزىپ، بۇنداق سىناقنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋاقتىنى، دەم ئېلىشىنى، سالامەتلىكىنى ۋە بەختىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. لېكىن يانوش دادىسىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ.
1822-يىلى يانوش قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندە، نەتىجىسى ئەلا بولغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپكە ئېلىپ قېلىپ بىر يىل ئالاھىدە ھەربىي قۇرۇلۇش ئىشىنى تەتقىق قىلدۇرىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن دايىشۋارغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاننىڭ سىرتىدا، ئۆزىنىڭ يېڭى گېئومېتىرىيىسىنى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ. 1823-يىلى بەشىنچى ئاكسىيۇمنى ئىنكار قىلىدىغان «بوشلۇقتىكى مۇتلەق گېئومېتىرىيە» نى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ دادىسىغا: «مەن پارالىل سىزىق توغرىسىدىكى ئەسەرنى قەتئىي نەشىر قىلدۇرىمەن، ھازىر مەن تېخى مەقسەتكە يەتمىدىم، لېكىن بەزى نەتىجىلەرگە ئىگە بولدۇم» دەپ خەت يازىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى 21 ياشلىق ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىگە ئىشەنمەيدۇ. ئوغلىنىڭ پارالىل سىزىق نەزىرىيىسى جەھەتتىكى نۇقسانلىرىنى يېڭىشتە بىرەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا بولسا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ. 1825-يىلى، يانوش 23 يېشىدا، غەيرىي ئىۋكلىد گېئومېتىرىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرىدۇ. لېكىن دادىسى نەشىر قىلدۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىماي تۇرىۋالىدۇ. 1826-يىلى يانوش يەنە غەيرى ئىۋكلىد گېئومېتىرىيسىنىڭ نېمىسچە كۆچۈرۈلمىسىنى ئانا مەكتىپىدىكى ماتېماتىكا پروفسسورى كۋىلغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بەختكە قارشى بۇ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى ئۇ كىشى يوقىتىپ قويىدۇ. 1831-يىلى يانوش دادىسىغا ئۆز ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ بېرىشنى قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئوغلىنىڭ ئەسىرىنى ئۆز ئەسىرىنىڭ «قوشۇمچىسى» قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ. نەشىردىن چىقىشتىن ئىلگىرى، ئاتا-بالا ئىككىسى مەشھۇر ماتېماتىك گاۋسنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى، دەپ بىر نۇسخا باستۇرۇپ گاۋسقا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. گاۋس «قوشۇمچە» نى ئېلىپ قاتتىق ھاڭ-تاڭ بولىدۇ، ئۇ قوشۇمچىنىڭ ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوپ-ئوخشاش چىققانلىقىنى بايقايدۇ.
يانوش پويوې بەشىنچى ئاكسىيۇمنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان مۇنداق بىر ئاكسىيۇمنى يەنى: «تۈز سىزىق ئۈستىدە بولمىغان بىر نۇقتىدىن بېرىلگەن تۈز سىزىققا پارالىل قىلىپ ئاز دېگەندە ئىككى تۈز سىزىق ئۆتكۈزۈش مۇمكىن دېگەن ئاكسىيۇمنى قوللىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ يېڭى ئاكسىيۇما ۋە باشقا ئاكسىيۇملار ئاساسىدا، ئاخىرى يېڭى غەيرى ئىۋكلىد گېئومېتىرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ گېئومېتىرىيە ئاسترونومىيە ۋە ئالەمشۇناسلىقتا قوللىنىدۇ. 1831-يىلى يانوش لانبۇرگقا خىزمەتكە يۆتكىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ بەزگەك ۋە خولېرا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكى كۆرۈنەرلىك ھالدا ناچارلىشىپ كېتىدۇ. دوختۇرلار ئۇنىڭ يەنە تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىشىگە قوشۇلمايدۇ، يانوش بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەربىي قۇرۇلۇش كەسىپىنى تاشلاپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ تەستىقلانمايدۇ. 1832-يىلى خىزمىتىدىن يۆتكەلگەندە، يولدا ھارۋا ئۇرۇلۇپ كېتىپ، مېڭىسى قاتتىق سىلكىلىنىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ پادىشاھقا خەت يېزىپ، ماتېماتىكا تەتقىقاتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىزاھلاپ، ماتېماتىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن پادىشاھ ئۇنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، دەپ ھېساپلايدۇ. 1833-يىلى 5-ئايدا ئۇنى مەجرۇھ جۈنگۇەنلەر قاتارىدا ئائىلىسىگە قايتۇرىدۇ. شۇ يىلى 6-ئايدا يانوش كېسەل ۋە نامرات ھالدا ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. كۆپ ئۆتمەي يانوشنى دادىسى چەت ياقىدىكى ماردېغا قوغلىۋېتىدۇ. ئۇ ماردېدا ھەرخىل خورلىنىشقا ۋە زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ئەسلى توي قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن چېركاۋ رۇخسەت قىلمىغانلىقتىن، بويتاق ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ئۇ بۇنداق زۇلۇم ۋە خورلۇققا تىز پۈكمەي، ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
1848-يىلى ئەتىيازدا، پارىژ فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ بورىنى ۋېنگىرىيىگە يېتىپ كېلىدۇ. يانوش ۋېنگىرىيە مىللىي مۇستەقىللىق-ئازادلىق ھەرىكىتى يولىدىكى كۈرەشكە قاتنىشىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ئىسلاھات مەسىلىسىنى تېما قىلىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزۇن يىل ئازاپ ۋە زەربە نەتىجىسىدە، يانوشنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. يانوشنىڭ ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەقىقەت ئىزلەش يولىدىكى غەيرەت-شىجائىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە چىقىش يولىدا توسقۇنلۇقلارنى سۈپۈرپ تاشلاش، خېيىن-خەتەردىن قورقماسلىقتەك روھى مەڭگۈ ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 72 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-30