ئابېل


ئابېلئابېل
ئابېل 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ياش ماتېماتىك. ئۇ 1802-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلوغا يېقىن بىر جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى يېزىدا پوپ بولغان، ئەپسۇسكى ئۇ بۇرۇنلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئابېل دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا نامراتلىققا دۇچ كېلىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدە، ئۇ ماتېماتىكىغا بەك قىزىقىدۇ. بولۇپمۇ نيۇتون قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ گويا «ماتېماتىكا مەستانىسى» بولۇپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ مەكتەپ بويىچە قىيىن مەسىلە دەپ تونۇلغان «بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلى» غا قاتتىق ھۇجۇم قوزغايدۇ. گەرچە ئۇ ھېچ نەتىجە چىقىرالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن بۇ بالىنىڭ قەيسەرلىگىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
ئابېلنىڭ قوليازمىسىئابېلنىڭ قوليازمىسى
ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇرۇنلا ھەل قىلىنىپ بولغان. «ئۈچىنچى دەرىجىلىك»، «تۆتىنچى دەرىجىلىك» لەر ئۈستىدىمۇ ئىتالىيە ماتېماتىكى تاتالىياۋ، كاداننو، فېلالىلار ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلىنىڭ فورمۇلىسىنى تېپىپ بولغان. لېكىن، «بەشىنچى دەرىجىلىك»، «بەشىنچى دەرىجىلىك» تىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭلىملەرنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلى بىر نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن. بۇ ھال، خۇددى فرانسىيە ماتېماتىكىلىرى ئېيتقاندەك: «ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئېلان قىلىنغان مۇسابىقە» ئىدى.
1824-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 22 ياشلىق ئابېل «بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە» نى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ماتېماتىكىلىق ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئىلمى ماقالە يازىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى تاھازىرغىچە تارقىلىپ كەلمەكتە.
بىر ياش يىگىتنىڭ ماتېماتىكىدا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىغا شۇ چاغدا ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەر ئىشەنمىگەن. بۇ ماقالە ياۋروپا بويىچە ماتېماتىكا نوپۇزى بولغان گاۋسنىڭ قولىغا تەگكەندە، ئۇ: «نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! مۇشۇنداق نەرسىنىمۇ يازامدىكىنا!» دېگەن. بۇ گاۋسنىڭ ماقالىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىدىن بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئابېل ماتېماتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە يەنە نۇرغۇن يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ئېلان قىلغان، ئەڭ مۇھىمى-1826-يىل 7-ئاينىڭ 12-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا پارىژدا يازغان «پارىژ ئىلمى ماقالىلىرى» دىن ئىبارەت. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك فۇنكىسىيلەر توغرىسىدىكى ئۇزۇن ماقالىلەر بولۇپ ئابېل ئۇلارنى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. لېكىن ئۇنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تاشتەك ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان. ئابېل كېيىن فرانسىيىدىن ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتكەن. ئابېل ئۆلۈپ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، شۇنچە يىللار تاشلىنىپ قالغان بۇ «پارىژ ئىلمى ماقالىلىرى» نى 1841-يىلى جاكوبى تېپىپ ئېلان قىلىدۇ. ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا 19-ئەسىردىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ماقالىلەر قاتارىغا ئۆتىدۇ.
ئابېل خاتىرە تېشى ئابېل خاتىرە تېشى
ئابېل ئاز ئۆمۈر كۆرگەن، ئۇ دۇنيادا ئاران 27 يىل ياشىغان. ئۇ 1829-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. 3 كۈندىن كېيىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنى ماتېماتىكا پروفېسسورلىقىغا تەكلىپنامىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ئەپسۇسكى بۇ چاغدا ئۇ ئۇزاق ئۇيقىغا كېتىپ قالغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 566 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-30