لېيبنىز


لېيبنىزلېيبنىز
دېفرىنىسىيال–ئىنتېگرال ئىلمى17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، نيۇتون بىلەن لېيبنىز تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇنىڭ بەرپا قىلىنىشى يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىپ بەردى. لېيبنىز 1646-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيىنىڭ لېيپسىگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا لېيپسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭدا ماتېماتىكا ۋە تەبئىي پەنگە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغان، لېيپنىز 20 يېشىدىلا شۇ چاغدىكى دۇنيادا تارقىلىپ يۈرگەن تۈرلۈك ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىققان. 1666-يىلى ئۇ تۇنجى ماتېماتىكا ماقالىسى-«توپلام» نى ئېلان قىلغان. «توپلام» يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ تارمىغى بولۇپ، ماتېماتىكا-فىزىئولوگىكىسىنىڭ بېشارىتى ئىدى.
لېيبنىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىش بىلەنلا دېپلوماتىك ئەمەلدارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن، لېكىن ئۇ ماتېماتىكا ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى تاشلاپ قويمىغان. 1672-يىلى، ئۇ فرانسىيىدە زىيارەتتە بولغاندا، گوللاندىيىلىك ئالىم ھۇيگېنس بىلەن دوست بولۇپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى زور تەربىيە ئالغان. لېيبنىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقات دائىرسى كەڭ بولۇپ، ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىينىلا تەتقىق قىلىپ قالماي، بەلكى ماشىنسازلىق ئىلىمى، بىئولوگىيە، تىببى ئىلىم قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى يۈكسەك ئىجادىي قاراشلىرى بولغان. ئۇ قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرىنى ئىشلەيدىغان ھېساپلاش ماشىنىسىنى ئىجاد قىلغان چېغىدا تېخى 30 ياشقا كىرمىگەن.
رەقەملىك مېخانىكىلىق ھېساپلاش ماشىنىسى رەقەملىك مېخانىكىلىق ھېساپلاش ماشىنىسى
لېيبنىز بىلەن نيۇتون «دېفرىنسىيال-ئىنتېگرال» نى كەشىپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىتالىيلىك كاۋلىلى چەكسىز كىچىكلىك چۈشەنچىسى بىلەن ئېنتېگراللىق ھېساپلاش ئېلىپ بېرىپ، ئىنتېگرال فورمۇلىلىرىنى تاپقان ئىدى. فرانسىيىلىك فېرماتمۇ فۇنكىسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ كىچىك قىممەتلىرىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزلىنىپ، ئاخىرى دېفرىنىسىيال-ئېنتېگرالغا يېقىنلاشقان ئىدى. لېيبنىز بىلەن نيۇتون بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، قاتتىق تىرىشىپ ۋە بېرىلىپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەر ئىككىلىسى ئىلگىرىكى كىشىلەر چىقالمىغان يۇقۇرى پەللىگە چىققان. دېفرىنسىيال-ئىنتېگرالغا دائىر ئومۇمى ئۇقۇملارنى يەكۈنلەپ چىقىپ، ھېساپلاش قائىدىلىرىنى تاپقان. بولۇپمۇ، بۇ ئىككى خىل ھېساپلاش ئوتتۇرىسىدىكى تەتۈر مۇناسىۋەتنى كەشىپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن مېخانىكا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا جەھەتتىكى بەزى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. لېيبنىز غەلبىسېرى ئىلگىرلەپ، ئىلىم-پەن يولىدا داۋاملىق ئىزلەنگەن. ئۇ يەنە دېفرىنسىيال-ئىنتېگرال بەلگىلىرىنى ئىجاد قىلغان. بۈگۈنگىچە قوللىنىلىۋاتقان فۇنكىسىيە، كوئوردىنات دېگەنگە ئوخشاش ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ ھەممىدىن ئاۋال شۇ قوللانغان.
دۆلەتلىك پولشا كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىپ قالغان لېيبنىزنىڭ خەت-چەكلىرىدۆلەتلىك پولشا كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىپ قالغان لېيبنىزنىڭ خەت-چەكلىرى
لېيبنىز بىلەن نيۇتوننىڭ «دېفرىنىسىيال-ئىنتېگرال» ئىلمى ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ ھامان باش روھانى بىركلى باشچىلىغىدىكى بىر توپ ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ غالجىرلارچە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان، لېكىن ئىلىم-پەننى قامال قىلىپ بولمايتتى، ھەقىقەتنىمۇ ئۇجۇقتۇرۇپ بولمايتتى، ھەقىقەت يولىدا ئىزلەنگۈچى ئالىملارنىڭ يۈز يىلدىن ئارتۇق قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دېفرىنىسىيال-ئېنتېگرال ئىلمىنىڭ نەزىرىيە ئاساسىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، لېيبنىز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئىدىيە جەھەتتە كونىلىقنى ساقلىغۇچى قورقۇنچاقلاردىن بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتىمۇ زاۋاللىقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قانچە دۆلەتتىكى ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇنداقلا بېرلىن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقىدەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆتىگەن، ھەتتا ئىمپىرىيىنىڭ بارونى دېگەن نامغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تۆھپىسى ئاللىقاچان ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قايسى بىر ئالىم بولمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقەت ئىزلەش يولىدىكى جاسارىتى ۋە خىسلىتىنى يوقىتىپ قويىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ تالانتى خۇددى كۈز كۈنلىرىدىكى گۈلگە ئوخشاپ قالىدۇ-دە، ئاستا-ئاستا قۇرۇپ تۈگەيدۇ.
لېيبنىز 1716-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولىدۇ. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 277 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-30