ئانالىتىك
گېئومېتىرىيىنىڭ ئاساسچىسى رېنى دېكارت-فرانسىيىنىڭ 17-ئەسىردىكى مەشھۇر
ماتېماتىكىشۇناسى، فىزىكىشۇناسى ۋە پەيلاسوپى. دېكارت
1596-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى دۆلەن شەھىرىدە بىر يەرلىك
پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئائىلسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدە فلېشىدىكى ھۆكۈمەت
مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن مەكتەپنىڭ ئىدىئالىستىك پەلسەپىۋى بىلىملەرنى
سىڭدۈرگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، 1616-يىلى مەكتەپتىن چېكىنىپ دۇنيا ئەللىرىنى
ساياھەت قىلىشقا چىققان. ئۇنىڭ دۇنيانى ساياھەت قىلىشتىن مەقسىدى، ھەقىقەت
كاتىگورىيسىدىن ھەقىقىي بىلىمنى ئىزلىنىش ئىدى. ئۇ
فرانسىيىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، گوللاندىيە، دانىيە،
گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە بارغان. ئۇ
بۇ مەملىكەتلەردە، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ نەزەر
دائىرسىنى كېڭەيتكەن، سانسىزلىغان قىممەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولغان. ئۇ 1625-يىلى
فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال پارىژدا ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشىپ
كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن، 1628-يىلى كۈزدە
گوللاندىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
1629-1633-يىللىرى. «دۇنيا توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرنى يازغان. بۇ كوپېرنىك تەلىماتىنى مەركىزىي مەزمۇن
قىلغان ئىلمىي ئەسەر ئىدى. 1641-يىلى يەنە «مىتافىزىكىلىق خىيال» دېگەن ئەسىرى نەشىر
قىلىنغان. ئۇنىڭدا ھەقىقەت تەشۋىق قىلىنغانلىقى، ئارىستوتېل تەلىماتىغا چېقىلىپ
قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، بىر پارلامېنت ئەزاسى سەكرەپ چىقىپ ئۇنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق
قىلغان. دېكارت بۇنداق زىيانكەشلىككە باتۇرلۇق بىلەن رەددىيە بېرىپ ۋە قارشى
تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەلىماتىنى قوغدىغان، لېكىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتابنى
تارقىتىش مەنئى قىلىنغان. 1644-يىلى دېكارت «پەلسەپە قائىدىلىرى» دېگەن ئەسىرىنى
نەشىر قىلدۇرۇپ يەنە چوڭ بالاغا قالغان، ئىلاھىيەتچىلەر سوتقا دېكارت يېڭى
ئىدىيىسىنىڭ تارقىتىلىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ
دېكارت تەلىماتىدىن دەرس بېرىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان. دېكارتنىڭ پۈتۈن
«جىنايىتى» تالانت دېگەن نېمىنى ئېتراپ
قىلمىغانلىقى بولغان. ئۇ ئادەملەردە پەرقنىڭ بولۇشى، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش
بولمىغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىغان. ئۇ توغرا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي
تەتقىقاتتىكى رولىنى تەكىتلىگەن. ئىلىم-پەن
بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتىدە، دېكارت ئەمىليەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پەلسەپىنى
بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئۆزى ماتېماتىكىغا ئۆزگىرىشچان ساننى كىرگۈزۈپ،
1637-يىلى ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنى بەرپا قىلىپ، ماتېماتىكىنى دېئالېكتىكا
ساھەسىگە كىرگۈزگەن، بۇ ئۇنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئەڭ زور تۆھپىسى بولۇپ
ھېساپلىنىدۇ. دېكارت
ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسى ۋە ئالگېبراسىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تەھلىل قىلىپ: «مېنىڭچە، بۇ
ئىككى پەننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما ئۇلارنىڭ
كەمچىلىكلىرىدىن خالىي بولغان باشقا بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش كېرەك» دېگەن. بۇ
ئۇسۇل ئالگېبرا بىلەن گېئومېتىرىيىنىڭ بىرلىگى بولغان ئانالىتىك گېئومېتىرىيە
ئىدى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3
>