خەتكۈچ: چىڭغىز تۆرە قۇلۇۋىچ ئايتماتوۋ قىرغىزىسىتان Чыңгыз Айтматов 钦吉兹·艾特马托夫
چوققىلاش 23 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز تۆرە قۇلۇۋىچ ئايتماتوۋ (1928-2008) 1928-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىسىتان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تالاس ۋىلايىتى قارابۇرا (بۇ ناھىيە نامى سوۋېت دەۋرىدە «كىروف» دەپ ئاتالغان _ نازىمى) ناھىيىسىنىڭ شېكەر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ قىرغىزىستان ۋە روسىيە قوش تەۋەلىكىدە بولۇپ،1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە روسىيەنىڭ لىيۇكسىمبورگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، 1993-يىلىدىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، شۇنداقلا بىلگىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسىمبورگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، كۆپ قېتىم قىرغىزىستان خەلقىنىڭ پرېزىدېنت بولۇش تەكلىۋىنى رەت قىلغان. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيىدە كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
چىڭغىز ئايتماتوۋ سوۋىتنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە باش كۆتۈرگەن ئەڭ داڭلىق يازغۇچى بولۇپ، ئەسەرلىرىنى قىرغىزچە ۋە رۇسچە يازىدۇ. ئايتىماتوۋ يېزىدا تۇغۇلغان، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات نامراتچىلىقتا ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئاتىسى ياشلىق چاغلىرىدا كومۇنىسىت بولغان، رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1939-يىلى بەختكە قارشى ھالدا سىتالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ قازا قىلغان.
چىڭغىز ئايتماتوۋ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋۋال چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجىرىبە پونكىتىدا ئىشلىگەن. 1956-يىلى «جەمىلە» پوۋىستى بىلەن داڭقى چىققان. ئارقىدىن «قىرغىز ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. كېيىن ئالاھىدە ئەۋەتىلىدىغان مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1966-يىلى «ئەلۋىدا گۈلسارە» رومانىنى ئېلان قىلغان. بۇ رومان ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشتىن پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرغىزلارنىڭ تاغلىق كەنىتلىرىدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. تېما دائىرىسى كەڭ، رېئاللىقتىكى زىددىيەتلەر چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن.
ئايتماتوۋ 70-يىللاردىن تارتىپ، يېڭى بەدىئىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىپ، رېئالىزىمدىن رېئال تەسۋىر بىلەن قىياسەنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلغان. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بۇنداق خاھىشىنى ھەممىدىن بەكرەك ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسىرى «ئاق پاراخوت». ئايتماتوۋنىڭ ئىجادىيەت نەزىرى كەڭ، ماتېرىيال مەنبەسى كۆپ بولۇپ، ئۇسۇل-ۋاستىلىرى خىلمۇ-خىل، ئوخشىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى بەك ئاز. بولۇپمۇ روشەن مىللىي ئالاھىدىلىگى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولغان. 1977-يىلى يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى «ئالا ئىت قىياسى» نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن چىڭغىز ئايتماتوۋ دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەسردىن ھالقىغان بىركۈن»، (كېيىن يېزىلغان «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى» مۇ ئەمەلىيەتتە بۇ روماننىڭ بىر بابىدىن ئىبارەت)،«قىيامەت»، «كاساندىرا تامغىسى» قاتارلىقلار دۇنيادىكى 100 خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان ۋە ياۋروپالىقلار ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ئاسىيا يازغۇچىسى بولۇپ قالغان.
ئايتماتوۋ 1966-يىلىدىن كېيىن تاكى سوۋىت پارچىلانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالىي سوۋتنىڭ ۋەكىلى، 1976-يىلىدىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سېكىرتارى، قىرغىزىستان سوۋىتىنىڭ ھەيئىتى ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1990-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پرېزىدېنت كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن روسىيە ۋە قىرغىزىستاننىڭ لىيۇكسېمبورىگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 23
>