موكۋىۋا


مىللىي قەھرىمانى موكۋىۋامىللىي قەھرىمان موكۋىۋا
1954-يىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنى غەربىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تانگانىكا (ھازىرقى تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە قىسمى) غا بىر نەپەر تانزانىيە مىللىي قەھرىمانىنىڭ باش سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭدىن 80 نەچچە يىل ئىلگىرى گېرمانىيىنىڭ باش ۋالىيسى ۋونلابورت بۇ قەھرىماننى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 5000 رۇپىيە بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۆت يىل ئىزدەپ تاپالمىغان، ئاخىرى بۇ قەھرىمان ۋەتەن يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ بېرلىنغا ئەۋەتكەن. بۇ قەھرىمان ئەينى يىللاردا تانگانىكادا ياشايدىغان مەشھۇر خوخو مىللىتىنىڭ مەشھۇر ئاقساقىلى، دەسلەپكە يىللاردىكى مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئەزىمەت، تانزانىيىنىڭ ئاتاقلىق مىللىي قەھرىمانى موكۋىۋا ئىدى. موكۋىۋا 1855-يىلى7-ئاينىڭ 19-كۈنى تانزانىيىنىڭ ئىلىنجا دېگەن يېرىدە يۇرت ئاقساقىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇنىڭ ئاتىسى مويوگوڭبا 29 كىچىك قەبىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خوخو مىللىتى دەپ ئىسىم قويۇپ، ئۆزى قەبىلە باشلىقى بولغان. 1879-يىلى موكۋىۋا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا قەبىلە باشلىقى بولدى. ئۇ ئىلىنجا يېنىدىكى كارېنجانى مەركەز قىلىپ كۈچلۈك بىر پادىشاھلىقنى قۇردى.
مۇستەملىكىچىلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ھەممە يەرگە گازارما قۇردى
1890-يىلى ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ھورگولان شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، كىلىمانجارو تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تانگانىكا ھەم ھازىرقى لۇۋاندا، بۇرۇندىلار گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىپ ئايرىپ بېرىلىپ، «گېرمانىيىگە تەۋە شەرقى ئافرىقا» دەپ ئاتالدى. گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تانگانىكاغا دېڭىز ئارقىلىق بېسىپ كىرگەن بولۇپ، دېڭىز ساھىلىدىكى مۇھىم بازار باجامونى بازار قىلىپ، ئالدى بىلەن دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى، ئاندىن تەدرىجىي ھالدا ئىچكى جايلارغا كېڭىيىپ كىردى. ئۇلار بارغانلىكى يېرىگە گازارما، ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ، ۋەھشىيلەرچە ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە تالان-تاراج قىلدى. غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى تانگانىكادىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
گېرمانىيەنىڭ موكۋىۋانىڭ باش سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بەرگەندىكى سۈرىتىگېرمانىيەنىڭ موكۋىۋانىڭ باش سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بەرگەندىكى سۈرىتى
موكۋىۋا ۋە خوخو خەلقى بۇرۇنلا گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىشكە ھازىرلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى. مۇستەملىكىچىلەر ئىچكى جايلارغا بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن، موكۋىۋا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەنۇبتىكى ئانگونى مىللىتىنىڭ ئاقساقىلى چابولوما ۋە تابولادىكى يىشىكەي بىلەن بىرلەشمە ئىتتىپاق تۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدىكى قەبىلىلەر ئارا ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن، ئىتتىپاق ۋۇجۇدقا چىقمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە زەربە بېرىش ئىرادىسى زادىلا تەۋرەنمىدى. گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى قىلىپ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئاتالمىش «سودا قوشۇنى» تەشكىل قىلىپ، ئىچكى جايلارغا بېسىپ كىردى. ئۇلار ناچار تاۋارلارنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ بەدىلىگە شۇ جايدىن كالا، قوي، پىل چىشى قاتارلىق ھەر خىل ماللارنى ئالداپ ۋە تالان-تاراج قىلىپ كەتتى. بۇ «سودا قوشۇنى» دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلاردىن تاپولا ۋە غەربىي رايونلارغا بارغۇچە موكۋىۋا پادىشاھلىقىدىن ئۆتەتتى، موكۋىۋا بۇ ئاق تەنلىك سودا قوشۇنىغا ئۆچ بولغاچقا، ئۆز تەۋەسىگە چازا قۇرۇپ، چېگردىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىدا ئېلىم-سېتىم بىلەن شۇغۇللانغان «ئەجنەبىي سودىگەرلەر» نى قاتتىق تەكشۈرۈپ چېگرا بېجى ئالدى. موكۋىۋانىڭ بۇ ھەرىكىتى گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. شۇڭا ئۇلار موكۋىۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. موكۋىۋا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەلچى ئەۋەتكەندە، گېرمانىيىلىكلەر ئەتەي كۆزگە ئىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئەلچىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇ ھال موكۋىۋانىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغىدى، ئۇ بۇنى پۈتكۈل مىللىتىمىزگە قىلىغان ھاقارەت دەپ قاراپ، باجامويودىن تاپولاغا بارىدىغان سودا يولىنى بىراقلا توسۇۋەتتى.
قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرگىز يول قويماسلىق
1891-يىلى موكۋىۋا گېرمانىيە ئىمپېرىيسىنىڭ ۋالىيسى چارلىۋسكىينىڭ بىر پارچە ئولتۇماتىمنى تاپشۇرىۋالدى. ئۇنىڭدا موكۋىۋانىڭ تەسلىم بولۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بىر سىقىم توپا ئېلىپ، باجامويوغا ئۆزى كېلىشى لازىملىقى ئېيتىلغان ئىدى. موكۋىۋا كۈرەشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، بىر تال ئوقيا ئوقى ئەۋەتتى. ئۇزاققا قالمايلا گېرمانىيىلىكلەر زور قوشۇن بىلەن خوخولار پادىشاھلىقىغا بېسىپ كىردى. موكۋىۋا دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ توسۇپ زەربە بەردى. ئىككى تەرەپ ئىنتايىن كەسكىن جەڭ قىلدى، دۈشمەننىڭ قوراللىرى خىل بولغاچقا، موكۋىۋانىڭ قوشۇنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىدى. موكۋىۋا مەغلۇپ بولغانلىقىدىن تەۋرەنمەي ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، قورال جەھەتتە دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زور بولغان بۇنداق ئەھۋالدا دەلمۇ دەل ئېلىشىش ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن بىر قېتىم پىستۇرما جېڭى ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى. 1891-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چارلىۋىسكىي 1000 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن قايتا «جازا يۈرۈشى» باشلىدى. موكۋىۋا 3000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن مىياپاغا كېلىپ جەڭگە چۈشتى. بۇ، تۈزلەڭلىك بىلەن تاغلار تۇتىشىدىغان جاي بولغاچقا، يەر شارائىتى خەتەرلىك ئىدى. موكۋىۋا قوشۇنىنى تاغلىق رايوندىكى ئورمانلىققا يوشۇرۇنۇپ بۇيرۇق كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پىستۇرما دائىرسىگە تامامەن كىرىپ بولغاندا، موكۋىۋانىڭ بىر ئېغىز بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن چىقتى ۋە يۇقىرى تۇرۇپ نەيزە، ئوقيا قاتارلىق قوراللار بىلەن دۈشمەنگە شىددەتلىك زەربە بەردى. بۇ جەڭدە دۈشمەننىڭ 300 چە ئادىمى ئۆلدى، چارلىۋىسكىي قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قاچتى. موكۋىۋا بۇ جەڭدە 300 دانە مىلتىق، ئۈچ زەمبىرەك ۋە نۇرغۇن مىقداردا ئوق-دورا غەنىيمەت ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ، قوشۇننىڭ جاسارىتى ئاشتى. شۇنىڭغا ئۇلاپلا موكۋىۋا غەلبىسېرى ئىلگىرلەپ، ئەپچىل تاكتىكا قوللىنىپ، كىروسا قورغانىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى. گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى جاقىسىنى يېگەندىن كېيىن يەڭگىللىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالماي، ئۇدا ئۈچ يىلغىچە موكۋىۋا پادىشاھلىقىغا تېگىش قىلالمىدى. موكۋىۋا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر تەربىيلەپ جەڭگە تەييارلىق قىلىۋالدى، شەھەر ئەتراپىدىكى كۆلچەكلەرنى مۇستەھكەملىۋالدى ھەمدە پادىشاھلىق تەختى تۇرۇشلۇق شەھەر كولونجا ئەتراپىغا ئېگىزلىكى ئون چى، ئۇزۇنلۇقى 20 چاقىرىم كېلىدىغان سېپىل سوقتۇردى.
باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، قورشاۋنى بۇزۇپ يۆتكىلىش
موكۋىۋا خاتىرە مۇزېيخانىسىغا قويۇلغان باش سۆڭەكموكۋىۋا خاتىرە مۇزېيخانىسىغا قويۇلغان باش سۆڭەك
ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 1894-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى يەنە زور قوشۇن بىلەن كولونجاغا ھۇجۇم قىلدى. موكۋىۋا مۇستەھكەملىگەن بازىسى ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى بىلەن قەتئىي ئېلىشتى. خوخو جەڭچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغاچقا، دۈشمەن ئۇدا ئىككى كۈن تىرىشىپمۇ بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى موكۋىۋا شەھەرنى تاشلاپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. تاجاۋۇزچىلار كولونجانى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ، شەھەر سېپىلىنى بۇزۇپ كولونجانى تۈپتۈز دېگۈدەك قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا گېرمانىيىنىڭ باش ۋالىيسى ۋونلابورت موكۋىۋانىڭ كاللىسىنى كېسىپ كەلگەنلەرگە 5000 رۇپىيە ئىنئام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇندىن كېيىن موكۋىۋا قېپقالغان ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئورمانلىققا يۆتكىلىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ غايىپ بولۇپ دېگۈدەك دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنى گاڭگىرىتىۋەتتى. گېرمانىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرى موكۋىۋانى تۇتماق بولۇپ خېلىلا قوشۇنىنى ئىشقا سالدى. ئۇلار ئۇدا بىر قانچە يىلغىچە موكۋىۋانىڭ كاللىسىنى كەسمەكتە يوق، ئەكسىچە، ئۇنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن گاڭگىراپ كەتتى. 1898-يىل 6-ئايدا، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن، گېرمانىيىنىڭ چارلىغۇچى ئەسكەرلىرى موكۋىۋا يوشۇرۇنغان جايغا باستۇرۇپ كىردى. شۇ چاغدا موكۋىۋا كېسەل بولغاچقا، يېنىدا بىر قانچە كىشىلا بار ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ خەۋپتىن قىلچە قورقماي ئوق يەپ ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، دۈشمەنگە ئەسىر چۈشۈشنى راۋا كۆرمىدى. شۇڭا مىلتىقتا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋالدى. ئۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقىچە كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى زەپەر مارشىنى يېزىپ قالدۇردى. قورقۇنچاق ھەم رەھىمسىز دۈشمەن خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ، موكۋىۋانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ بېرلىنغا «تۆھپە مەلۇم قىلىش» قا ئەۋەتتى. خوخو خەلقى موكۋىۋا ئۈچۈن داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، موكۋىۋانىڭ ئۆلۈمىگە بولغان چوڭقۇر قايغۇ ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە بولغان قاتتىق نەپرەت ئىچىدە قەھرىماننىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلدى.
قەھرىماننىڭ باش سۆڭىكى يېڭىباشتىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى
موكۋىۋانىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى تانگانىكاغا تېزلا تارقالدى. ھەر مىللەت خەلقى ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىدى ۋە سېغىندى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە مەغلۇپ بولدى، «گېرمانىيەگە تەۋە شەرقىي ئافرىقا» مۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ يوقالدى. گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى كۆزدىن يوقىلىدىغان چاغدا تانگانىكا خەلقى كۆلىمى زور بىر مەيدان ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇلاردىن موكۋىۋانىڭ كاللىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن قارشى تەرەپ ئۇزاققىچە قايتۇرۇپ بەرمىدى. 1954-يىل 6-ئايغا كەلگەندە غەربىي گېرمانىيە موكۋىۋانىڭ كاللىسىنى تانگانىكا خەلقىگە قايتۇرۇپ بەردى. تانگانىكا خەلقى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، قەھرىماننىڭ كاللىسىنى قارشى ئالدى. كولونجادىكى ئىلگىرى موكۋىۋا ئەسكەر مەشىق قىلدۇرغان مەيدان ئەتراپىدا موكۋىۋانىڭ خاتىرە سارىيى ياسىلىپ، قەھرىماننىڭ كاللىسى شۇ يەردە قويۇلدى. ھازىر تانزانىيە ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى، چارۋىچىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەڭچىلىرى ھەمىشە ئۇ يەرگە كېلىپ قەھرىماننى ئېھتىرام بىلەن يوقلاپ تۇرىدۇ.

موكۋىۋانىڭ باش سۆڭىكى موكۋىۋانىڭ باش سۆڭىكى

     

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 9

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1717 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-19