مەملىكىتىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك تۆمۈر ي

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مەملىكىتىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك تۆمۈر ي

مەملىكەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتىتى قاتناش ۋە تىرانسىپورت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدىن دۆلىتىمىز شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلىشىغا ئائىت پىلانىنى كۆرۈپ، مەزكۇر مۇنبىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى خەۋەر سەھىپىسىگە ئۇيغۇن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە ئۇلانمىنى يوللاپ قويدۇم. مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا 2020-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يول ئۇمۇمى مۇساپىسى يۈزمىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك تۆمۈر يول پىلانى ئالتە بولۇپ، پىلاننىڭ ئۈچى دۆلەت مىقياسىداكى پىلانغا، قالدى ئۈچى ئاپتونۇم رايوننىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. مەملىكەت پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.

 1-باسقۇچ: بېيجىڭدىن ئىچكى موڭغۇلدىكى لىنخې شەھرىدىن ئېجىنا خوشۇنى ئارقىلىق ئۇدۇل قۇمۇلغا بارىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ بېيجىڭدىن قۇمۇلغا كېلىدىغان مۇساپە بىر ھەسسە قىسقىرايدىكەن . 2-باسقۇچ: چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمود شەھرىدىن تۆمۈرلۈك ۋە يىتىمبۇلاق ئارقىلىق چاقىلىقتىن ئۆتۈپ كورلىغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ لەنجۇدىن كورلىغا كېلىدىغان مۇساپە بىر ھەسسىگە يېقىن قىسقىرايدىكەن. 3-باسقۇچ: قەشقەردىن تورغات ئېغىزى ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھرىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ جوڭگۇ ماللىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆبېكىستانغا قازاقىستان ئارقىلىق توشۇلىدىغان ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىدىكەن. ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى ئۈچ باسقۇچنىڭ بىرىنچىسى كۈيتۈندىن قارماي ئارقىلىق ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېرتىش شەھرىگە (بېيتۈن بازىرى北屯镇) بارىدىغان تۆمۈر يول، ئىككىنچى باسقۇچى قەشقەردىن خوتەن ئارقىلىق چاقىلىققا بارىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ چىڭخەيگە بىۋاستە تۇتىشىدىغان بۇ لىنىيە ئارقىلىق لەنجۇدىن چاقىلىق ۋە خوتەن -قەشقەر ئارقىلىق ئۇدۇل ئوش تۆمۈر يولىغا ئۆتىدىغان ياۋرۇ-ئاسىيا ئۈچىنچى تۆمۈر يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ شىنجاڭنىڭ قاتناش ئىشلىرى گۈللەندۈرۈلىدىكەن. ئۈچىنچى باسقۇچى قاغىلىقتىن ئالى ۋىلايىتى ئارقىلىق لاساغا بارىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ تۆمۈر يولى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ شىزاڭنىڭ قاتناش ۋە تىرانسىپورت ئىشلىرىدىكى يەككە، بېكىنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىدىكەن. مەزكۇر پىلاننىڭ خەرىتىسى مەزكۇر خەۋەرنىڭ مەنبىئى:

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 581 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01