ئارپبەدىيان


ئارپبەدىياننىڭ غولىئارپبەدىياننىڭ غولى

ئانا ۋەتىنى شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئوتتۇرا شەرق بولغان ئارپبەدىياننىڭ ئاق ۋە قىزغۇچ چېچەكلىرى ماي ئېيى بىلەن ئىيۇن ئايلىرى ئارىسىدا ئېچىلىدۇ. قېنىق سېرىق رەڭلىك، قىرلىق ۋە سوقىچاق، ئۇزۇنلۇقى 5–4 مىللىمېتىر كېلىدىغان مېۋىسى ئىيۇل ئېيىدا پىشىدۇ. ئارپبەدىيان ئۆسۈملۈكى كۈن نۇرى چۈشىدىغان ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايلاردا ياخشى ئۆسىدۇ. باھارنىڭ ئاخىرلىرىدا تېرىلغان ئۇرۇقلىرى بىلەن كۆپىيىدۇ. يۇمغاقسۈت بىلەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ. ئىران، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركىيە، ئالجىرىيە، مىسىر، ھىندىستان، سۈرىيە، مېكسىكا ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ يېتىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە قارا دېڭىز رايونىدا يېتىشتۈرۈلىدۇ. ئارپبەدىيان ئۆسۈملۈكى پىشىپ توپلانغاندىن كېيىن، ئۇۋۇلۇپ دورا–دەرمەك ياسىلىدۇ. تەمىنى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئاچچىق ۋە بىر ئاز قاتتىق دېيىشكە بولىدۇ.

ئارپبەدىيان يېغىئارپبەدىيان يېغى

ئارپبەدىيان پۇرىقى ۋە تەمى بىلەن گۆشلۈك يېمەكلىكلەرگە بەك ماس كېلىدۇ. ھەتتا، ئانادولۇ كىشىلىرى ئۈچۈن ئارپبەدىيان سېلىنمىغان كۆفتە، كۆفتە ھېسابلانمايدۇ. بەزى ئىچىملىكلەر ۋە خېمىر يېمەكلىكلىرىگە تېتقۇ قېتىش ئۈچۈن ئارپبەدىيان قوشۇلىدۇ. شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، جۇڭگونىڭ غەربىي، ھىندىستان ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە يېمەكلىكلەرگە كۆپ سېلىنىدۇ.
ئارپبەدىياندىن ئارپبەدىيان يېغى چىقىرىلىدۇ، كىشىلەر بۇ ياغنىڭ مۇسكۇل ۋە رېماتىزم ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئارپبەدىيان يېغىنى يېمەكلىك ۋە ئۇماچلارغا 3–2 تېمىم قۇيۇشقا بولىدۇ. سەپرالىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، پەي تارتىشىشقا پايدا قىلىدىغان، ئىششىقنى يوقىتىدىغان ۋە ئىشتىھانى ئاچىدىغان ئارپبەدىيان يېغىدىن 3–2 تېمىم قەنگە ياكى بىر پارچە نانغا تېمىتىپ يىيىشىكىمۇ بولىدۇ. ئارپبەدىيان يېغىنى ھامىلە ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئارپبەدىيان يېغىنى بەدىنىمىزگە سۈركىگەندە، ياغ سۈركەلگەن جاينى ئاپتاپتىن ساقلاش كېرەك. خەلق تېبابىتىدە دورىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلغاندا، ئارپبەدىيان ئۇۋۇلىدۇ ياكى سۇدا قاينىتىلىدۇ. ئارپبەدىياننى سىركە ۋە سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، نەپەس يولى تارىيىشقا پايدا قىلىدىغانلىقى بايقالغان. كىشىلەر يارىلارنىڭ ئۈستىگە سۈركەپ بەرگەندە، ساقىيىشنى تېزلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئارپبەدىياننىڭ تەركىبىدە مول تۆمۈر ماددىسى بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئارپبەدىيان ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىمنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، قورساقنى قۇۋۋەتلەپ، سۈيدۈك ۋە يەلنى ھەيدەيدۇ. ئانا سۈتىنى كۆپەيتىدۇ، نېرۋىنى راھەتلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. بەدەننى تەرلىتىپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەندىن چىقىپ كېتىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئارپبەدىيان يۈز يىلاردىن بۇيان جۇڭگو تېبابىتىدە قورساق ئىششىقى ۋە يەل راۋان بولماسلىق كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلگەن. ئارپبەدىيان توغرىسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلاردا، ئارپبەدىياننىڭ قاندىكى شېكەر مىقدارىنى ئازايتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. پەرھىز مۇتەخەسسىسلىرى، ئارپبەدىياننىڭ گۈرۈچلۈك يېمەكلىكلەر قورساق ۋە ئۈچەيلەردە پەيدا قىلغان يەل، ئىششىقلارنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرىدىغان رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھامىلە ئاياللارنىڭمۇ قورساق ئاغرىقلىرى ۋە يەلنى ھەيدەش ئۈچۈن خاتىرجەم ھالدا ئارپبەدىيان ئىستېمال قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئارپبەدىيان بوۋاق ۋە بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ھەزىم ياخشى بولماسلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار ئارپبەدىيان ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈتىگە تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بۇ يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بوۋاقتا راھەتسىزلىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى، دېگەنلىك بولىدۇ. ئارپبەدىيان قورساق قىسمى ناھايىتى سەزگۈر كىشىلەرگە تەسىر قىلغانلىقتىن، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. كاللەك يېسىۋىلەك، قاتلىما ۋە جىگەر قورومىلىرى قاتارلىق يەل پەيدا قىلىدىغان ھەمدە ھەزىم قىلىش تەس بولغان يېمەكلىكلەرگە ئارپبەدىيان سېلىش ئەقىلغە ئۇيغۇن بولۇپ، ئانادولۇدا يۈز يىللاردىن بۇيان يېمەكلىكلەرگە سېلىنىپ كەلمەكتە.

ئارپبەدىيانئارپبەدىيان

ئارپبەدىيان پۇرىقى سەۋەبلىك ئەڭ كۆپ دورا–دەرمەكلەردە قوللىنىلغاندىن سىرت، دورا ياساش سانائەتلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئارپبەدىيان ئېكىسپورت قىلىدۇ. تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئانادولۇدا ئارپبەدىيان ئۆستۈرۈش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئافيون، ئەنقەرە، ئەسكىشەھىر، كونيا ۋە بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئۆستۈرۈلۈپ، زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. ئانادولۇدا ئارپبەدىيان ئاۋجار، ئاجەم كىميونۇ، كەمنون، زىرە قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ. بولۇپمۇ، ناھايىتى كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئەسكىشەھىردە كىشىلەر ئارپبەدىياننى «زىرە» دەپ بىلىدۇ. ئارپبەدىياننى چاي قىلىپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئارپبەدىيان چېيى قاينىتىشتىن بۇرۇن، ئارپبەدىياننىڭ ئۇۋۇلغان ياكى ئۇۋۇلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئارپبەدىيان ئۇۋۇلغاندىن كېيىن، 24 سائەت ئىچىدە ئىشلىتىلمىسە ، تەركىبىدىكى ياغ بۇزۇلۇپ، پۇرىقى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئارپبەدىيان چېيى تەييارلىغاندا، بىر قەھۋە قوشۇقى يېڭى ئۇۋۇلغان ياكى يەڭگىل ئىزىلگەن ئارپبەدىياننى قايناق سۇغا سېلىپ، 10–5 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، سۈزۈپ ئىچسەك بولىدۇ.

ئارپبەدىيان ئۇرۇقىئارپبەدىيان ئۇرۇقى

ئارپبەدىيان قەدىمقى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا بىلىنىپ كەلگەن ۋە قوللىنىپ كەلگەن ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. قەدىمقى رىملىق مەشھۇر تەبىئەت ئالىمىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، ئارپبەدىيان ئەڭ ياخشى تەم پەيدا قىلغۇچىدۇر. تارىخچىلار رىملىقلارنىڭ مۇچنىڭ ئورنىغا ئارپبەدىيان ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ئارپبەدىيان قىيامىنى بولكىنىڭ ئۈستىگە سۈركەپ يىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئارخېئولوگلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 14–ئەسىردىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مىكەن تابلىتلىرىدىكى بىر تىزىملىكتە ئارپبەدىياننى تاپقان ۋە ئارپبەدىياننىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا ئوردا ئىسكىلاتلىرىدا مۇھىم مال ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. مېسسىپوتامىيەدىكى ئاكاد چېۋىق يېزىقى تابلىتلىرىدا ئارپبەدىيان زىكرى قىلىنغان. قەدىمقى مىسىر، گىرېتسىيە ۋە رىم مەدەنىيەتلىرىدە ئارپبەدىيان تونۇلغان. رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە ئائىت بىر يېمەكلىك كىتابىدا، پوستى بار دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن قىيام تەييارلىغاندا، ئارپبەدىيان قېتىش تەۋسىيە قىلىنغان. مەشھۇر تىۋىپ ئىبىن سىنامۇ ئارپبەدىيان ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئارپبەدىياننى قەدىمقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىلىنىپ كەلگەن شىپالىق رولىدىن پايدىلانغاندىن باشقا، كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ ئىشلەتكەن.
ئارپبەدىيان ياۋروپادا ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدىغان دورا–دەرمەك ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيەلىكلەر تاماقتىن بۇرۇن يەيدىغان بەزى تۇزلۇق پېچىنىلەرنىڭ خېمىرىغا ئارپبەدىيان قوشىدۇ. گوللاندىيەلىكلەر ئۆزلىرىگە خاس ئېرىمچىكنى ئارپبەدىيان بىلەن تەييارلايدۇ. ياۋروپادا ئارپبەدىيان قوشۇلغان قىياملار ناھايىتى داڭلىق. گېرمانىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئارپبەدىيان سېلىپ پىشۇرۇلىدىغان بولكىلار دۇنياغا داڭلىق. فىرەنك ئارپبەدىيانى ئوتتۇرا ياۋروپادا ئارپبەدىيان بىلەن ئوخشاش داڭلىقتۇر. فىرەنك ئارپبەدىيانى ۋە ئارپبەدىيان بىر–بىرگە بەكمۇ ئوخشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر بولسىمۇ، ئۇرۇقلىرىنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ. ئەنگلىيەدە يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدىغان چۆل رەيھىنىنىڭ ئۇرۇقلىرى فىرەنك ئارپبەدىيانىغا مەنسۇپ. سالامەتلىكىمىزگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، يېمەكلىكلىرىمىزدە ئارپبەدىياننىڭ كەم بولماسلىقى سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 775 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28