مانگو


مانگو دەرىخى مانگو دەرىخى
مانگو ئانا ۋەتىنى ھىندىستاندىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ۋە تىروپىك بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ «پادىشاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن مېۋىدۇر. مانگو كېسىلگەندە چىقىدىغان خۇشپۇراق، بۇ مېۋىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ياخشى كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان. مانگو كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاسىيا ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. مانگو دەرىخى 40–35 مېتىرغىچە ئۆسىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. 300 يىلدىن بۇيان مېۋە بەرگەن تۈرلىرىنىڭ ئۇچرىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ياپراقلىرى تۆكۈلمىگەن مانگو دەرىخىنىڭ ياش يوپۇرماقلىرى پورتوكال رەڭگىدە ۋە ئاچ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قىزىل، ئاخىرىدا بولسا، يەنى قېرىغانسېرى قېنىق يېشىل رەڭگە كىرىدۇ. مانگو دەرىخىنىڭ چېچەكلىرى گۈلسامساقلارغا ئوخشايدىغان ئۆتكۈر پۇراقنى ئەتراپقا يايىدۇ. مېۋە تۈرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 3 ئاي بىلەن 6 ئاي ئارىسىدا پىشىدۇ. ھەر بىر مېۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇرۇقىنى قوغدايدىغان پوستى ۋە ئاستىدا بىر ئۇرۇقچا بولىدۇ.
مانگو يېتىشتۈرۈش مەيدانلىرىمانگو يېتىشتۈرۈش مەيدانلىرى
مانگو مىڭلارچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ۋە شەرقىي ئاسىيادا يېتىشتۈرۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئاسىيادىن شەرقىي ئافرىقىغا تارقالغان. تارىخ بويىچە كەشپىياتلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە ئۇرۇش نەتىجىسىدە يېتىپ كەلگەن نۇقتا، كىلىمات جەھەتتە ئىمكانىيەت يار بەرگەن بارلىق رايونلاردا مانگو ئۆستۈرۈلۈشكە باشلانغان. دۇنيادىكى مانگولارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھىندىستاندا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھىندىستان دۇنيادا بىرىنچى مانگو ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، ئىشلەپچىقارغان مانگولارنى ئۆزىنىڭ ئىچكى بازارلىرىدا تۈگىتىدۇ، بۇ جەھەتتە دۇنيا سودىسىغا قاتناشمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەك–ئىچمەك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مانگو ئىشلەپچىقىرىشتا ھىندىستاندىن كېيىن جۇڭگو، تايلاند، ھىندونېزىيە، مېكسىكا، پاكىستان ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رەتكە تىزىلىدۇ. تۈركىيەدە يۇقىرى تىمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىققا چىدايدىغان مانگو دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئىقلىم شەرتلىرى، ئاق دېڭىز رايونىدىكى ئانتاليا، ئالانيا، مەرسىن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ساھىل جايلىرى ۋە سوغۇق بولمايدىغان جايلىرىدۇر. ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مانگو ئۆستۈرۈش تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى يېڭى بولسىمۇ، ئەھمىيەت بېرىش كېرەك بولغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپادا بولسا، مانگو ئىسپانىيەدە يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئاۋستىرالىيەدىمۇ يېتىشتۈرۈلىدۇ.
پىشقان مانگولار پىشقان مانگولار
مانگونىڭ تۈرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تەمى ۋە پۇرىقى ئوخشىمايدۇ. بەزى كىشىلەر مانگونى سۇلۇق پىشقان ئۆرۈككە، يەنە بەزى كىشىلەر پېرسېيە مېۋىسىگە، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، قوغۇنغا ئوخشىتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مانگونىڭ تەمى ياخشى. پىشقان مېۋىنى ئۆز پېتى يېگىلى بولىدۇ. بەزىلەر پوستىلىرىنى يىمەيدۇ، چۈنكى، قېلىن ۋە ئاچچىقتۇر. پىشقان مېۋىلەرنىڭ پوستىنى يەيدىغانلارمۇ بار. مانگو پوستىنى بەزى كىشىلەر يىگەندە كالپۇك، تىل ۋە چىش مىلىكلىرىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مانگونى سويۇپ يىيىش ئەڭ ياخشىدۇر. مۇتەخەسسىسلەر مانگونىڭ بەزى كىشىلەردە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشىنى، پوستى ۋە سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىمىيەلىك ماددىغا باغلىماقتا. بۇ خىمىيەلىك ماددا زەھەرلىك پىچەكگۈل ۋە زەھەرلىك سىر دەرىخىنىڭ تەركىبىدىمۇ بار بولۇپ، مانگو دەرىخىنىڭ گەۋدىسىدە ۋە يوپۇرماقلىرىدا بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھايۋانلارنى مانگو ياپراقلىرى بىلەن بېقىش ناھايىتى خەتەرلىك. مانگو دەرىخى كۆپ جايلاردا، مەسىلەن، ھاۋايدا ئەكس تەسىر قىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالىدۇ.
پىشمىغان مانگولارپىشمىغان مانگولار
مانگو تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن بەك بىلىنىدىغان مېۋە ئەمەس. ئانادولۇ خەلقى مانگو بىلەن يېڭىدىن تونۇشتى. شۇڭا، مانگودىن بىر ئاز چېكىنىمىز ۋە قانداق يىيىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن مانگونى يۇيىشىمىز لازىم. مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇقچا بىلەن يېپىشقان بولىدۇ. مانگونى ئۇرۇقچىغا ئەڭ يېقىن جايدىن ئۇزۇنسىغا كەسسەك بولىدۇ. ئۇرۇقچىنى چىقارغاندىن كېيىن، پوستىنى سويۇپ، توغرىساق بولىدۇ. مەي باغلاپ پىشقان مانگونى بانان شۆپىكىنى سويغانغا ئوخشاش، تەتۈرىسىگە سويۇپ، ئۇرۇقچىسىغىچە ئۇزۇنسىغا تىلىم – تىلىم كېسىپ يىگىلى بولىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇل بولسا، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمىنى پىچاق بىلەن پوستىنى زىدىلىمەستىن باقلاۋىغا ئوخشاش كەسكەندىن كېيىن، قوشۇق بىلەن پوستىدىن ئايرىپ يىيىشتۇر. مانگونى يېڭى–يېڭى يىگەندىن باشقا، مېۋە سالاتالىرىغا سالساق بولىدۇ. سۈيىنى ئىچكىلى بولىدۇ. تورتلىرىمىزنى مانگو بىلەن بېزەلەيمىز. مانگو ماروژنىسى ۋە قىيامىنىڭ ناھايىتى لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغان مانگويىمىز تولۇق پىشمىغان بولسا، قەھۋە رەڭگىدىكى قەغەز يېشىكلەرگە قويۇپ قويىساق بولىدۇ. پىشقان مېۋىلەرنى پلاستىك قۇتىلاردا ۋە توڭلاتقۇدا 4–3 كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ.
مانگو دۇنيادا يېمەك–ئىچمەكلەردە ساناپ تۈگەتكىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ ھەم مەي باغلاپ پىشقان مانگولار ھەمدە توڭراق پىشقان مانگولار ھەر خىل شەكىلدە يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، ھىندىستانلىقلارنىڭ يېمەكلىكلىدە پىشقان مانگولار دورا–دەرمەك قوشۇلغان ھىندى قىيامىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا مانگودىن ياسالغان ئادەمنى سالقىنلاشتۇرىدىغان ئىچىملىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا كىشىلەر مەي باغلاپ پىشقان مانگودىن شېكەر ۋە سۈت قوشۇپ ياسالغان قويۇق ئىچىملىكنى، گۈرۈچ تامىقى ھەمدە بولكا بىلەن بىرگە ئىچىدۇ. پىشقان مانگونى قات–قات كېسىپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، يەنە قايتا كېسىپ تەييارلايدىغان مانگو قېقىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاپقىلى بولىدۇ. مانگو ئوتتۇرا ئامېرىكىدا تۇز، قارا مۇچ سېلىپ، سىركە قۇيۇپ، ئاچچىق تەملىك قىيام بىلەن يىيىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىدا، مانگولارغا بېلىق قىيامى ۋە گۈرۈچ سىركىسى قوشۇلۇپ، كونسېرۋا ياسىلىدۇ. يېشىل مانگولار مانگو سالاتاسى، قۇرۇتۇلغان قىسقۇچ پاقا ۋە بېلىق قىيامى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەسلىدە مانگو تۇزلۇق يىسىمۇ، تاتلىق قىلىپ يىسىمۇ بولىدىغان ياخشى كۆرۈلىدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ.
مانگو شەربىتى مانگو شەربىتى
بەزى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىدە مانگو دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى توي مۇراسىمى، يول بويلىرى ۋە ئۆيلەرنى بېزەشتە، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ۋە دىنىي ئايەملەردە قوللىنىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە مانگو دەرەخلىرى بېزەش ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلمەكتە. مانگو ھىندىستان، پاكىستان ۋە فىلىپپىنلىقلارنىڭ مىللىي مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. دەرىخى بولسا، باڭلادىشنىڭ مىللىي سىمۋولى. ھىندۇزىمدا سويۇلغان مانگو تاكامۇللۇقنىڭ سىمۋولىدۇر. مانگو نەقىشلىرى ھىندى توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ ھىندى ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولغان شارپىلىرىنىڭ زىننىتىدۇر. مانگو بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن ۋە مانگو شېئىرلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلانغان. ئاۋستىرالىيەدە بولسا، پەسىلنىڭ تۇنجى مانگو مېۋىلىرى ئەنئەنە بويىچە ياردەم مەقسىتىدە «كىم ئارتۇق» قىلىنىپ سېتىلىدۇ.
مانگونىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىگە كەلسەك، تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ تەسىرىدە نېرۋا، تېرە ۋە چاچلارغا ئىنتايىن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. مانگو ۋىتامىن A، C، Eۋە تۆمۈر، كالىي ۋە تالا قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئامبىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھەزىم سىستېمىسىنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلانغان. قاننى تازىلاپ، بۆرەكنى ياخشىلايدۇ. بەدەننىڭ ئېھتىياجى بولغان كىسلاتالارنى ساقلايدۇ. قىزىق چوغ ئۈستىدە پىشۇرۇلغان مانگونى ئاز مىقداردا شېكەر سېلىنغان سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئىچىملىكنىڭ، ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنى داۋالاشتا ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. خام مانگونىڭ ئۈستىگە ئازىراق تۇز سىپىپ يىگەندە، ياز ئايلىرىدا ھەددىدىن زىيادە تەرلەشتىن كېلىپ چىقىدىغان تۇز ۋە تۆمۈر كىمىيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مانگونى ئۆزىمىزگە ئەجنەبى مېۋە دەپ ھېس قىلماستىن، يېمەكلىكلىرىمىزگە قوشۇۋېلىشنى سىناپ باقايلى، ياقتۇرۇپ قىلىشىمىز تۇرغانلا گەپ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1568 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-18