كاپوستا


كاپوستاكاپوستا

ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا دوۋساق راكى، ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمچەك راكى كېسەللىكلىرى كىشىنى ئەڭ كۆپ قورقىتىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بىزنىڭ قولىمىزدا ھەر ئىككى كېسەللىكتىن قوغدىنىش ئۈچۈن بىر تەبىئىي قورال بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، كاپوستىنىڭ دوۋساق راكى ۋە ئەمچەك راكىدىن ساقلىنىشتا مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى كېسەللىكتىن ساقلىنىشتۇر؛ كېسەللىككە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، كاپوستا ھەرقانداق كېسەللىككە ئۆز ئالدىغا شىپا بولالمايدۇ.
كاپوستا ئىنتايىن كۆپ پايدىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ ماددىلارنىڭ بىر قانچىسى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. كاپوستا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تەبىئىي ئانتىبىيوتىك رولغا ئىگە. كاپوستىدا نۇرغۇنلىغان ۋىتامىن س بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى بىر دانە كاپوستا كۈندىلىك ۋىتامىن س ئېھتىياجىنىڭ ئىككى ھەسسىنى قامدىيالايدۇ. تالا تۈزۈلىشى ۋە كاروتىن تۈزۈلىشى، كاپوستىنى ئۈچەينىڭ دوستى بولغان كۆكتاتقا ئايلاندۇرغان. ناھايىتى ئازغىنە سۇدا بەش مىنۇت قاينىتىلغان كاپوستا ۋە شورپىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلار ھورمۇنلىرىمىزنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا پايدا قىلىدۇ. كاپوستىدا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، يۇقىرى مىقداردا كالېتسىي ۋە سىنىك بار. 100 گىرام كاپوستىنى ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، 50 مىللىگىرام كالېتسىي يىگەن بولىمىز. بۇ ۋۇجۇدىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى ئوزۇقلىنىش ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر يىلدا بىر قېتىم كاپوستا داۋالىنىشى ئېلىپ بارغاندا ياكى ئايدا ئىككى قېتىم كاپوستا ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن سىنىك تابلىتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىمىزغا كېرەك قالمايدىكەن. بەدىنىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك سىنىك ماددىلىرىنى كاپوستا ساقلايدۇ. كاپوستىدىكى ۋىتامىن ئې ۋە ۋىتامىن س ماددىلىرى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. قان ئازلىق ۋە تۆمۈر ماددىسى ئاز بولسا، كاپوستا ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى كاپوستىدا تۆمۈر ۋە فولىك كىسلاتاسى بار. 
كاپوستا، تۈركىيەدە يېقىنقى يىللاردا كۆپ تونىلىشقا ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىشقا باشلىدى. ئەسلىدە كاپوستا ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئانادولۇدا ۋە ئاق دېڭىز رايونىدا كۆپ ئۆستۈرۈلگەن. قەدىمكى رىمنىڭ تەبىئەت تارىخشۇناسى پىلىنۇسنىڭ ئەسەرلىرىدە، كاللەك يېسىۋېلەككە ئوخشايدىغان بىر كۆكتات قەيت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كۆكتاتنىڭ كاپوستا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. قەدىمكى يېمەكلىك كىتابلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، رىملىقلارنىڭ كاپوستىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. كاپوستا، دۇنيادا ئىتالىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. كاپوستىنى دۇنياغا تونۇتقانلارمۇ ئىتالىيەلىكلەر بولغان. 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىجىليالىق كۆچمەنلەر ئامېرىكىغا كاپوستا ئىمپورت قىلىشقا باشلاپ، سودىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكىدىكى كاپوستا يېتىشتۈرۈش سىناقلىرىنىڭ ئارقىسىدىمۇ يەنە ئىتالىيەلىكلەر بار ئىدى. كۈنىمىزدە ئامېرىكىدا كاپوستا تابلىتلىرى كەڭ ئومۇملاشقان ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ماددىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ كۆپى ئەرلەر تەرىپىدىن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە دوۋساقنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
كاپوستىدا كالورىيە ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن پەرھىزلەردە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. كاپوستىنى كۈندىلىك تاماق تىزىملىكىمىزگە كىرگۈزۈش سالامەتلىكىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا، كاپوستىنىڭ بەدەندىكى يود ئىلمېنتىنى ئازايتىۋىتىشىدۇر. ئەگەر ھەپتىدە 3-2 قېتىمدىن كۆپ كاپوستا يىگەن ۋاقتىمىزدا يود قوشۇلغان ئوزۇقلۇقلارنى يىيىشىمىز ياكى يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك.
كاپوستىنى بازالاردىن ياكى تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋالغان شۇنداقلا ساقلىغان ۋاقتىمىزدا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. كاپوستىنى سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا يېڭى بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز ھەمدە كاپوستا رەڭگى يېشىل بولۇشى كېرەك. سارغىيىپ كەتكەنلىرىنى ئالماسلىقىمىز لازىم. كاپوستىنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قوللىنىشنى پىلان قىلغىنىمىزدا، پارچە–پارچە ئورالغان ھالەتتە توڭلاتقۇنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىدا ساقلىساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، لازىم بولغان ۋاقىتتا بىر–بىردىن ئېلىپ ئىشىلتەلەيمىز. يېڭى كاپوستا توڭلاتقۇنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىغا قويۇلمىغاندا، ئۇزۇنغىچە ساقلىغىلى بولمايدۇ. نورمال جايدا ئۈچ كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەڭ سوغۇق جايدا بولسا، يېڭى كاپوستا ئالتە ئايغىچە شۇ پىتى تۇرىدۇ. قۇرۇتۇلغان كاپوستا يېڭىسىغا قارىغاندا، سالامەتلىك جەھەتتىكى پايدىسى ئاز بولىدۇ. كاپوستىنىڭ قارنىدا ياكى ياپراقلىرىدا قۇرت يىگەن جايلارنى ۋە ياكى پارازىتلارنى كۆرگىنىمىزدە قەتئىي ئالماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، قۇرت يىگەن جايلاردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ماددىلار خىمىيەلىك ئۆزگىرىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ھالغا كېلىدۇ. يەنى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرت يىگەن كاپوستىنى تەبىئىي، ھورمۇنسىز ۋە خىمىيەلىك دورا ئىشلىتىلمىگەن بىر مەھسۇلات، دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. قۇرت يىگەن كاپوستا سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق ئەمەس.
كاپوستىنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئاق دېڭىز ئەتراپلىرى، بولۇپمۇ ئىتالىيە ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدۇ، كاللەك يىسىۋېلەك ۋە چېچەكسەيگە ئوخشاش بىر ئائىلىگە مەنسۇپ. كاپوستىنىڭ رەڭلىك ۋە پىشقان چېچەكلىرى بىلەن قېلىن ۋە گۆشلۈك بېخلىرى، كۆكتات سۈپىتىدە قارىلىدۇ. كاپوستىدىن قىلىنغان تاماق ۋە سالاتالار ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدۇ. كاپوستا شورپىسىنى ئىچكىلى بولىدۇ. ھەتتا پەرھىز مۇتەخەسسىسلىرى سەۋزە ۋە ئالما سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بارلىق يېشىل ياپراقلىق كۆكتاتلارغا ئوخشاش، كاپوستىنىمۇ يېڭى ۋاقتىدا ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن پايدىلىق. ياغسىز سۈت بىلەن پىشۇرۇلغان كاپوستا ئۇمىچى بىزنى توق تۇتۇپ، سەمىرىپ كېتىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كاپوستا، ئىللىق ئىقلىمدا ئۆسىدۇ، تۈزۈلىشى جەھەتتىن چېچەكسەيگە ناھايىتى ئوخشايدۇ. كاپوستا تېرىلغاندىن يىغىۋالغىچە بولغان ۋاقىت، تۈرى ۋە تېرىلغان رايونغا قارىتا 45 كۈندىن 130 كۈنگىچە پەرقلىنىدۇ. تۈركىيەدە كاپوستا ئۆستۈرۈش يېڭىدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن چىقىدىغان مىقدار جەھەتتە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ياز ئايلىرىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ 20 سېلسىيەدىن يۇقىرى بولۇشى، كاپوستا ئۆستۈرۈشكە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياز ئايلىرى ناھايىتى ئىسسىق بولىدىغان رايونلاردا كاپوستا ئۆستۈرۈش ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. كاپوستا ئۆستۈرۈلىدىغان جايدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار. كاپوستا تېرىلىدىغان ئېتىز ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ يىل بويىچە يىسىۋېلەكتىن باشقا كۆكتات ئۆستۈرۈلمىگەن بولۇشى كېرەك. كاپوستىنى يىغىۋېلىش ئىشى بىخ چېچەكلىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بولۇشى لازىم. چۈنكى، بېخلىرىنىڭ چېچەكلىرى ئېچىلغان ياكى سېرىق چېچەكلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان كاپوستا، بازاردىكى قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
شىپا مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان كاپوستىنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىشقا باشلىساق بولىدۇ. بىز ئادەتتە كاپوستا سالاتاسى ۋە كاپوستا ئۇمىچىنى ياخشى بىلىمىز. ئەسلىدە كاپوستا بىلەن پىشۇرۇلىدىغان ئونلارچە تاماق تۈرى بار. تۆۋەندە ناھايىتى ئاسانلا پىشۇرالايدىغان كاپوستا قىزارتمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتەيلى: كاپوستىنى قازاندا يەڭگىل ئوتتا قاينىتىمىز. كاپوستا پىشىۋاتقاندا ئىككى دانە تۇخۇمنى قوچىغاندىن كېيىن، ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. ئارقىدىن قاينىتىلغان كاپوستىنى تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قىزارتىمىز. قىزارتىشقا ئىشلەتكەن ياغ ئورگانىك يېڭى زەيتۇن يېغى بولسا ،قىزارتما سالامەتلىككە زىيان قىلمايدۇ. ئاچچىقنى ياخشى كۆرىدىغانلار تۇخۇمنىڭ ئىچىگە قىزارتىلغان مۇچلارنى سالسىمۇ بولىدۇ. مىزىلىك كاپوستا قىزارتمىڭىز ناھايىتى ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا تەييار بولىدۇ، قېنى تەمىگە بېقىڭ، يىيىشلىك بولسۇن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1237 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28