مورىنگا دەرىخى


مورىنگا دەرىخى مورىنگا دەرىخى
ھايات دەرىخى ياكى مۆجىزە دەرەخ دەپ نام بېرىلگەن مورىنگا دەرىخى يېقىنقى يىللاردا تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. دۇنيادىكى ئاچارچىلىق مەسىلىلىرىنى «ھەل قىلىش چارىسى» سۈپىتىدە كۆرۈلگەن بۇ دەرەخ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا مۇناسىپ كۆرۈلمەكتە. ئۇنداق بولسا، ئاچارچىلىق بىلەن قانداق كۈرەش قىلىش مۇمكىن؟ مورىنگا دەرىخىنىڭ ھەر بىر پارچىسى ئايرىم-ئايرىم قىممەتكە ئىگە. چۈنكى، ئۇرۇقىدىن يىلتىزىغىچە، شاخلىرىدىن يوپۇرمىقىغىچە بولغان ھەر بىر پارچىسىنىڭ ئايرىم قوللىنىش ساھەسى بار. مورىنگا يوپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى، بۇ دەرەخنى ئاچارچىلىققا قارشى مۇھىم قورالغا ئىگە قىلغان. بىر سىقىم مورىنگا ياپرىقىنى قولىمىزغا ئېلىپ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى پورتوكال بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى. مورىنگا ياپراقلىرىنىڭ تەركىبىدە بىزنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بار. مورىنگانىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C پورتوكالنىڭ يەتتە ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ. مورىنگا ياپراقلىرىنىڭ مول ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ۋىتامىن C بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مورىنگا ياپراقلىرىنىڭ تەركىبىدىكى كالىي باناننىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە، ۋىتامىن A سەۋزىنىڭكىدىن تۆت ھەسسە، ئاقسىل سۈتنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ۋە يەنە كالىتسىي تۆت ھەسسە، قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلدىن ئىككى ھەسسە كۆپ. مورىنگا دەرىخىنى ھايات دەرىخى دەپ ئاتىشىمىز ئانچە ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
مورىنگا دەرىخىنىڭ چېچىكىمورىنگا دەرىخىنىڭ چېچىكى
مالايشىيالىقلار مورىنگا دەرىخىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى پىستىق يىگەنگە ئوخشاش يەيدۇ. توملاشقان يىلتىزلىرىنى ياۋا تۇرۇپنى يىگەندەك يىگىلى بولىدۇ.
ۋىتامىن، كالىي، ئاقسىل ۋە كالىتسىي ئامبىرى بولغان ياپراقلىرىنى سالاتاغا سالغىلى ھەتتا كۆكتات يېمەكلىكلىرىنىڭ ئاساسىي خۇرۇچى قىلغىلى بولىدۇ. ياپراقلىرى قۇرۇتۇلۇپ سوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇن ھالىتىدە قوللانغىلى بولىدۇ. مورىنگا ياپراقلىرىدىن كىچىك بالىلارغا بىر قوشۇق بېرىلگەندە، بالىلارنىڭ كالىتسىي ئېھتىياجىنىڭ يېرىمىنى، ۋىتامىن A ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى، ئاقسىل ۋە تۆمۈر ئېھتىياجىنىڭ ئاز بولسىمۇ بىر قىسمىنى قامدىيالايدۇ. ئۇن ھالىتىدىكى مورىنگا ياپراقلىرى ھامىلە ۋە بوۋاق ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك تۆمۈر ۋە كالىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇتۇلغان مورىنگا ياپراقلىرىدىن چاي دەملەپ ئىچكىلى بولىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، مورىنگا دەرىخى شېكەر كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ خام ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مورىنگا ياپراقلىرىنىڭ ئۇۋاقلىرى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە قوللىنىشتىن باشقا، تازىلىق ۋە مىكروپلاردىن ئايرىش مەقسىتىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. مورىنگا ئۇرۇقلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ياغ رەسىم سىزىش ۋە گۈزەل سەنئەتلەردە بوياق ماددىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ گەۋدىسى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە روبىيە بويىقىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. سائەتكە ئوخشاش نازۇك ماشىنىلارنى ياغلاشتىمۇ مورىنگا يېغى قوللىنىلىدۇ. بۇ ياغ پاكىزە، تاتلىق ۋە پۇراقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتىر، چاچ ۋە تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرىنى ياساشتىمۇ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. مورىنگا دەرىخىنى باغچىلاردا چىت قىلىپ قوللانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئورنىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇرۇقلىرىدىن ياغ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان دۇغلىرى ۋە ئۇرۇقلىرىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، سۇنى مىكروپلاردىن تازىلغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
مورىنگا دەرىخىنىڭ يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلىرىنىڭ سۇنى تازىلايدىغانلىقىنى بايقىغان سۇدانلىقلار، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مورىنگا دەرىخىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلانماقتا. نىل دەرياسىنىڭ بويلىرىغا قۇرۇلغان يېزىلاردا، سۇدانلىقلار ئىچىملىك سۈيىنى تازىلاشتا مورىنگا دەرىخىدىن پايدىلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، مورىنگا دەرىخىنىڭ 100 گىرام ئۇرۇقى بىر لىتىر سۇنىڭ ئىچىدىكى مەينەتچىلىكنىڭ ئاستىغا چۆكۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. سۇدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ %99 ى ئۆلىدۇ. ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان سۇ تازىلىغۇچى ماددىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ۋە ئەرزان ئۇسۇلدا مورىنگا دەرىخىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار داۋام قىلماقتا.
مورىنگا دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىمورىنگا دەرىخىنىڭ ئۇرۇقى
مورىنگا دەرىخىنىڭ ئانا ۋەتىنى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى شىمالىي ھىندىستاندۇر. كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئەڭ كۆپ ھىندونېزىيە، سىرى لانكا، مالايشىيا، فىلىپپىن، مېكسىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدا يېتىشتۈرۈلمەكتە. ئافرىقا بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىمۇ ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىدى. ھوندۇراستا بولسا، مورىنگا دەرىخى ئۆستۈرۈشتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلدى. ھوندۇراس ھۆكۈمىتى ھەم ھايۋانلار ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا كۆپ قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇشى ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان سودىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى كۆزدىن قاچۇرمىدى.
تۈركىيەنى ھازىرچە مورىنگا دەرىخى بىلەن تونۇشمىدى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. تۈركىيەدە مورىنگا دەرىخى ئۆستۈرۈش بىر قانچە ھەۋەس قىلغۇچى تەرىپىدىن يېڭىدىن سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. ئەسلىدە، مۆجىزە دەرىخى ياكى ھايات دەرىخى دەپ تەرىپلەنگەن بۇ دەرەخنى ئانادولۇدا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەتقىقاتلار قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مورىنگا دەرىخى تۈركىيە ئۈچۈن مول ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە قوللىنىش ساھەسى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولالايدۇ. ئاساسلىقى يېرىم قۇرغاق، تىروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلباغ كىلىماتلىرىدا يېتىشىدىغان مورىنگا دەرىخى تۇپراقنى تاللاپ كەتمەيدۇ. قۇرغاق ۋە قۇملۇق تۇپراقلاردا ياخشى ئۆسۈپلا قالماستىن، ئەڭ قاقىر تۇپراقلاردىمۇ ئۆسەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مورىنگا دەرىخى قۇرغاقچىلىققا قارشى بەرداشلىق بېرىش كۈچى يۇقىرى بولغان دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. مورىنگا 0 دىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇستىن 0 دىن تۆۋەن 9 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تېمپېراتۇرادا يوپۇرماقلىرىنى تۆكىدۇ. گەۋدىسى تەرەپتىن قۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتىدىغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى باھاردا قايتىدىن كۆكلەيدۇ. سوغۇقتا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن دەرەخ باھاردا كۆكلەپ، گەۋدىسىنى، شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرەلەيدۇ. مورىنگا دەرىخى ناھايىتى تېز يوغىنايدۇ. بىرىنچى يىلىدا 4 – 3 مېتىر ئۆسىدۇ، توڭ چۈشمىگەن ئىسسىق تېمپېراتۇرادا 6 مېتىردىن 15 مېتىرغىچە ئۆسىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مورىنگا دەرىخىنىڭ تېز ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەشتە قوللىنىش پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان. مورىنگا دەرىخى ئورمانلار تېز سۈرئەتتە يوق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، بۇنىڭغا قارشى كۈرەشتە قوللانغىلى بولىدىغان بىر دەرەخ تۈرىدۇر. مورىنگا دەرىخى ئۆسەلەيدىغان سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرى، ئاساسەن ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى جايلاشقان ۋە كەمبەغەللىك ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ يەرلەردە ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بالىلارنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن مورىنگا دەرىخى ئالتۇندەك قىممەتلىك. مورىنگا دەرىخىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان كىشىلەر كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.
مورىنگا دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى مورىنگا دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى
بىزمۇ مورىنگا دەرىخى ئۆستۈرمەكچى بولساق، چوڭقۇر يىلتىز تارتىدىغانلىقى ئۈچۈن كىچىك تەشتەكلەردە يوغىنالمايدىغانلىقىنى، باغچىلاردا ياخشى ئۆسەلەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم. ئەگەر تەشتەكتە ئۆسسۇن دېسەك، ناھايىتى يوغان تەشتەك ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. باغچىمىزدا مورىنگا دەرىخىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈن نۇرى چۈشىدىغان يەرگە 30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر ئورەك كولايمىز، ئاندىن توپا بىلەن تولدۇرىمىز. ئورەكنىڭ 1.5 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقىغا ئۇرۇقىنى كۆمۈپ، سۇ قۇيىمىز. سۇنى كۆپ قۇيساق سېسىپ قالىدۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىمكى، مورىنگا دەرىخى قۇرغاق ئىقلىملارنىڭ دەرىخىدۇر. بىر – ئىككى ھەپتە ئىچىدە يېشىللىق چىقارغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مورىنگا دەرىخى چوڭايغاندا يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ، يېڭى – يېڭى يىگىلى ياكى قۇرۇتۇپ چاي دەملەپ ئىچكىلى بولىدۇ. ھەتتا سوقۇپ، دورا سۈپىتىدە قوللانغىلىمۇ بولىدۇ. مورىنگا يوپۇرماقلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىدىغان كۆكتات يېمەكلىكىنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىمىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 24

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1725 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-17