شوپىن

شۇبىرتنىڭ 25 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىشوپىننىڭ 25 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتى

1772-يىلىدىن 1795-يىلغىچە پولشا ئۈچ قېتىم بۆلۈندى. 1815-يىلىدىكى ۋېنا يىغىنى پولشانى تۆتىنچى قېتىم بۆلۈۋەتتى، چارروسىيە ۋارشاۋا بەگلىكىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، نامدا «پولشا پادىشاھلىقى دۆلىتى» نى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە روسىيىنىڭ چار پادىشاھسى ھەربىي قىسىمنىڭ باش قوماندانى ۋە باش ۋالىينى پولشاغا قارىتا زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈشكە تەيىنلىدى. چار پادىشاھنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا، پولشا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ئېغىرلاشتى.
پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرى روسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش، ۋەتەننى مۇستەقىللىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش ئېلىپ باردى. 1830-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چار روسىيەگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلاپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلدى. كېيىن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ساتقىنلىقى ۋە چار روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، روسىيە ۋارشاۋانى يېڭىباشتىن كونترول قىلىۋالدى.
فىرىدىرىك شوپىن مۇشۇ دەۋىردە ياشىغان ئىدى. 
شوپىن 1810-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋارشاۋادىكى بىر يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، گەرچە ئائىلە، مۇھىت ۋە ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، شۇنداقلا سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شوپىن مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە بىۋاستە قاتناشمىغان، قىسقىغىنە 39 يىللىق ھاياتنىڭ 19 يىلىنى چەتئەللەردە مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبى باشتىن-ئاخىر ۋەتىنى پولشاغا تەلپۈنۈپ تۇردى.
يۇرتنىڭ توپىسىنى ئېلىپ ۋەتەن بىلەن خوشلىشىش
1830-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەممە يەر كەچ كۈز مەنزىرسى بىلەن قاپلانغان ئىدى. 20 ياشلىق 
شوپىن چەتئەلگە سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېرىسنا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ۋارشاۋا شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزا-يوراغا شوپىننى ئۇزاتقىلى كەلدى. ئېرىسنا شوپىنگە پولشانىڭ توپىسى قاچىلانغان بىر كۈمۈش ئىستاكاننى سوۋغا قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن: مەيلى قەيەرگە بارماڭ، بۇ ئىستاكاننى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. سەمىمىي-سادىق قەلبىڭىز ۋەتىنىڭىزنى قىزغىن سۆيسۇن، ۋەتەننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ دېدى، شوپىن ھاياجانلانغان ھالدا ئىستاكاننى قولىغا ئالدى. ئۇ ۋەتىنىنىڭ توپىسىنى ئېلىپ، ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ، يۇرتىدىن ئايرىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئايرىلىشنىڭ ۋەتىنى بىلەن مەڭگۈ ۋىدالىشىش ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇستازى ئېرىسنا شوپىننى ئۇزىتىدىغان چاغدا، دىرىژورلۇق قىلغان ناخشىنىڭ تېكىستى: «گەرچە ۋەتىنىمىزدىن كەتسىڭىزمۇ ئايرىلىپ، قەلبىڭىز ھامان ئارىمىزدا قالار ساقلىنىپ...» ياش شوپىننىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.
روسىيە جاھانگىرلىكىگە ھەرگىز باش ئەگمەسلىك لازىم
شوپىن ۋېناغا كېلىپلا، 1830-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋارشاۋادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپەرگە چىققان دىدوس ۋويسيىۋىسكى ۋەتىنىگە قايتىپ قوزغىلاڭغا قاتنىشىش قارارىغا كەلدى. ئۇ مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى شوپىنغا تاڭ ئاتقۇچە نەسىھەت قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە ماڭ دېدى. بۇنىڭ سەۋەبى شوپىننىڭ ئاجىز تېنى ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا يار بەرمەيتتى. شوپىن ئۇنىڭ نەسىھىتىگە كۆنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلى ناھايىتى پەرىشان بولدى، ئۇ ۋەتىنىدىكى دوستلىرىغا يازغان خېتىدە: «نېمە ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولالمايمەن!!!» دەپ يازغان. ئۇنىڭ قەلبى ۋەتەنگە تەلپۈنەتتى، مىللىي مۇستەقىللىك كۈرىشىگە قاتنىشىۋاتقان دوستلىرى بىلەن بىللە ئىدى، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسمىنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى «ئوقۇيدىغان جەڭ ناخشىسى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
1831-يىل 9-ئايدا شتوتگارتتا ئۇ ۋارشاۋانىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاڭلىدى ۋە ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا مەشھۇر ئەسىرى «ئىنقىلابى مەشىق مارشى» نى ۋە «خەلق ناخشىلىرى باشلىنىش كۈيى» قاتارلىقلارنى يازدى. بۇ مۇزىكىلار ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ۋە يات مىللەتلەرنىڭ ئېزىشىگە بولغان نەپرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردا پولشانىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشىۋاتقانلىقى، نەرە تارتقانلىقى ۋە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى كۈچلۈك ئەكس ئەتكەن ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا يازغان خاتىرسىدە ۋارشاۋا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان روسىيىلىك باش قوماندان پاسكۋىچنى غەزەپ بىلەن تىللىغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «موسكۋانىڭ بايۋەتچىسى دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولالامدۇ؟...ئۇلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ، شەھەرلىرىمىزنى كۆيدۈرمەكتە! ئاھ، مەن نېمە ئۈچۈن موسكۋالىق بايۋەچچىنى ئۆلتۈرەلمەيمەن!» ئۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنى، دوستلىرىنى، يۇرتى ۋارشاۋانى سېغىنىپ مۇنداق دەپ يازغان: «چار پادىشاھ ئەۋەتكەن ئىتلار شەھەرنى بېسىۋالدى، ۋارشاۋا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ، ئاھ، قەھرىمانلارنىڭ قېنى، مەڭگۈ ۋەتەن تۇپرىقىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق يازىدۇ: «ئاھ، تەڭرى، سەن قەيەردە؟ سەن ھايات تۇرۇپمۇ ئىنتىقام ئېلىپ بەرمەيسەنغۇ! روسىيىلىكلەرنىڭ جىنايىتى چېكىگە يەتمىدىمۇ؟ ياكى سەنمۇ روسىيىلكمۇ؟» 
قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شوپىننىڭ ئالدىدا ئىككى يول قالغانىدى، بۇنىڭ بىرى ئاتىسىنىڭ پىكىرى بويىچە روسىيە «پۇقرالىقى» نى ساقلاپ، روسىيە تارقاتقان پاسپورتنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، شۇنداق بولغاندا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈمرانلار ياقتۇرىدىغان مۇزىكانت بولالايتتى. يەنە بىرسى، روسىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىش ئىدى، بۇ، پولشادىن مەڭگۈ ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈشتىنلا دېرەك بېرەتتى. شوپىننىڭ ۋارشاۋا قوزغىلىڭىغا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى بىلىمى ۋە ئابرويىغا تايىنىپ دەسلەپكى يولدا مېڭىشى ناھايىتى ئوڭاي ئىدى. لېكىن ئۇ قەتئىي ھالدا كېيىنكى يولنى تاللىدى، يەنى سەرگەردان بولۇشقا رازى بولدىكى، روسىيە ھۆكۈمرانلىرىغا تىز پۈكۈشنى راۋا كۆرمىدى.
ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ ساداسى ئەكس ئەتتى
شوپىن 1831-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى پارىژغا يېتىپ كەلدى. شوپىننىڭ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يېرىمى پارىژدا ئۆتتى، بۇ دەل فرانسىيىدە ئىيۇل پادىشاھلىقى تىكلەنگەن مەزگىل ئىدى. گەرچە ئۇ بۇرژۇئا يۇقىرى تەبىقىسى بىلەن باردى-كەلدى قىلغان ۋە شۇ ۋاقىتتا بىر مەھەل ئەۋج ئالغان سالونلارغا كىرىپ-چىقىپ تۇرغان، بۇ ھال ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى ئىزچىل ھالدا يوقالمىدى. خۇددى ئۇ 1832-يىلى فرانسىيىنىڭ سەنئەت مىنىستىرلىكىگە يازغان خېتىدە ئېيتقاندەك، ھېلىمۇ «ۋەتىنىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە تاقەت قىلالماي پارىژغا كەلگەن پولشالىق» ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى مۇزىكا ئىجادىيىتىگە سىڭدۈردى. ئۇ ئۆمرىدە 58 خىل ئۇسسۇل مۇزىكىسى، 19 خىل «فرانسۇز ئۇسسۇل مۇزىكىسى» («پولشا ئۇسسۇل مۇزىكىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىجاد قىلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا قويۇق پولشا پۇرىقى ۋە كۈچلۈك مىللىي ھېسىيات سىڭگەن ئىدى. بۇ ئەسەرلەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، شوپىننىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى پولشانىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدىنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شوپىن چەتئەلدە تۇرۇشلۇق پولشالىق بولغىنى ئۈچۈن پەقەت خەت-چەك ۋە ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەر ئارقىلىقلا ۋەتىنى بىلەن ئالاقە قىلىشالايتتى. ئۇنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىدىكى بەخىتسىزلىكلەر مىللىتىنىڭ پاجىئەسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پولشانىڭ مۇستەقىل ۋە ئەركىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭدا بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئامالى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپ ھېسىيات ئەكس ئەتكەن، پولەك مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇ مۇزىكىنىڭ رېتىمى ئارقىلىق پولەك مىللىتىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەيتتى. 1837-يىلى روسىيىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چار پادىشاھ ئوردىسى نامىدىن شوپىننى «چار پادىشاھ جانابلىرىنىڭ باش رويالچىسى» لىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلدى. شوپىن بۇنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇ: «مەن گەرچە 1830-يىلىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشمىغان بولساممۇ، لېكىن مېنىڭ قەلبىم ئىنقىلابچىلار بىلەن بىللە» دېگەن جاۋاب بىلەن ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس مىللىي غۇرۇرىنى نامايەن قىلدى. ئۇ پارىژدا تۇرىۋاتقان مەزگىلدە مىسكىۋىچ قاتارلىق پولشا ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇردى، شۇنداقلا پارىژدا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم قىلدى، ئۇلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ئويۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى، سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلاشقان ئەھۋالدىمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرنى توختاتمىدى. 1848-يىلى ئۇ ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلدى، بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ مۇھىتى ۋە ھاۋاسى ئۇنىڭ ئۆپكە كېسەللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويدى، ئۇ ھە دەپ قان قۇسۇپ تۇرسىمۇ، لوندوندا پولشا مۇساپىرلىرى ئۈچۈن بىر قېتىم مۇزىكا كېچىلىكى ئۇيۇشتۇردى. بۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاممىۋى سورۇنغا چىقىشى ئىدى. 
يۈرىكى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
1846-يىلدىكى كراكوۋ قوزغىلىڭى شوپىندا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى توغرىلىق كىچىككىنە ئۈمىد پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى، 1848-يىلى پولشادىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بۇ ئېچىنشلىق خەۋەرلەر شوپىننىڭ روھىنى ناھايىتى سۇندۇرۇۋەتتى. ئۇ ئېچىنغان ھالدا ئۆزىنى «پولشالىق يېتىم بالا» دەپ ئاتىدى. 1849-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى شوپىن ۋاپات بولدى، جەسىتى پارىژغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇ ساقلاپ كەلگەن كۈمۈش ئىستاكاندىكى پولشانىڭ توپىسىنى ئۇنىڭ قەبرىسىگە چاچتى. شوپىن ھايات ۋاقتىدا پولشانىڭ روسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قۇل قىلىشىدىن ئازاد بولغانلىقىنى كۆرەلمىدى. ھەتتا دائىم ئېسىدىن چىقارمايدىغان ۋەتىنىگە قايتالمىدى. لېكىن ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرىكى پولشاغا ئېلىپ كېلىندى، ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىرغا قەدەر ۋارشاۋادىكى بىر چېركاۋدا ساقلانماقتا. بۇ مەشھۇر مۇزىكانتنىڭ يۈرىكى ۋەتىنى بىلەن بىللە تۇرماقتا.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 562 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28