پاترىس لۇمۇمبا


 كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى پاترىس لۇمۇمبا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى پاترىس لۇمۇمبا
رەزىل سۇيقەست
بۇندىن 20 يىل بۇرۇن-1961-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئېلېزابۋىر (ھازىرقى لۇبۇمباشى) نىڭ لۇئارو ئايرودرومى تونۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا بىر توپ كاتانكا ژاندارمىسى بىلگىيە ئوفېتسېرىنىڭ قوماندانلىقىدا پوستقا ئورۇنلىشىۋاتاتتى؛ ئەسكەرلەر خۇددى ئەشەددىي دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغاندەك، مىلتىقلىرىنى بەتلەپ تۇرۇشاتتى. قوماندانلىق مۇنارىدا كاتانكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنوڭگو بىلەن ئىككى نەپەر بىلگىيە مەسلىھەتچىسى ئولتۇراتتى. تۇرۇپكىدىن تۇيۇقسىز ئىستانىسىدىن چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
-ئېلېزابۋىر، ئېلېزابۋىر (پوسۇلكا) ھازىر يېتىپ بارىدۇ، مالنى تاپشۇرۇۋېلىشقا تەييارلىنىڭلار! 
ئارقىدىنلا قۇلاقنى يارغۇدەك سەت گۈركىرىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ، بىر ئايروپىلان چۈشۈش يولى بىلەن سىيرىلىپ كېلىپ ئايروپىلان توختاش مەيدانىدا توختىدى. ژاندارمىلار چۈشكەن بىر ئاپتوموبىل ئايروپىلان ئىشىكىنىڭ ئاستىدا توختىدى. مۇنوڭگو بىلەن ھېلقى بىلگىيىلىك مەسلىھەتچىمۇ تېزلا ئايروپىلان يېنىدا پەيدا بولدى. ئايروپىلان ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، قولى ئارقىسىغا قىلىپ كويزا سېلىنغان بىر كىشى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئالدىراپ ئاپتوموبىلغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈلدى. لېئوپولداۋىل (ھازىرقى كىنشاسا) دىن ئەۋەتكەن «پوسۇلكا» ئەسلىدە مۇشۇ ئىدى. مۇنوڭگو بىلەن بىلگىيە مەسلىھەتچىسىمۇ ئاپتوموبىلغا چىقتى. ئەسكەرلەر بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغۇچە، ئاپتوموبىل ئۇچقاندەك يۈرۈپ ئايروپىلاننىڭ قونۇش يولىنىڭ ئۇ تەرىپىگە بېرىپ غايىب بولدى. ئاپتوموبىل توختىدى، مەھبۇس كىچىككىنە بىر ئۆيگە سۆرەپ كىرىلدى.
مۇنوڭگو سەت كۈلۈپ دېدى:
-سەن ئېغىزىڭدا شەھەر ئېلىپ، قوشۇنىڭ ئېلېزابۋىرنى ئىشغال قىلغاندا، مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى ئىدىڭغۇ؟
ئايروپىلان ئىچىدە تاياق يەپ بەدىنىنىڭ ساق يېرى قالمىغان مەھبۇسنىڭ شۇ تاپتا گەپ قىلغۇدەك ماجالى قالمىغان ئىدى. ئۇ كۆزىنى ئاستا ئېچىپ، غەزەپلىك نەزىرى بىلەن مۇنوڭگوغا تىكىلدى. بۇ ھالدىن ئىختىيارسىز تىترىگەن مۇنوڭگو سوغۇققىنا ئۇھ تارتتى-دە، بۇرۇلۇپ يېنىدا تۇرغان ئەسكەرنىڭ قولىدىن سىداۋسى چىقىرىپ قويۇلغان مىلتىقىنى ئېلىپ، مەھبۇسنىڭ كۆكرىكىگە تەڭلەپ تۇرۇپ دېدى:
پۇقرار ساڭا ئوق تەگمەيدۇ، تىغ ئۆتمەيدۇ، تەگكەن ئوقلارنى بىر-بىرلەپ ئاغزىڭدىن چىقىرىۋېتىدۇ دەيدىكەن، راستمۇ؟
مەھبۇس بۇنىڭ خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت، ئىززىتىدىن توقۇلغان رىۋايەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى. لېكىن دۈشمەن ئالدىدا ھەرگىز بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ قەيسەرلىك بىلەن باش لىڭشىتتى.
-خوش، ئۇنداق بولسا، مەن بۈگۈن بىر سىناپ كۆرەي.
مۇنوڭگو شۇنداق دېدى-دە، سىداۋنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تىقتى، قىپقىزىل ئىسسىق قان سىداۋنى بويلاپ بۇلدۇقشىپ چىقىشقا باشلىدى. بىلگىيە مەسلىھەتچىسى كېلىپ بىر پاي ئوق ئاتتى. جاھانگىرلار ۋە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ بىرلىشىپ سۇيقەست قىلىشى ئارقىسىدا بىلگىيە تەۋەسىدىكى كونگو (ھازىرقى زايىر) نىڭ مىللىي قەھرىمانى پاترىس لۇمۇمبا شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئۇ كونگونىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئافرىقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىنىمۇ ئېقىتىپ تۈگەتكەن ئىدى.
«كىمنىڭ سېسىقلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ»
لۇمۇمبا 1925-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى كاسەي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى كاتاككومبورلۇق بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا ئۇمۇ ئالتە ياشقىچە يالىڭاچ چوڭ بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دادىسى بىلەن ئېتىزدا ئىشلىدى. دادىسى كاتولىك دىننىڭ تەقۋادار مۇرىتى ئىدى. ئۇ بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە دىنىي جەمئىيەتتە بىرەر خىزمەتكە ئىگە بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، لۇمۇمبانى دىنىي جەمئىيەت ئاچقان مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. مەكتەپتە فرانسۇز تىلى ۋە بىلگىيە تارىخى ئۆگىتىلگەندىن باشقا، ئاساسلىقى ئىنجىل ئوقۇتۇلاتتى، دىن تارقاتقۇچىلار دەرسخانىدا بالىلارغا خرستوس ئەيسا بىر نامرات كىشىنىڭ ئات ئوقۇرىدا پەيدا بولغان دېدى. «نامرات» دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ لۇمۇمبا كۆزىنى يوغان ئېچىپ دەرسلىككە قارىدى، ئۇنىڭ چىرايىدا شۈبھە ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. قىستۇرما رەسىمدىن قارىغاندا ئەيسانىڭ ئائىلىسىدە كالا، ئېشەك بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ چىرايلىق كىيىنىۋالغان ئىدى. «ئۇلارنى قانداقمۇ نامرات ھېساپلىغىلى بولسۇن؟ مېنىڭ دادام بىلەن ئانام يالىڭاچ يۈرىدۇ، كەچتە جىن چىراغمۇ ياقالمايدۇ، بۇ نامراتلىق بولمامدۇ!» لۇمۇمبادا ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىلا ئاق تەنلىكلەرنىڭ نامراتلىرى بىلەن نېگىرلارنىڭ نامراتلىرى ئوخشاش بولمىسا كېرەك دېگەن گىرىمسەن تۇيغۇ پەيدا بولدى. كېيىن ئۇ بىر سېستىرالىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئەمەلىيەتتە ئۇ دوختۇرلۇققا قىزىقمايتتى، ئۇنى قىزىقتۇرىدىغىنى سېستىرالار مەكتىپىنىڭ قىرائەتخانىسى ۋە يوپيورۇق ئېلېكتر لامپىلىرى ئىدى. ئۇنىڭ قولىدىن كىتاب چۈشمەيتتى، ئۇ ۋولتېر، رۇسسۇ، ھىيوگو، مورىيلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھارماي ئوقۇيتتى، كۈندۈزلىرى ئۆزى دەرسخانىدا ئولتۇرسىمۇ، كۆڭلى شۇ كىتابلاردا ئىدى. ئۇ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرىدىغان ھەقىقىي ئاللاھنى تېپىش يولىدا ئويلىناتتى، ئىزلىنەتتى. 1943-يىلى لۇمۇمبا بارلىق مۈلكى-بىر جۈپ ئەسكى ئۆتۈك، بىر قانچە قۇر كۆڭلىكىنى يۈدۈپ كىندۇغا كەلدى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بىر كان شىركىتىدە كاتىپ بولدى، بۇ يەرنىڭ يېزىسىدا پەقەت بىر قانچە ئاق تەنلىك پوپ ۋە ئوقۇتقۇچى بار ئىدى، شەھەردە ئىرقىي كەمسىتىش ھەممىلا جايدا دېگۈدەك ئۇچراپ تۇراتتى، ئاق تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ۋە ئاق تەنلىكلەر ئاچقان ئاشخانا، كىنوخانىلارغا نېگىرلارنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئوخشاش ئىش قىلسىمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىش ھەققى نېگىرلارنىڭ ئىش ھەققىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىدى. لۇمۇمبا بۇنىڭغا ئىنتايىن نارازى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بىر ئاق تەنلىك دىن تارقاتقۇچىغا:
-سىلەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەممە كىشىلەر باراۋەر دەيسىلەر-يۇ، مىسا قىلغاندا نېمە ئۈچۈن سىلەر بىلگىيلىكلەر سەپنىڭ ئالدىدا تۇرىۋېلىپ، بىز نېگىرلارنى ئاخىرىغا ئاپىرىپ قويىسىلەر؟-دەپ سوئال سورىدى.
-سىلەر نېگىرلارنىڭ تېنىدىن بىر خىل سېسىق  پۇراق چىقىدىكەن،-دېدى دىن تارقاتقۇچى جاۋاب بېرىپ،-ئاق تەنلىكلەر نېگىرلار بىلەن بىللە تۇرسا، ئاق تەنلىكلەر بۇ پۇراققا چىدىيالمايدىكەن.
-يالغان!-دەپ ۋارقىرىدى لۇمۇمبا غەزەپتىن تىتىرەپ،-كىمنىڭ سېسىق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ تېنىدىن سېسىپ كەتكەن جەسەتنىڭ ھىدى چىقىدۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لۇمۇمبا ئىجتىمائىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، ئۇ نېگىرلاردىن بىر قىسىم ياللانما خادىملار بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنى گېزىت-ژۇرنال ئوقۇشقا، رادىئو ئاڭلاشقا، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا، گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالە يېزىشقا تەشكىللىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ نامى چىقىشقا باشلىدى.
 مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىش
لۇمۇمبا ستانلىۋىد (ھازىرقى كىسانگانى) پوچتا ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان چېغىدا، مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئىجتىمائىي پائالىيەتكە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ بىر تۈركۈم تەربىيە كۆرگەن نېگىرلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ «شەرقىي ئۆلكە پوچتا ياللانما خادىملىرى جەمئىيىتى» ۋە «كونگو يەرلىك ياللانما خادىملار شەرقىي ئۆلكە تارماق جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قۇردى. ئۇ كىچىك بىربېرىشۇر يېزىپ ئىرقىي كەمسىتىشنى ئەيىپلىدى، نېگىرلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى. دائىم نېگىرلارنىڭ كوللېكتىپ يىغىلىشلىرىدا مەردانىلىق بىلەن نۇتۇق ئىزلەپ، مىللىي ئازادلىقنى تەشۋىق قىلدى. لۇمۇمبانىڭ ئىناۋىتى كۈنسېرى ئاشتى، نېگىرلار بۇنىڭدىن پەخىرلەندى. مۇستەملىكىچى دائىرلەر بولسا، بۇنىڭدىن غەزەپلىنەتتى ۋە قورقاتتى. 1956-يىل 6-ئايدا لۇمۇمبا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. پۈتكۈل ئافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بىلەن بىلگىيە تەۋەلىكىدىكى كونگومۇ غەپلەتتىن ئويغاندى. 1956-يىلى ئىلئاۋ ۋە كاساۋوبۇلار ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ كونگونى مۇستەقىل قىلىش تەلىپىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خەۋەر تۈرمىگە يەتكەندە، لۇمۇمبا ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىرادىسىنى تېخىمۇ قەتئىيلەشتۈردى. ئۇ گەرچە تۈرمىدە بولسىمۇ، كۆڭلى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئاممىۋى كۈرەشتە ئىدى. تۆمۈر پەنجىرە ئىچىدە ئۆتكەن بىر يىللىق ھاياتى ئۇنىڭغا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قىياپىتىنى يەنىمۇ ئوچۇق تونۇتتى، شۇنداقلا ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى ئابرويغا ئىگە قىلدى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ يەنە لېئوپولدۋىلغا كېلىپ ئامما بىلەن كەڭ ئالاقە باغلاپ، مىللىي ئازادلىقنى پائال تەرغىپ قىلدى ھەمدە فرانسىيە، بىلگىيىدىكى ئىلغار زاتلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى. گانادىكى ئېكلوما بىلەنمۇ خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشقا باشلىدى. 1958-يىلى 10-ئايدا لۇمۇمبا مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسىي پارتىيە كونگو مىللىي ھەرىكىتى پارتىيىسىنى قۇردى. شۇ يىلى 12-ئايدا لۇمۇمبا كونگو مىللىي ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ يەنە ئىككى رەھبىرى بىلەن بىلگىيىگە تەۋە كونگو ۋەكىلى سۈپىتىدە گانادىكى ئاككرادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى نۆۋەتلىك پان ئافرىقا يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنازىرىگە ماھىر تالانتى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان پائالىيەت ئىقتىدارى بىلەن يىغىندا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە بىلگىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، كونگو خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى تەلەپ قىلىشتەك كۈچلۈك ھېسىياتىنى ئىپادىلىدى. ھەر قايسى ئەل ۋەكىللىرىنىڭ ئىتىپاقلىق روھى ھەم ئۇلارنىڭ كونگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقى لۇمۇمبادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكلوما بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، زور مەنپەئەت ئالدى. ئەگەر ئۇنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت نېگىرلارنى ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى ئويلايتتى دېيىلسە، ھازىر ئۇ ئۆزى بىر نېگىر بولغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان بولدى. ئۇ لېئوپولدۋىلغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، 7000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئاممىۋى يىغىلىشتا قايناپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، ئاككرا يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز تىنچلىق بىلەن مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلىمىز. بىلگىيە ئەمدى بىزنىڭ مۇستەقىللىكىمىزنى ئۆزىنىڭ بىر سوۋغىتى قىلىۋالمايدۇ، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ، ئەكسىچە، مۇستەقىللىك كونگو خەلقنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان مۇقەررەر بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقى. بىلگىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ۋاقىت ھەم جاي چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى شەرىت، بىزنىڭچە بۇ چەكلىمىنىڭ ۋاقتى خېلى بۇرۇنلا كەلگەن.» ئاممىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، پۈتكۈل يىغىن مەيدانىنى «مۇستەقىللىك! مۇستەقىللىك!» دېگەن كۈچلۈك سادا قاپلىدى.
«كونگونىڭ مۇستەقىللىكى كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن»
كونگو خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنىڭ دولقۇنى بىلگىيە دائىرلىرىنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. 1960-يىل 1-ئايدا بىريۇسېلدا يۇمىلاق شىرە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا بىلگىيە ھۆكۈمىتى كونگو ۋەكىلى بىلەن مۇستەقىللىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يىغىن ئېچىلىشتىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇرۇن لۇمۇمبا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. شۇڭا ئۇ بىريۇسېلغا ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىدى. يىغىنغا قاتناشقان كونگو ۋەكىللىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بىلگىيە دائىرلىرى لۇمۇمبانى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. لۇمۇمبا تۈرمىدىن چىقىپلا پۈتكۈل بەدىنىنى قاپلىغان يارىسى بىلەن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ بىريۇسېلغا كېلىپ يۇمىلاق شىرە يىغىنىغا قاتناشتى. يۇمىلاق شىرە يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن بىلگىيىگە تەۋە كونگو 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىل بولىدىغان بولدى. 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا لۇمۇمبا قۇرغان مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسى ھەم ئۇنىڭ ئىتىپاقچىسى غەلبە قىلىپ، لۇمۇمبا كونگو جۇمھۇرىيىتى 1-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىپ، زۇڭلىلىق ۋە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىللىكنى تەبرىكلەش مۇراسىمى پارلامېنت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەكلىپ بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىلگىيە پادىشاھسى بودۇئېن بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇ بىلگىيىنىڭ 80 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ماختاپلا قالماستىن، بەلكى«ئاتىلىق» كىبىرىنى كۆرسىتىپ ئەمدىلا مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەن كونگو خەلقىگە «ۋەز-نەسىھەت» قىلدى:
-سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىكى مۇھىم خەۋپ، ئاھالەڭلەردە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل. شۇڭا ئىسلاھاتقا ئالدىراپ كەتمەسلىكىڭلار كېرەك. ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېتىشكە ئىشەنچ قىلماي تۇرۇپ بىلگىيە سىلەرگە تاپشۇرغان ھەر خىل ئاپپاراتلارنى ئالماشتۇرماڭلار. تۆۋەندە ئولتۇرغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ غەزەپتىن قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كەتتى، لېكىن جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان كاساۋوب نۇتقىدا قايتۇرما زەربە بەرمىدى. ئەسلىدە ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، تەبرىكلەش مۇراسىمى ئاخىرلىشاي دېگەندە يىغىن قاتناشچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيداندىن قايتماقچى بولدى، دەل شۇ چاغدا لۇمۇمبا ئوقتەك سەھنىگە چىقىپ مىكروفون ئالدىدا سۆزلەشكە باشلىدى.
-ھەر قانداق بىر كونگولۇق كونگونىڭ مۇستەقىللىكى كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ. بۇ بىر مەيدان قان-ياشلىق كۈرەش بولدى. بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى يارا تېخى ساقايمىدى، ئاغرىق تېخى پەسەيمىدى. بىز ئۆتكەنكى 80 يىلدا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا كۆرگەن كۈنلىرىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز.
ئۇنىڭ نۇتقى گۈلدىراس چاۋاكلار بىلەن تەنتەنە ساداسى ئىچىدە ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ تۇراتتى. مەيداندىكى كونگولۇقلارنىڭ دىلى يايراپ كەتتى، پادىشاھ بودۇئېننىڭ بولسا چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
«كونگونىڭ ئىستىقبالى پارلاق»
مۇستەملىكىچىلەر ئاسانلىقچە تەن بەرمەيدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ تەبئىتى. كونگو مۇستەقىل بولۇپ ئىككى ھەپتە ئۆتمەي، بىلگىيە ھۆكۈمىتى كونگو ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش پۇرسىتىن پايدىلىنىپ، مۇھاجىرلارنى قوغداش باھانىسى بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ قوراللىق ئارىلاشتى، بىلىگىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا كاتانكا ۋە جەنۇبىي كاساي ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىۋالدى. ۋەزىيەت شۇنداق تېز ئۆزگەردىكى، ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن جۇمھۇرىيەت بۆلۈنۈپ مۇستەقىللىق بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلدى. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن يامان نىيەتتە، لۇمۇمبا ئۆزىنى سالماق تۇتۇپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان ئەسكەرلەرگە نەسىھەت قىلدى ۋە ئارقىدىنلا ئەسكەر چىقىرىپ بۆلۈنۈش ھەرىكىتىنى تىنجىتتى. خەلقئارا ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىپ، بىلگىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. ئۇ مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى بۇيرۇق بىلەن توختىتىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي نەزەربەنتكە ئېلىندى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كۈرەشنى توختاتماي، بارلىق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، سىرتتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدە لۇمبۇبا پۈتكۈل ئائىلىسى ۋە بىر قانچە يېقىن دوستى بىلەن لېئوپولدۋىلدىن قېچىپ چىقىپ، ستانلىۋىلدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بىلگىيىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى لۇمۇمبالارنىڭ ھەرىكىتىنى رازىۋېت قىلىپ بىلىۋالدى. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇمۇمبالار سانكلو دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىپ، لېئوپولدۋىلغا يالاپ كېلىندى، سولاقتىكى مەزگىلدە دۈشمەنلەر لۇمۇمباغا قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلەرنىڭ ھەممىنى قوللاندى، مەقسىتى ئۇنى ئالداپ تەسلىم قىلدۇرۇش ئىدى. لېكىن لۇمۇمبا ئىرادىسى قەتئىي بولغاچقا، قىلچىمۇ تەۋرەنمىدى. قۇربان بولۇشقا رازى بولدىكى، مۇرەسسە قىلمىدى. ئۇ خوتۇنىغا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس كۈرەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان:
«بالىلىرىمىزغا ئېيتىپ قويۇڭ، بەلكى مەن ئۇلارنى كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن. كونگونىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مۇستەقىللىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپە ئۇلارغا موھتاج. ھەر بىر كونگولۇقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا موھتاج. غۇرۇر بولمىسا ئەركىنلىك بولمايدۇ، ھەققانىيەت بولمىسا غۇرۇر بولمايدۇ. مۇستەقىللىك بولمىسا، كىشى ئەركىن بولمايدۇ. ھەر قانچە قەبىھ جازالىسىمۇ ھەرگىز يالۋۇرمايمەن. ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆلۈشنى خالايمەنكى، ئىزا-ئاھانەت بىلەن ياشاشنى خالىمايمەن، مەن ۋەتىنىمنىڭ تەقدىرىگە قەتئىي ئىشىنىمەن، ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. مەن ئۈچۈن ياش تۆكمەڭ، ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ ئاپەتتىن خالىي بولالمىغان ۋەتىنىم چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ. ياشىسۇن كونگو! ياشىسۇن ئافرىقا!»
1961-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى لۇمۇمبا ئېلېزابۋىرغا بارىدىغان ئايروپىلانغا يالاپ چىقىرىلدى. جاھانگىرلار ۋە ئەكسىيەتچىلەر قان-قەرزگە بوغۇلدى! لۇمۇمبانىڭ باتۇرلۇق نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 541 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-16