ھىدالگو

ھىدالگو ھىدالگو

مېكسىكا 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ھىندىئانلار، ھىندىئان-ياۋروپالىقلاردىن بولغان شالغۇت تەنلىكلەر ۋە يەرلىك ئاق تەنلىكلەردىن تەركىب تاپقان مېكسىكا خەلقى بىلەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، شۇنىڭ بىلەن 1810-يىلى مېكسىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىدى. ھىدالگو مۇشۇ ئۇلۇغ كۈرەشنى قوزغىغۇچى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىدۇر.
ھىدالگو يەرلىك ئاق تەنلىك بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئوبلا دۆلىتىدىكى سونگولا ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئۇ فرانسىيە ئەدەبىياتى ۋە تارىخنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، 18-ئەسىردىكى فرانسىيە مەرىپەتپەرۋەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئىلاھىيەت پەلسەپىسى پروفېسسورى، كۈتۈپخانا باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولدى. 1803-يىلىدىن باشلاپ، دولورېس رايونىدا پوپ بولدى، ئۇ ئاساسىي قاتلامدا كەڭ مېكسىكا خەلقىگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى چۈشەندى. شۇ ۋاقىتلاردا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىنتايىن قەبىھ ئىدى. ئۇلار ھىندىئان دېھقانلارنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپلا قالماستىن، بەلكى شالغۇت تەنلىكلەرمۇ ۋە يەرلىك ئاق تەنلىكلەرمۇ كەمسىتىش ۋە ئېزىشكە ئۇچرايتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھىدالگونىڭ مۇستەملىكچى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەرخىل ئەكسىيەتچىل قانۇنلىرىغا ئۆچمەنلىكى قوزغالدى. ئۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا قارىماي، ئۆزى باشقۇرغان رايوندا ھىندىئان دېھقانلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆستۈرۈش چەكلەنگەن ئۈزۈم، زەيتۇن دەرىخى، ئۈجمە ئۆستۈرۈشكە، پىلە قۇرتى بېقىشقا، ياغ تارتىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، چىنە-قاچا ۋە خۇرۇم ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى دىنىي ھۆكۈم ئورنى ۋە مۇستەملىكچى ھۆكۈمەتتە گۇمانلىنىش ۋە زىيانكەشلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈجمىلىكى ۋە ئۈزۈمزارلىقى ۋەيران قىلىندى، ھەرىكىتى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. لېكىن ھىدالگو كۈرەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەركىنلىك»، «باراۋەرلىك»، «خەلق ھوقۇقى»، شۇنىڭدەك «مۇستەقىللىق» ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلدى. ھىندىئان دېھقانلىرى ۋە ئەركىنلىك ئىدىيىسى بار زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى بۇ جىمغۇر، زېرەك، بىلىمى چوڭقۇر پېشقەدەمنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلدى.
دولورېس ساداسى
1810-يىلى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى. مېكسىكىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرمۇ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇردى. ھىدالگو مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ۋە رەھبەرلىرىدىن ئىدى، 1810-يىلى 9-ئايدا، ھىدالگو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاشكارلىنىپ قالدى. مۇستەملىكچى ھۆكۈمەت مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ جىددىي پەيتتە ھىدالگو مېكسىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك پەقەت يەرلىك ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىش ۋە مۇستەملىكچى قوشۇن ئىچىدىكى يەرلىك ئاق تەنلىك ئوفېتسېرلارغىلا تايىنىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، بەلكى كەڭ ھىندىئان دېھقانلىرىغا تايىنىش لازىم دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىندىئان دېھقانلىرىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغاش قارارىغا كەلدى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە، ھىدالگو ھىندىئان دېھقانلىرى ئىبادەتكە توپلاشقان ۋاقتىدا، ئۇلارغا: ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى يوقىتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى دېدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئاممىدىن: «سىلەر ئەركىن ئادەم بولۇشنى خالامسىلەر؟ 300 يىل بۇرۇن لەنىتى ئىسپانىيەلىكلەر ئاتا-بوۋىمىزنىڭ يېرىنى تارتىۋالدى، بۇنىڭغا سىلەر ماقۇل دەمسىلەر ؟» دەپ سوئال قويدى. غەزەپلەنگەن ئامما: «ئىسپانىيىلىك قاراقچىلارنى دارغا ئاسايلى!» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھىدالگو ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ: «ياشىسۇن ئامېرىكا قىتئەسى! ئىپلاس ھۆكۈمەتنى يوقىتايلى!» دەپ شوئار توۋلىدى، بۇ مېكسىكا تارىخىدىكى مەشھۇر «دولورېس ساداسى» ئىدى.
ھىدالگو چاقىرىقى ۋە رەھبەرلىكىدە ھىندىئان دېھقانلىرى كالتەك، پالتا، ئورغاق قاتارلىقلارنى قورال قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دولورېستىن جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىپ، دەم ئېلىش ئۈچۈن بىر كىچىك كەنتتە توختىغاندا، ھىدالگو بۇ كەنتتىكى چېركاۋغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. چېركاۋدىن قايتىپ چىقىشىدا مۇقەددەس ئانا-گاۋادالوپنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئىختىيارسىز يۇلۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس ئانا گاۋادالوپنىڭ سۈرىتى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بايرىقى ۋە سىمۋولى بولۇپ قالدى. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ھىندىئان دېھقانلىرى، شالغۇت تەنلىكلەر قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشتى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا پاتپاراق بولۇپ كەتتى، ھىدالگو «ئامېرىكا قىتئەسى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانى» بولدى. قوزغىلاڭچىلار ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرى ۋە بايلارنىڭ ئۆيلىرىنى، قورۇلىرىنى ۋە كان مەيدانلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاشلىق، چارۋا ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدى ھەمدە جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان مۇستەملىكىچىلەرنى قاتتىق جازالىدى. چوڭ قورۇقلار، كان مەيدانلاردىن ئازاد قىلىنغان يانچى ۋە قۇللار تۈركۈم-تۈركۈملەپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشتى. ھىدالگو قوزغىلاڭغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ «دولورېس ساداسى» نى تەشۋىق قىلدى. بۇلار ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى ياللانما دېھقاندىن كېلىپ چىققان يېزا پوپى شالغۇت تەنلىك مارىلوس (1766-1815 يىللار) ئاكاپۇلكو تاغلىق رايونىدا يېتەكچىلىك قىلغان ئۇرۇشتۇر. ھىدالگو ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋە «دولورېس ساداسى» نىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئەڭ سادىقلىق بىلەن داۋاملاشتۇرغان كىشى- مارىلوستۇر.
ئالوندجادىكى ئامبار
9-ئاينىڭ ئاخىرىدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مۇستەملىكىچىلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان گۇئاناخۇئاتوغا يۈزلەندى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قورال-ياراغ، ئوق-دورا، ئاشلىق-تۈلۈك، مال-مۈلۈكلىرى ۋە ئارخىپلىرى مۇشۇ شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پۈتۈنلەي تاشتىن قۇرۇلغان مۇستەھكەم ئالوندجا قەلئەسىدىكى ئامباردا ئىدى. بۇ يەردە يەنە ئىسپانىيىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى كەلگۈچە قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا سۇ تەييارلىۋېلىنغان ئىدى، شۇ ئاينىڭ 28-كۈنى ھىدالگو يېتەكچىلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گۇئاناخۇئاتوغا يېتىپ كېلىپ ئالوندجا قەلئە ئامبىرىنى قورشىۋالدى. مۇستەملىكىچى قوشۇن تەسلىم بولمايلا قالماي، بەلكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى شىددەتلىك توپقا تۇتتى. قوزغىلاڭچىلار زور چىقىمغا ئۇچرىدى. كېيىن باتۇر ۋە پاراسەتلىك كۈمۈش كان ئىشچىسىدىن بىرسى بىر پارچە ياپىلاق تاشنى دۈمبىسىگە ئارتىۋېلىپ، دۈشمەننىڭ قويۇق ئوت كۈچىنى توسۇپ، قەلئەنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىدىن يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئوت تاشلىدى. قوزغىلاڭچىلار ئاخىرى بۇ قەلئەنى ئېلىپ، مۇستەملىكىچى قوشۇنلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھىدالگو يەرلىك ئاق تەنلىكلەر بىلەن ھىندىئانلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تۇرۇش بايرىقى ئاستىغا ئىتىپاقلاشتۇردى. مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان يەرلىك ئاق تەنلىكلەرنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئوفېتسېرلىكىگە ۋە ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىدى. لېكىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىدىكى بىر قىسىم يەرلىك ئاق تەنلىك ئوفېتسېرلار ھىندىئان دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ تەۋرىنىپ قالدى. ھەتتا بەزىلەر مۇستەملىكىچى دائىرلىرىگە تەسلىم بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ساتقىنلىق قىلدى.
«ئىككى مۇقەددەس ئانا ئوتتۇرىسىدىكى» جەڭ
1810-يىلى 10-ئايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ ئادىمى 80 مىڭغا يېتىپ، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مۇستەملىكىچى قوشۇن بىلەن مېكسىكىغا بارىدىغان تاغ ئېغىزىدىكى تار ئاچا يولدا كەسكىن جەڭ قىلدى، بۇ جەڭدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى غەلبە قىلدى. ئەينى چاغدا مۇستەملىكىچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچى مېكسىكىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شەھەرنىڭ مۇداپىئەسى ئاجىز ئىدى. شەھەرنىڭ باش ۋالىيسى ھىدالگونىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قورقۇپ جان-پېنى چىقىپلا كەتتى ھەمدە مۇقەددەس ئانا لوس رىمودىئاسىنىڭ (ئىسپانىيلىكلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ مېكسىكىدىكى ھامىيسى) مەبۇتىنى تاغدىكى ئىبادەتخانىدىن مېكسىكا شەھىرىدىكى چوڭ چېركاۋغا يۆتكەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنى مۇستەملىكىچى قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى سۈپىتىدە تاۋاپ قىلدى. باش ۋالىي يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئامان ساقلاشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېكسىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا گاۋادالوپ مۇقەددەس ئانا بىلەن ھوس رىمودىئاس مۇقەددەس ئانا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەردى. ھىدالگو مېكسىكا شەھىرىنى بىر يولىلا ئازاد قىلالمىدى، تولۇق مەشق قىلمىغان قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى چېكىنىش ۋاقتىدا قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بەزى يەرلىك ئاق تەنلىك ئوفېتسېرلاردا ھىدالگوغا قارىتا گۇمان پەيدا بولدى، مۇستەملىكىچىلەر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، كۈچىنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇستەملىكىچىلەر ئىسپانىيە ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەن ھەربىر شەھەر ئاھالىسىدىن بىرگە تۆت نىسبەت بويىچە ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىدالگو يېتەكچىلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گۋادالاخارا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى بازا قىلىپ، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت تەشكىللەپ، «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئويغانغانلار» ناملىق گېزىتنى نەشر قىلدى ھەمدە پەرمان جاكارلاپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يېتىپ بارغانلا جايدا ئون كۈن ئىچىدە بارلىق قۇللارنى ئازاد قىلىش لازىملىقى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، نوپۇس بېجى بىكار قىلىنغانلىقى، ھىندىئانلاردىن تارتىپ ئېلىنغان بارلىق يەرلەر ھىندىئان يېزا كوممۇنىسىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە باشقىلارنى ئېلان قىلدى. 1811-يىلى 1-ئاينىڭ 16-17-كۈنلىرى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي قىسمى بىلەن گۋادالاخارانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كاردۇڭ كۆۋرۈكى رايونىدا قاتتىق جەڭ بولدى، مۇستەملىكىچى قوشۇن قوراللىرى ياخشى، ئوبدان مەشق قىلغانلىقى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى قورالى ۋە مەشقى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، قوماندانلىقنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇش
كاردۇڭ كۆۋرۈكىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىدالگو قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قېپقالغان ئادەملىرىنى باشلاپ، جەنۇبقا چېكىندى. 1811-يىلى3-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، باخاڭ دېگەن جايغا كەلگەندە، خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوزغىلاڭچىلاردىن ئەسىرگە چۈشكەن جەڭچىلەرنى قورۇقلارغا ئەۋەتىپ قىيىن ئەمگەكلىرىگە سالدى. ئوفېتسېرلارنى شۇ جايدىلا ئېتىپ تاشلىدى. ھىدالگو قاتارلىق قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرى پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ چىئۇئائۇئا شەھىرىدىكى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتكە يالاپ ئېلىپ بېرىلدى. مۇستەملىكچىلەر ئۇنى قاتتىق قىيناپ سوراق قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرىۋەتتى. ھىدالگو 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولدى.
ھىدالگو رەھبەرلىك قىلغان خەلق قوزغىلىڭى گەرچە ۋاقىتلىق مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇتاشتۇرغان ئىنقىلاب يالقۇنى ئۆچۈپ قالمىدى. «دولورېس ساداسى» مېكسىكىنىڭ شەھەر-بازارلىرى، تاغ-دالىلىرىغىچە تارقىلىپ، خەلق ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئۇزاق مۇددەتلىك مۇرەككەپ كۈرەشلەر ئارقىلىق مېكسىكا خەلقى ئاخىرى 1821-يىلى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈردى. مېكسىكا خەلقى ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان ھىدالگونى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ ۋە ئۇنى مۇستەقىللىق ئاتىسى دەپ ھۆرمەتلەيدۇ. «دولورېس ساداسى» نى تارقاتقان كۈن 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مېكسىكىنىڭ مەڭگۈ خاتىرلىنىدىغان دۆلەت كۈنى قىلىپ بەلگىلەندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 626 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-16