مۇستاپا كامال 


مۇستاپا كامالمۇستاپا كامال

1981-يىلى مۇستاپا كامال تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرلەندى. 

1918-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە تۈركىيە خەلقى بىر مەيدان داغدۇغىلىق مىللىي ئازاتلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغدىدى، ئوسماننىڭ فېئوداللىق خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. مانا بۇ، مەشھۇر كامال ئىنقىلابىدۇر. مۇستاپا كامال (1881-1938) بۇ ئىنقىلابنىڭ رەھبىرى ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولغاچقا، تۈركىيە خەلقى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭغا «دۆلەت ئاتىسى» دەپ نام بەرگەن. 1934-يىلى دۆلەتلىك ئالىي مىللىي كېڭەش ئۇنىڭ فامىلىسىنى «ئاتا تۈرك» دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال دېگەن نام پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. 
زالىم پادىشاھنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازادلىققا ئىنتىلىش
مۇستاپا كامال 1881-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گۈزەل ئېگېي دېڭىز شەھىرىدىكى سالونىكادا بىر ياغاچ سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ چاغدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. فېئودال ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ھەم ۋەتەن ساتقۇچلۇقى، تۈرك مىللىتىنىڭ خورلىنىشى، چەت ئەللىكلەرنىڭ زورلۇق- زوراۋانلىقلىرى ماكېدونىيەدە ئىنتايىن روشەن ئىدى. بالقاندىكى سىياسىي ئەنسىزلىك بۇ ئائىلىنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىسىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىشىغا بەرھەم بەرگەن ئىدى. مۇستاپا كامال يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇنىڭ ئاتىسى بۇ زەربىگە چىداشلىق بېرەلمەي قازا تاپتى، جەمئىيەت ۋە ئائىلىسىدىكى قەبىھ شارائىت ياش مۇستاپا كامالنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كامال كىچىكىدىن باشلاپلا ھەربىي ئىشلارغا قىزىقاتتى. ئۇ 12 يېشىدا ئاپىسىدىن يوشۇرۇن ھەربىي تەييارلىق مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىردى. كېيىن ئىستانبولدىكى ھەربىي ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا كىردى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇنىڭدا ھەربىي دەرسلىكتىن باشقا يەنە، تارىخ ۋە ئەدەبىياتقىمۇ چوڭقۇر ئىشتىياق قوزغالدى. ئۇنىڭدا تارىختىكى مىللىي قەھرىمانلارنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىش ئىرادىسى تىكلەندى. ئۇ ھەربىي ئىنىستىتۇتتا ئوقۇغان ئاخىرقى بىر يىلى، نىيەت-ئىقبالى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش بىر قانچە ساۋاقدىشى بىلەن بىللە كىچىك قول يازما گېزىتى چىقىرىپ، سۇلتانلىق تۈزۈمىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى پاش قىلدى ۋە تەنقىد قىلدى. 1906-يىلى كامال دەمەشىقتە ئىنقىلابىي غايىگە ئىگە بىر تۈركۈم ياش-ئوفېتسېر، دوختۇر، زىيالىيلار بىلەن «ۋەتەن ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نى قۇردى. ئۇ قەتئىي ھالدا «بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى زالىم پادىشاھنىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد قىلىش»، «كىشى ئەگەر خورلۇقتا ياشىمايمەن دەيدىكەن، بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشى كېرەك» دەيتتى.
1908-يىلى كامال «بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئالغا باستۇرۇش جەمئىيىتى» قوزغىغان تۈركىيە ياشلىرى ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشتى. ياندۇرقى يىلى 4-ئايدا يەنە «ھەرىكەتلىنىش قوشۇنى» نى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، سۇلتان قوزغىغان توپىلاڭغا قارشى تۇردى. ئۇ «ھەرىكەتلىنىش قوشۇنى» نىڭ قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن قوشۇننى باشلاپ پايتەختكە كىرىپ، توپىلاڭنى تىنجىتتى، لېكىن تۈركىيە ياشلىرى ئىنقىلابى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە زالىم پادىشاھنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالغانلىقتىن، دۆلەت ھەقىقىي ئازادلىققا ئېرىشەلمىدى ۋە تەرەققىي قىلالمىدى. كامال بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۆزى ئىككىنچى قېتىم ئىنقىلاب قوزغىماقچى بولدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە داردانىل ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلبىسى كامالنى «ئىستانبولنىڭ نىجادچىسى» دېگەن نامغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن كەڭ مەدھىيلەندى. كامال تۈركىينىڭ ئىتىپاقدىشى گېرمانىيىنىڭ غەلبە قىلىش-قىلالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيىنى بىر مەيدان «قورقۇنچلۇق بالايى ئاپەت» كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئۇ تۈركىيە تەقدىرىنى گېرمانىيەنىڭ كونترول قىلىشىغا كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇردى. ئۇ«بىز تۈركلەر ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىز باشقۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ ئىشلارغا پروسسىيە بايۋەچچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش مىللىتىمىز ئۈچۈن نومۇس» دەيتتى. كامالنىڭ ھەربىي شۆھرىتى ۋە ۋەتەنگە سادىق ئوبرازى ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشىغا ئوڭۇشلۇق يارىتىپ بەردى.
مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا شانلىق غەلبىگە ئېرىشىش
1918-يىلىنىڭ ئاخىرى، تۈركىيە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر دەرھال تۈركىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشقا تۇتۇش قىلدى. كامال ئەنگىلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ پايتەختتە قۇرۇقلۇققا چىقىۋاتقانلىقىنى، مىللەتنىڭ بېشىغا چوڭ بالا-قازا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق بىئارام بولدى. بۇ چاغدا، داۋالغۇپ تۇرغان ئوسمان خان جەمەتى كامالنىڭ ئابرويىدىن پايدىلىنىپ خان جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر مەلىكىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەرمەكچى بولدى. لېكىن مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن خەۋپ ئۇنى قوزغىلىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ قەتئىي ھالدا يۇقىرى ئەمەل، ئۈستۈن تەمىناتتىن، شۇنداقلا خان جەمەتىگە كىرىپ ئاقسۆڭەك بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سامسۇندىكى چەت، نامرات ئاناتولىيەگە كېلىپ، مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلىشقا كىرىشتى. كامال تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ تەشۋىقات ۋە قوزغىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئانتانا دۆلەتلىرىنىڭ «مىللىي مۇستەقىللىقنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش» سۇيقەستىنى پاش قىلدى ھەمدە جايلاردىكى مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ «ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى» قۇرۇشىغا ۋە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. شۇ چاغدا ئىنقىلابىي قوشۇن ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر جاھانگىرلارغا ئۈمىد باغلاپ، ئەنگىلىيىنىڭ قوغدىشىغا ياكى ئامېرىكىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا تايىنىپ، بۆلۈنۈپ كېتىشتەك كۈلپەتلىك تەقدىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. كامال مىللىي ئۇرۇش ئارقىلىق مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ مۇراجىئەت قىلدى: «بىر مىللەت باشقىلارنىڭ ئەسىرى بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە، ئۆلگەن مىڭ ئەلا»، «مۇستەقىل بولمىغاندىن ئۆلگەن ياخشى»، «بىردىنبىر چىقىش يولىمىز، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاساس سالغان، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان شەرتسىز، مۇستەقىل تۈركىيە دۆلىتى قۇرۇش» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى سىۋاش قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ: «كۈچ بىلەن ۋەتەننى بىرلىكتە قوغداش، ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قاننىمۇ ئايىماسلىق» كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. 1921-يىلى 8-ئايدا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ھالقىلىق پەيتكە كىردى، 90 مىڭ كىشلىك گېرمانىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ئاناتولىيىنىڭ ئىچكى قىسمىغا، يەنى مىللىي ھەرىكەتنىڭ مەركىزى-ئەنقەرەغىچە قىستاپ كىردى. بۇ چاغدا يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئادىمى ئاز، قورال–ياراقلىرى ناچار، ئەھۋالى ئىنتايىن خەۋپلىك ئىدى. ئەگەر ئەنقەرە قولدىن كېتىپ قالسا، مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە ئىنتايىن زور زەربە بولاتتى. كامال خەۋپتىن قورقماي مىللىي ئىرادىنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى. ئۇ دۈشمەننىڭ ترانسىپورت لىنىيىسىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كەسكىن ھالدا قوشۇننىڭ ساقارىيە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىپ، يېڭىباشتىن مۇداپىئە لىنىيىسى قۇرۇشنى بۇيرۇش بىلەن بىر چاغدا، يەنە پۇل ۋە ماددىي ئەشيانىڭ 40 پىرسەنتىنى ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزۈپ بېرىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بارلىق مىللىي كۈچلەرنى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپكە بېرىپ جەڭچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا ئىلھام بەردى. 22 كۈن قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، گرتسىيىنىڭ ئەنقەرەنى تەلۋىلەرچە بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش پىلانىنى ئاخىرى مەغلۇپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەر قارارگاھىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ، داڭلىق «باش قوماندان ئۇرۇشى» ئىدى. مۇشۇ ۋەجىدىن كامال «غالىب» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.

1922-يىلى 8-ئايدا كامال تولۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق دۈشمەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە كامال مەخپىي ھالدا ئافيون ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق بەردى. شۇ چاغدا گرتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى 300 كىلومېتىر نېرىدىكى ئىزمىردا ئەيش-ئىشرەت سۈرۈۋاتقان بولۇپ، پۈتكۈل قوشۇننىڭ قىلچە تەييارلىقى يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار تۈركىيە قوشۇنىنىڭ زەربىسىدىن گاڭگىراپ كېتىپ رەسۋا بولۇپ قاچتى، «جەڭچىلەر! ئالغا! نىشان ئوتتۇرا دېڭىز!»-كامالنىڭ بۇيرۇقى تېزلا پۈتكۈل قوشۇندىكىلەرگە يەتكۈزۈلدى، ئۇلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ، دۈشمەننى قوغلىدى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كامال ئىنقىلابىي قوشۇننى باشلاپ، داغدۇغىلىق ھالدا ئىزمىرغا كىرىپ گرتسىيىنىڭ قورچاق ئارمىيىسىنى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە قوغلىۋەتتى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارلاق غەلبىگە ئېرىشتى. ئانتانتا دۆلەتلەر لوزاننادىكى تىنچلىق يىغىنىدا ئىلاجىسىز تۈركىيىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى دۆلەتلىك ئالىي مىللىي كېڭەش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىدى.
مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن بىلىملىرىدىن كۈچ ئېلىش
ئىنقىلاب غەلبە قىلغان، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە بالدۇرقىدەكلا نامراتلىق، قالاقلىق، فېئودال نادانلىق ھالىتىدە ئىدى. كىشىلەر ئۇچىسىغا دىن تارقاتقۇچىلاردەك ئۇزۇن پەرىجە، بېشىغا نامازدا كىيىدىغان قىزىل كىگىز كۇلا كىيەتتى، ئاياللار يۈزىگە چۈمبەل تارتاتتى، بالىلار پەقەت دىنىي مەكتەپكىلا بېرىپ ئوقۇيتتى، فېئودال دىنىي خۇراپاتلىق بارلىق يېڭى شەيئىلەرنى نابۇت قىلغان ئىدى. كامال بۇ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىمىغاندا، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭلاشقا ئۇ غەربنىڭ مەدەنىيىتى، ئىلىم-پېنى ۋە تېخنىكا بىلىملىرى ئارقىلىق تۈركىيىنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ خەلققە: «ھەقىقەتنىڭ يولى-مەدەنىيەت يولىدۇر»، «بىز مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن بىلىملىرىدىن كۈچ ئېلىشىمىز كېرەك» دەيتتى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كامال يۈرەكلىك ھالدا بىر قاتار ئىسلاھاتنى قىزغىن يولغا قويدى، ئۇ دىن بىلەن سىياسىينى ئايرىش پرىنسىپىنى بەلگىلىدى؛ شەيخلىق تونىغا ئورنىۋالغانلار تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى ھەمدە ئىبادەتخانا، پەيغەمبەر قەبرىلىرىگە بېرىشنى توستى، دىنىي مەكتەپلەرنى تاقاپ، دىندىن خالىي ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئاچتى. مىلادىيە يىلنامىنى قوللاندى؛ خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكىنى يولغا قويدى. شەرىئەت ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھازىرقى زامان جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ھەق-تەلەپ قانۇنىنى يولغا قويدى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى، ئاياللارنىڭ چۈمبەل تارتىشنى چەكلىدى، ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بەردى، فامىلە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، فېئودال ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە باشقىلار. فېئودال دىنىي تەسىرنىڭ كىشىلەر ئىدىيىسىنى بوغۇپ، ئىسلاھاتقا ئېغىر توسالغۇ قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلدى ھەم تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئىسلاھاتنى ئۆرۈپ-ئادەتنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ھەم مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قاراپ، ئىسلاھاتنى «مىللەتنىڭ مەجبۇرىيىتى» سۈپىتىدە يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىسلاھات تېزلا باشلاندى.
تۈركىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كامال يەنە خەلقنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، ئەرەب يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن يېزىىقىنى قوللاندى. تارىخ جەمئىيىتى قۇرۇپ، تۈركىيە مىللىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى. تىل جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئەرەب، پارس قاتارلىق چەتئەل تىللىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تۈرك تىلىنىڭ مىللىيلىششى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ھەتتا مەسچىتلەردە ئەزان توۋلىغاندا، دۇئا قىلغاندا ۋە قۇرئان ئوقۇغاندا تۈرك تىلىدا ئوقۇشنى بەلگىلىدى. كامال ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۇ ئالدى بىلەن چەتئەل كاپىتالى كونتروللىقىدىكى بارلىق تۆمۈر يول، كان، پرېستان ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، چەت ئەل كاپىتالىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي نومۇرىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇ يەنە دۆلەت مەسلىكىنى جاكارلاپ، دۆلەتنىڭ مەبلىغى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تېزلەتتى. ئۇ دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن فېئوداللىق باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېزىلاردا ئىناۋەتلىك قەرىز ۋە ھەمكارلىشىپ سېتىپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى.
پۈتكۈل ھاياتىنى تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلاش
1926-يىلى 6-ئايدا ئىزمىردا كامالنى ئۆلتۈرۈشنى قەست قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكتەك ئەكسىلئىنقىلابى ۋەقە يۈز بەردى. كامال بۇ ھەقتە سۆزلىگەندە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر قانچە كۈنلۈكى قالغان تېنىم ھامان بىر كۈنى توپىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۇنيادا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.» بۇ سۆز ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي روھىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭ ھاياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن ئىدى. لېكىن ئۇ يەنىلا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ئالغا بېسىشى، روناق تېپىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغان ئىدى. 1938-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئىستانبولدىن ئەنقەرەگە بېرىپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا يار بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېسەل كارۋىتىدىن تىرمىشىپ قوپۇپ، بارلىق كۈچى بىلەن ئاران دېگۈدەك دېرىزە ئالدىغا كېلىپ، بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ كەلگەن ياشلارغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «بۇ بايرام، شۇنداقلا كەلگۈسى سىلەرنىڭ!» دېدى. مۇستاپا كامال ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تۈركىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىق ئىشلىرىغا تەقدىم قىلدى.

مەنبە: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئەركىنلىك سىگنالىنى چالغۇچىلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى؛

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 36

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3006 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-12