ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھ


ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ ئىئوردانىيەدىكى قەبرىسىئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ ئىئوردانىيەدىكى قەبرىسى

 مىلادىيە (638-583) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جەننەتتىن خۇش خەۋەر بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ بىرى. ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھ 583-يىلى مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكى ۋاقتىدا چوڭ بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار ئارمىيىسىغا سەركەردە بولغان ھەم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىپىلىك ئورنىغا مۇۋاپىق كىشى دەپ قارالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « ھەر بىر خەلقنىڭ بىر ئامانەتكارى بولىدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ ئامانەتكارى بولسا ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھدۇر» دېگەن بۇ كىشى كىم؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى «زاتۇس-سەلاسىل» غازىتىدا ئەمىر ئىبنى ئاسقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ۋە ئەبۇبەكرى، ئۆمەرلەر ئۇنىڭ ئىچىدە بولغان قوشۇنغا ئەمىر قىلغان بۇ كىشى كىم؟ ئەڭ دەسلەپ «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ساھابە كىم؟ بويى ئېگىز، بەدىنى ئورۇق، يۈز تومۇرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، كەكە ساقال، كوماك يەنى ئۇدۇلىدىكى ئىككى  چىشى چۈشۈپ كەتكەن بۇ كىشى كىم؟ توغرا، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب چوڭقۇر نەپەسلىرى بىلەن: «ئەگەر ئەبۇ ئۈبەيد ئىبنى جەرراھ ھايات بولغان بولسا، مەن ئۇنى چوقۇم خەلىپە قىلغان، پەرۋەردىگارىم سورىسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانەتكارىنى خەلىپە قىلىپ قويدۇم، دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم» دېگەن يېڭىلمەس ئامانەتكارى زادى كىم؟ شۈبھىسىزكى، بۇ كىشى بولسا جەرراھنىڭ ئوغلى ئەبۇ ئۈبەيدىدىن ئىبارەت. ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرقەمنىڭ ھويلىسىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئەبۇ بەكرى سىدىقىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان، ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەتتە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارغان، كېيىن ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ «بەدرى غازىتى»، «ئۇھۇد غازىتى» ۋە باشقا ھەممە غازاتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۇرۇش قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بۇ يېڭىلمەس ئامانەتكار دەسلەپ خەلىپە ئەبۇبەكرى، كېيىن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەرنىڭ ھەمراھلىقىدا دۇنيانىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، دىنى مەسئۇلىيەتلەرنى زاھىدلىق، تەقۋادارلىق، باتۇرلۇق ۋە ئىشەنچلىكلىك بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھ يولىغا سەرىپ ئېتىدىغانلىقى توغرىسىدا بەيئەت قىلغاندا «ئاللاھ يولىدا» دېگەن سۆزنى تولۇق چۈشىنەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يولدىكى كۆرسىتىشكە تېگىشلىك ھەر قانداق تىرىشچانلىق ۋە بېرىشكە تېگىشلىك ھەرقانداق قۇربانلىققا تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئوڭ قولىنى سوزۇپ پەيغەمبىرىگە بەيئەت قىلغاندىن باشلاپ ۋۇجۇدى، كۈنلىرى ۋە پۈتۈن ھاياتلىقىدا، بۇلارنى ئاللاھ يولىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەرىپ ئېتىشتىن باشقا ۋەزىپەم يوق دەپ قارايتتى، كۆڭۈل خاھىشلىرىنىڭ كەينىگە كىرمەيتتى، ھەرقانداق ئارزۇ ۋە ھەرقانداق تەھدىتمۇ ئۇنى ئاللاھ يولىدىن يۈز ئۆرۈتەلمەيتتى. ئۇ ساھابىلەر ۋاپا قىلغان ھېلقى ئەھدىگە ۋاپا قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قەلبى ۋە ھاياتلىق يولىدا ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلماقچى بولغان ئۇلۇغ نامىغا لايىق كېلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، ئۇنىڭغا قاراپ: «بۇ ئۈممەتنىڭ ئامانەتكارى ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھدۇر» دېدى. چوقۇمكى، ئەبۇ ئۇبەيدىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىگە بولغان سادىقلىقى ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. «ئۇھۇد غازىتى» دا ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن مۇشرىكلارنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەمەس بەلكى ھەممىدىن ئاۋۋال، بۈيۈك پەيغەمبەرنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىنى سېزىپ ئۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىدىن يىراقلاپ كەتمەسلىك توغرىسىدا ئۆزىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئۇ ئۆزىگە سادىق قىلىچى بىلەن ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن زومىگەرلىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن بۇتپەرەسلىك ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ھەر قېتىم ئۇرۇش ئېھتىياجى ۋە غازات ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يىراقلىشىشقا توغرا كەلسە بىر جۈپ كۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ زەربە نىشانىغا ئەمەس بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرغان جايغا تىكىپ تۇرۇپ جەڭ قىلاتتى. ئۇنى ھەر دائىم ئەنسىرەش ئىچىدە كۆزىتىپ تۇراتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر خەتەرنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى سەزگەن ھامان ئۆز ئورنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرغان جايغا ئۆزىنى ئېتىپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇ زاتقا زەررە يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا زەربە بېرىپ كەينىگە چېكىندۈرەتتى!! ئۇرۇش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ ئەبۇ ئۈبەيدە ئۇرۇش مەيدانىدا بارلىق كۈچى بىلەن جەۋلان قىلىۋاتقاندا بىر توپ ئەسكەرلەر ئۇنى قورشىۋالدى، ئۇ ئادىتى بويىچە كۆزلىرىنى خۇددى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرغان ئورۇنغا تىكىپ تۇراتتى. ئۇ بىر مۇشرىكنىڭ قولىدىن چىققان ئوقنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تېگىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۇچتى-دە، ئۆزىنى قورشىۋالغانلارغا قىلىچى بىلەن خۇددى يۈز قىلىچنى ئىشلەتكەندەك ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ئۇچقاندەك ئېتىلىپ بېرىپ ئۇ زاتنىڭ پاك قېنىنىڭ يۈزىدىن سىرغىپ ئېقىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سادىق پەيغەمبەرنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قېنىنى سۈرتكەن ھالدا: «ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارىغا دەۋەت قىلىۋاتقان يۈزنى قان بىلەن بويىغان بىر قەۋم قانداقمۇ نىجاتلىققا ئېرىشەلىسۇن» دەۋاتقانلىقىنى ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىغا كىيىۋاتقان تۆمۈر قالپاقنىڭ ھالقىلىرىدىن ئىككى ھالقىنىڭ ئىككى مەڭزىگە پاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ چاغدا ئۇ چىداپ تۇرالماي ئوتتۇرا چىشلىرى بىلەن ھالقىنىڭ بىرىنى چىشلەپ تارتىپ چىقىرىۋەتتى، ئۇ ناھايىتى كۈچەپ تارتقانلىقتىن بىر چىشى قومۇرۇلۇپ كەتتى، ئاندىن كېيىن ئىككىنچى ھالقىنىمۇ چىشلەپ تارتىپ چىقاردى بۇ چاغدا يەنە بىر چىشى قومۇرۇلۇپ كەتتى. بۇ كۆرۈنۈشىنى بىزگە ئەبۇبەكرى ئۆز ئېغىزى بىلەن سۆزلەپ بېرىشكە قويۇپ قويايلى: «ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوق تېگىپ تۆمۈر قالپاقنىڭ ئىككى دانە ھالقىسى ئۇ زاتنىڭ مەڭزىلىرىگە سانجىلدى. مەن دەرھال ئۇنىڭ تەرىپىگە يۈگۈردۈم، تۇيۇقسىز بىر ئادەمنىڭ شەرق تەرەپتىن ئۇچقانداق كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە كۆڭلۈمدە «ئى ئاللاھ ئۇ ئادەمنى ئىتائەتمەن قىلىپ بەرگەيسەن» دەپ ئىلتىجا قىلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە قارىسام ئۇ ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھ ئىكەن، ئۇ مەندىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ماڭا: «ئى ئەبۇبەكرى، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتى بىلەن بۇ ھالقىنى مېنىڭ تارتىپ چىقىرىشىمغا بەرسەڭ» دېدى، مەن قوشۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل چىشلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىدىكى ھالقىنى كۈچەپ تارتىپ چىقاردى ۋە ھالقا بىلەن تەڭ ئوڭدىسىغا يىقىلدى، قارىسام بىر تال چىشىمۇ قومۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپتۇ، ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئىككىنچى ھالقىنىمۇ كۈچەپ تارتىپ چىقىرىپ يەنە ھالقىنىڭ چىقىشى بىلەن يەنە ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى، قارىسام يەنە بىر چىشىمۇ قومۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ئۈبەيدە خەلق ئارىسىدا، «كوماك» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان ئىدى». ساھابىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ۋە ئېغىرلىشىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە ئەبۇ ئۈبەيدە ئۆزىنىڭ ساداقىتى ۋە ئىخلاسى بىلەن داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ كەلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى 300 ئون نەچچە ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىپ «خەبەت» غازاتىغا ئەۋەتكەن، گەرچە ئۇلاردا بىر تۇلۇم خورمىدىن باشقا ئوزۇقلۇق بولمىسىمۇ، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق بولسىمۇ ئەبۇ ئۈبەيدە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پىداكارلىق، رازىمەنلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇ ئەسكەرلەرنى باشلاپ يولغا چىقتى، ھەربىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇقى پەقەت بىر ئوچۇم خورمىدىن ئىبارەت ئىدى. خورما تۈگەي دەپ قالغاندا ھەتتا بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇقلۇقى بىر تال خورمىغىمۇ چۈشۈپ قالاتتى. خورمىنىڭ ھەممىسى تۈگىسە خورما يوپۇرماقلىرىنى يەپ ئۈستىدىن سۇ ئىچەتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ غازات «خورما يوپۇرمىقى غازىتى» دېگەن مەنىدە «گەبەت» غازىتى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇلار ئاچلىق، مەھرۇملۇق دېگەنلەرگە پەرۋاسىز ئىدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەمىرى بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزلىرىنى تاللاپ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۈممەتنىڭ ئامانەتكارى» ئەبۇ ئۈبەيدىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. «نەجران» ئۆمىكى يەمەندىن مۇسۇلمان بولغان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىسلامدىن تەلىم بېرىدىغان بىرەرسىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى، بەك، بەك، بەك ئىشەنچلىك ئادەمنى ئەۋەتىمەن» دېگەن. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىشەنچلىك» دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنىڭمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇنداق ماختىشى ۋە تاللىشىغا ئېرىشىشىلىرىنى ئارزۇ قىلىپ قېلىشقان.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمىر بولۇپ ئۇلارغا دىنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىش ئارزۇسىدا ئەمىرلىكنى شۇ كۈنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن پېشىن نامىزىغا بالدۇرلا چىقتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن ئەتراپلىرىغا قارىدى. بۇ چاغدا مېنى كۆرسۇن دەپ گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ بوينۇمنى سوزۇپ تۇردۇم، ئۇ كۆزلىرى بىلەن ئۇزاق ئىزدىگەندىن كېيىن ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرىپ: «سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، ئۇلار ئىختىلاپلاشقان ئىشلاردا ئۇلارغا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بەرگىن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاللىشىغا ئېرىشىپ ئەمىر بولۇشقا ئۇ ئېرىشىۋالغان ئىدى». بۇ ئىش باشقا ساھابىلەرنى قايرىپ قويۇپ پەقەت ئەبۇ ئۈبەيدىنىڭلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ بەلكى ئۇنىڭ ئاشۇنداق بۈيۈك ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىزمەت ۋە دەۋەت شارائىتىدىن پەقەت ئۇنىڭغا مەدىنىدىن ئايرىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەبۇ ئۈبەيدە خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقتىدا ئىخلاسمەن بولغىنىدەك، ئۇ زات ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، پۈتۈن زېمىن ئەھلىگە تەقسىم قىلىپ بەرسىمۇ يەتكۈدەك دەرىجىدىكى يۈكسەك ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئەسكەر بولغىنىدا پەزىلىتى ۋە جۈرئىتى بىلەن خۇددى ئەمىرگە ئوخشاش، ئەمىر بولغىنىدا مۇلايىملىقى ۋە سادىقلىقى بىلەن خۇددى غازات قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئوخشاش ئىسلام بايرىقى قەيەرگە بارسا ئۇمۇ شۇ يەرگە باراتتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد چوڭ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە ئىسلام ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبۇ ئۈبەيدىنى ۋالىي قىلماقچى بولىدۇ، ئەبۇ ئۈبەيدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەرمانىنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭدىن بۇ پەرماننى يەتكۈزۈشنى تاكى قوماندانى خالىد بۈيۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۆزىمۇ ئۇنى تەقۋادار، ھوشيار، ئىخلاسمەن قەلبىگە يوشۇرۇپ قويىدۇ، خالىد غەلبىگە ئېرىشىپ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ۋاقتىدا ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ خېتىنى چوڭقۇر ئەدەب بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. خالىد ئۇنىڭدىن: «ئى ئەبۇ ئۈبەيدە، ئاللاھ ساڭا مەرھەمەت قىلسۇنكى، بۇ خەت قولۇڭغا تەگكەن ھامان ماڭا يەتكۈزۈشىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ، بۇ چاغدا ئۈممەتنىڭ ئامانەتكارى ئەبۇ ئۈبەيدە: «مەن غازىتىڭنى ئۈزۈپ قويۇشىڭنى خالىمىدىم، بىزنىڭ مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ سەلتەنەتىگە ئېرىشىش ئەمەس، بىز دۇنيا ئۈچۈن ئىشلىمەيمىز، بىز ھەممىمىز ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلاردۇرمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەبۇ ئۈبەيدە شامغا ۋالىي بولۇپ ئەڭ كۆپ، ئەڭ كۈچلۈك ئىسلام ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ قول ئاستىغا ئۆتكەن بولسىمۇ سىز ئۇنى كۆرىسىز، ئادەتتىكى غازاتچىلار ياكى ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى ئوخشايدۇ دەپ قالىسىز.
شام خەلقنىڭ بۇ ۋالىيدىن ھەيران قالغانلىقى ھەققىدىكى گەپ سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ئۇ ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ مەخسۇس ۋەز سۆزلىگەن. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە ئىخلاسمەنلىكى ئالدىدا ھاڭ-تاڭ قالغان خەلققە نېمە دېگەنلىكىگە قاراڭ: «ئى خالايىق، شۈبھىسىزكى مەن قۇرەيشتىن بولغان بىر مۇسۇلمان، ئاراڭلاردىن مەيلى قىزىل تەنلىك بولسۇن ياكى قارا تەنلىك بولسۇن كىمكى تەقۋادارلىقتا مەندىن ئېشىپ چۈشىدىكەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا رازىمەن». ساڭا بارىكاللا، ئى ئەبۇ ئۈبەيدە! سېنى بارلىققا كەلتۈرگەن دىنغا، سېنى تەربىيلىگەن پەيغەمبەرگە بارىكاللا! ئەبۇ ئۈبەيدە سان ۋە ساپا جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شام شەھەرلىرىنىڭ ھەممە ئىتائەت قىلىدىغان، ھۆكمىگە رازى بولىدىغان ھاكىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەنسەپلەر ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەنسەپلەر ئالدىدىمۇ چوڭچىلىق قىلمايتتى!! مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى شامنى زىيارەت قىلغىلى بېرىپ، ئۆزىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققانلاردىن: «قېرىندىشىم قېنى؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: « كىمنى دەيلا؟» دەپ سورىغاندا: «ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھنى دەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئەبۇ ئۈبەيدە كېلىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۆمەرنى ئۆيىگە باشلاپ ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قىلىچى، تۆمۈر قالپىقى ۋە ئېگەردىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوقلىقىنى كۆرۈپ ئەبۇ ئۈبەيدىدىن: «سەنمۇ ئۆيىڭنى باشقىلارغا ئوخشاش سەرەمجانلاشتۇرساڭ بولمامدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ: «مۇشۇلار مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا يېتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ!! بىر كۈنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر فەرۇخ مەدىنىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئەبۇ ئۈبەيدىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىدۇ! ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ چەكسىز قايغۇ ئىچىدە كۆز يېشى قىلىدۇ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ھەمراھىغا چوڭقۇر مېھرىبانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ ئۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئېيتقان «ئەگەر مېنىڭ ئارزۇيۇم بار دېيىلسە مەن پەقەت ئەبۇ ئۈبەيدىگە ئوخشاش كىشىلەر بىلەن لىق تولغان بىر ئۆينىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈممەتنىڭ ئامانەتكارى ئۆزى پارسلارنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن رىملارنىڭ ئېزىشىدىن پاكلىغان زېمىندا ئالەمدىن ئۆتتى. مانا بۈگۈن ياخشى روھ، خاتىرجەم بىر جاننىڭ قارارگاھى بولغان ئىئوردانىيە زېمىنى بۈيۈك بىر جەسەتنى قولىغا ئېلىپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ قەبرىسى مەيلى مەشھۇر بولسۇن ياكى نامسىز بولسۇن، بىزگە نىسبەتەن بەرىبىر ئوخشاش، چۈنكى سىز ئەگەر ئۇنىڭ قەبرىسىگە بارماقچى بولسىڭىز يولباشچىنىڭ كېرىكى يوق، پەقەت ئۇنىڭ تېنىنىڭ خۇش ھىدى سىزنى باشلاپ بارىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 41

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2175 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-11