زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام

قاچان تەلھە تىلغا ئېلىنسا زۇبەيرمۇ بىللە تىلغا ئېلىنىدۇ. زۇبەير (مىلادىيە 656-594) تولۇق ئىسمى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ بىرى. زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام 594-يىلى مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى كەلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن ئىلگىرى ساھابىلىرىنى قېرىنداش قىلغان ۋاقتىدا تەلھە بىلەن زۇبەيرنى قېرىنداش قىلىپ قويغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقاچان ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەيتتى. مەسلەن «تەلھە بىلەن زۇبەير جەننەتتە مېنىڭ ئىككى خوشنامدۇر» دېگەنگە ئوخشاش. ھەر ئىككەيلەن يېقىنلىق ۋە نەسەب جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىشىدۇ. تەلھەنىڭ نەسەبى مۈررە ئىبنى كەئب ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىشىدۇ. زۇبەيرنىڭ نەسەبى قۇسەيىي ئىبنى كىلاب ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى سەفىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسىدۇر. تەلھە بىلەن زۇبەير مەيلى ئۆسۈپ يېتىلىش جەھەتتە بولسۇن ياكى بايلىق جەھەتتە بولسۇن ياكى سېخىيلىق جەھەتتە بولسۇن ياكى دىيانىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى باتۇرلۇق جەھەتتە بولسۇن، بىر-بىرىگە ئوخشىشىدۇ. ھەر ئىككەيلەن ئىسلامنى بالدۇر قوبۇل قىلغانلار قاتارىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن ئون كىشى قاتارىدىن ۋە ئۆمەر ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە تاللاشتا كېڭىشىشكە تەيىنلىگەن ئالتە كىشى قاتارىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىمۇ بەك ئوخشىشىدۇ بەلكى ئوخشاش دېسەكمۇ بولىدۇ. زۇبەير خۇددى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بالدۇر مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ئىسلامنى بالدۇر قوبۇل قىلغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە «ئەرقەم» نىڭ ئۆيىدە ئىسلام تەلىماتلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئۇنىڭ يېشى شۇ چاغدا 15 ياش بولۇپ، ئەنە شۇنداق كىچىك تۇرۇپ ھىدايەت، نۇر ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان ئىدى. كىچىكىدىن باشلاپلا جۈرئەتلىك چەۋەنداز ئىدى. ھەتتا تارىخچىلار ئاللاھ يولىدا تۇنجى قىلىچ يالىڭاچلىغان كىشى «زۇبەير» دىن ئىبارەت دېيىشىدۇ. 
مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تېخى ئاز بولۇپ، «ئەرقەم» نىڭ ئۆيىدە يوشۇرنۇپ يۈرىۋاتقان، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىر كۈنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرلۈپتۇ» دېگەن ئۆسەك سۆزلەر تارىلىدۇ، زۇبەير بۇنى ئاڭلىغان ھامان قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ گەرچە ئۆزى كىچىك بولسىمۇ خۇددى بوراندەك مەككە كوچىلىرىدا ئايلىنىپ دۈشمەننى ئىزدەپ ماڭىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا ئەنە شۇ قىلىچى بىلەن پۈتۈن قۇرەيشنى قىرىپ تاشلاش ياكى بولمىسا ئۆزى شېھىت بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. مەككىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدۇ، بۇ چاغدا ئۇ بولغان ئىشلارنى تولۇق سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە ياخشىلىق، قىلىچىغا غەلبە تىلەيدۇ. گەرچە زۇبەير قەۋمى ئىچىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولسىمۇ يەنىلا قۇرەيش خەلىقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئازاپلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمغان ئىدى، تاغىسى ئۇنى ئازاپلاشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، تۈتۈن بىلەن ئۇنىڭ نەپەسلىرىنى بوغۇش ئۈچۈن ئۇنى بورىغا ئوراپ ئوت تۇتاشتۇراتتى ۋە ئۇ ئوتنىڭ تەپتى ۋە تۈتۈنىدىن ئازاپلانغىلى تۇرغاندا: «مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلساڭ ئازاپلىمايمەن» دەيتتى، بۇ چاغدا ئەمدى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بۇ ئۆسمۈر تاغىسىغا تىز پۈكمەستىن مەغرۇرلۇق بىلەن: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئاللاھنى مەڭگۈ ئىنكار قىلمايمەن» دەپ جاۋاب بېرەتتى.
زۇبەير ھەر ئىككى قېتىملىق ھىجرەتتە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارىدۇ، ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بارلىق غازاتلارنىڭ ھەممىسىگە قالدۇرماي قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۇرۇشتا يارىلانغان زەخمە ئىزلىرى نېمىدىگەن كۆپ-ھە! بۇ كۆز-كۆز تاتۇقلار زۇبەيرنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئىش-ئىزلىرىنىڭ يادنامىسىدۇر. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تاتۇقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەمراھلىرىنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى: «مەن زۇبەير ئىبنى ئەۋام بىلەن بىرگە سەپەرگە چىققان ئىدىم. مەن ئۇنىڭ بەدىنىدە قىلىچ دەستىدىن يول-يول تاتۇق ئىزلىرىنىڭ قالغانلىقىنى، كۆكرەكلىرىدە خۇددى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزگە ئوخشاش نەيزە سانجىلغان ئىزلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا: «بەدىنىڭىزدە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تاتۇقلارنى كۆردۈم» دېسەم ئۇ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندا يارىلانغان زەخمە ئىزلىرىدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئۇھۇد غازىتىدا قۇرەيش قوشۇنى مەككىگە قايتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى «مۇسۇلمانلاردا تېخى كۈچ بار ئىكەن، قايتا ئۇرۇش قوزغىمىساق بولغۇدەك دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۇبەير بىلەن ئەبۇبەكرىنى 70 نەچچە قوشۇنغا باش قىلىپ ئۇلارنىك كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتكەن ئىدى، دەرۋەقە ئەبۇبەكرى بىلەن زۇبەيرىنىڭ ئۇرۇش ماھارىتى نەتىجىسىدە قۇرەيش قوشۇنى مۇسۇلمانلارغا كەلگەن زىياننى خاتا مۆلچەرلەپتۇق، كېلىۋاتقىنى يەنە بىر قېتىملىق شىددەتلىك ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋانگارت قوشۇن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان ۋە قورققىنىدىن تېز قەدەملەر بىلەن مەككىگە قاراپ يۈگۈرۈشكەن ئىدى. «يەرمۇك» ئۇرۇشى بولغان كۈنى زۇبەير گويا بىر قوشۇنغا ئوخشاش غەيرەت بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئىدى. قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ رىم قوشۇنىنىڭ تاغدەك كۈچى ئالدىدا كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ۋارقىرىغىنىچە بۇ ھەيۋەتلىك قوشۇنغا ئۆزىنى ئاتىغان ئىدى ھەمدە توختاۋسىز جەۋلان قىلىپ باتۇرلارچە قىلىچ ئۇرغان ئىدى.
زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولۇشقا بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇ داۋاملىق: «تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بالىلىرىغا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسملىرى بىلەن ئىسىم قويۇپتۇ، مەنمۇ بالىلىرىمغا شەھىدلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئات قويىمەن. شۇنداق قىلسام ئۇلار شېھىت بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشلىرى مۇمكىن» دەيتتى. دەرۋەقە ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ شۇلارغا ئوخشاش شەھىد بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ شەھىد بولغان ساھابە ئابدۇللا ئىبنى جەھشىنىڭ نامىدىن بەرىكەت ئىزدەپ بىر ئوغلىنى «ئابدۇللاھ» دەپ ئاتىغان ئىدى. شەھىد بولغان ساھابە «مۇنزىر ئىبنى ئەمر» نىڭ نامىدىن بەرىكەت تىلەپ يەنە بىر ئوغلىنى «مۇنزىر» دەپ ئاتىغان ئىدى. شەھىد بولغان ساھابە ئۇرۋە ئىبنى ئەمرنىڭ نامىدىن بەرىكەت ئىزدەپ يەنە بىر ئوغلىنى «ئۇرۋە» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇلۇغ شەھىد ھەمزە ئىبنى ئەبدۇل مۇتەللىپنىڭ نامىدىن بەرىكەت ئىزدەپ يەنە بىر ئوغلىنى ھەمزە دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇلۇغ شەھىد جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىپنىڭ نامىدىن بەرىكەت ئېلىپ بىر ئوغلىنى جەئفەر دەپ ئاتىغان ئىدى. شەھىد بولغان ساھابە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ نامىدىن بەرىكەت ئېلىپ يەنە بىر ئوغلىنى «مۇسئەب» دەپ ئاتىغان ئىدى. شەھىد بولغان ساھابە «خالىد ئىبنى سەئىد» نىڭ نامىدىن بەرىكەت ئېلىپ يەنە بىر ئوغلىنى «خالىد» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇ مەيلى ئەمىرلىك بولسۇن ياكى باج يىغىش بولسۇن ياكى زاكات يىغىش بولسۇن ئاللاھ يولىدا غازات قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشنى ئۈستىگە ئالمىغان ئىدى. بىر غازاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزىگە تولۇق تايىنىش ۋە ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىشتە ئىپادىلىنەتتى. ئۇ «ئۇھۇد» ئۇرۇشىدا مۇشرىكلارنىڭ تاغىسى «ھەمزە» نى ئۆلتۈرۈپ تېنىنى ۋەھشىيانە پارچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلەنگىنىدىن چىشىنى چىڭ چىشلەپ قىلىچىنى قولغا ئېلىپ قەتئىي ئىنتىقام ئېلىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارغا پەقەت ئىنتىقام ئېلىشنىلا ئويلىماسلىق توغرىسىدا ۋەھىي نازىل بولغان ئىدى. «بەنى قۇرەيز» جەمەتى قورغان ئىچىگە ئۇزۇن يوشۇرۇنۇۋېلىپ تەسلىم بولغىلى ئۇنىمىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇبەيرنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ بىلەن بىرگە ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قورغان ئالدىغا كېلىپ «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارغا ھەمزە تېتىغان ئازابنى تېتىتىپ قويىمىز ياكى ئۇلارنىڭ قورغانىنى بۆسۈپ كىرىمىز دېگەنلىرىچە ئۆزلىرىنى قورغان ئىچىگە ئېتىشتى. ئۇلار زور ھەيۋە بىلەن قوغدانغۇچىلارنى قورقىتىپ، قورغاننىڭ ئىشىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ئۈچۈن ئاچقان ئىدى. «ھۈنەين» ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئۇ «ھۇۋازەن» قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋېشى ئاشۇ غازاتقا قاتناشقان شېرىك قوشۇننىڭ قوماندانى مالىك ئىبنى ئەۋفنىڭ مەغلۇب بولغان قالدۇق قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى ئۆزى يالغۇز پاتپاراق قىلىۋەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشتىن قايتقان قوماندانلىرى ۋە كاتتىۋاشلىرىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش پىلانىنى بەربات قىلغان ئىدى.
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەك ياخشى كۆرەتتى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىپ «ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر» دەيتتى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى، ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى «ئەسما» نىڭ يولدىشى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەنە شۇنداق ۋاپادار، كۈچلۈك، باتۇر، غۇرۇرلۇق، سېخىي، جېنى ۋە مېلىنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئاتىغان كىشى ئىدى. ئۇ بۈيۈك خىسلەت ۋە ئۇلۇغ پەزىلەتلەرگە ئىگە بولۇپ، باتۇرلۇقى بىلەن سېخىيلىقى خۇددى بەيگىدىكى ئىككى ئاتقا ئوخشايتتى.گەرچە ئۇ تىجارەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كۆپ پۇل-مال تاپقان بولسىمۇ لېكىن تاپقان مال-دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام ئۈچۈن خىراجەت قىلىۋېتىپ قەرزدار ھالدا ئالەمدىن كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ سېخىيلىقى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشى، باتۇرلۇقى ۋە پىداكارلىقىدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ ئوغلى ئابدۇللاھقا قەرزلەرنى قانداق تۆلەش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ: «قەرزىڭنى تۆلىيەلمەي قالساڭ خوجايىنىمدىن ياردەم سورا» دەيدۇ، بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئۇنىڭدىن: «سىز قايسى خوجايىننى دېمەكچى؟» دەپ سورىسا: «ئاللاھنى دېمەكچىمەن. ئاللاھ ئەجەب ياخشى خوجايىن، ئەجەب ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كېيىن ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قانداق چاغدا قەرزدار بولۇپ قالسام، مەن: « ئى زۇبەيرنىڭ خوجايىنى، قەرزىمنى تۆلەپ بەرسىلە» دېسەم ئاللاھ قەرزىمنى تۆلەپ بېرىدۇ.»


خالىد مۇھەممەد خالىدنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى؛

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 11

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1020 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-09