ئېدۋارد سنوۋدىن

Edward Joseph SnowdenEdward Joseph Snowden

ئېدۋارد سنوۋدىن(Edward Joseph Snowden)،  ئامېرىكىلىق 1983 -يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى شىمالى كارولىنا شتاتىنىڭ ئېلزابىت شەھىرىدە تۇغۇلغان، بۇرۇن ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ((NSA)) تېخنىكىلىق ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ئۇچۇر تولۇقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. لېكىن ئۇ ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكگە ئائىت ئىنتايىن مەخپىي ئۇچۇرنى ئاشكارلىۋەتكەن. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يۈز نەچچە مىڭ كىشىلىك ئىنتېرنېت ساقچىسى ئارقىلىق ئىتىپاقداشلىرىنى كۆزەتكەنلىكى، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە سانائەت، ئىقتىسادقا ئائىت مەخپىيەتلىكلىرىدىن ئوغىرلىقچە ئاڭلاش ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ ئارخىپ تۇرغۇزغانلىقىدەك ئىشلارنى ئاشكارلىۋەتكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مەخپىي ھالدا شىياڭگاڭغا قېچىپ كېلىۋالغان، ئۇ شىياڭگاڭدا بىر مەزگىل پاناھلانغاندىن كېيىن ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىنلا روسىيەگە قېچىپ كەتكەن، ھازىر ئۇ موسكۋا ئايرودورومنىڭ ئالمىشىش زالىدا. ئۇ موسكۋادىكى چېغىدا 21 دۆلەتكە سىياسى پاناھلىنىش ئىلتىماسى يازغان بولسىمۇ، لېكىن ئاران ئېكۋاتور بىلەن ۋېنسۇئېلا ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشكە قوشۇلغان. ھازىر ئۇ يەنىلا موسكۋا ئايرودرومىدا، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 756 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 6قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-16