قەيسەرجان تاھىر


قەيسەرجان تاھىرقەيسەرجان تاھىر
قەيسەرجان تاھىر 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 2000-يىلدىن 2005-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئىقتىساد باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش جەريانىدا ھەر يىلى دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى، مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك مۇكاپاتقا  ئېرىشكەن.

2005-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللاپ ئالدى–كەينى بولۇپ 5 يىل مىللي كارخانىلاردا باشقۇرۇش قاتلىمدا خىزمەت قىلىش جەرياندا نەزىرىينى ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەلگۈسىدىكى ئىگلىكىنىڭ پۇختا بولۇشىغا ئۇل سالغان. 2010-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچى ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، ئاساسلىق يېمەك –ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.

شىركەتنىڭ «ئەلساپا» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلەر ئىستىمالچىلارنىڭ ئالقىشغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇيۇشتۇرغان 2012-يىلى مەملىكەتلىك بىخەتەر يېمەكلىك پائالىيىتىدە توردىكى بېلەت سانى پۈتۈن مەملىكەت بويچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ «2012-يىلى بىخەتەر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستىمالچىلار رازى بولغان داڭلىق ماركا»،«پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىخەتەر يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان 10 چوڭ كارخانىچى» دېگەن شەرەپلەرگە ۋە «ئىگلىك تىكلەش باشلامچىسى»، «جۇڭگوغا تۆھپە قوشقانلار» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ھازىر ئۈرۈمچى ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، بايلىق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، بايلىق كۇلۇبىنىڭ كۇلۇب باشلىقى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 15

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1155 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-26