شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭ بازىرىنى ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، بېيجىڭ، گۇۋاڭدۇڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە بىر قەدەر كۆلەملەشكەن سېتىش تورىنى بەرپا قىلغان.
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھازىرغا قەدەر 35 ۋاكالەتچى، 105 توپ سېتىش نۇقتىسى، 9000 سېتىش دۇكىنى بار.
شىركەتنىڭ ھازىرقى نىشانى خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، مەھسۇلاتنى دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت. ئەلساپا شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى شىركەت رەھبىرى قەيسەرجان تاھىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىزچىل تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ كەڭ ئىستىمالچى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە ئىستىمالچىلار رازى بولغان داڭلىق ماركا»، «مەملىكەت بويىچە ئىشەنچلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان 10 چوڭ كارخانىچى»، «ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى» ، «جۇڭگوغا تۆھپە قوشقانلار» قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. شىركەتنىڭ ھازىرقى خىزمەتچىسى 30 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرۇس بىلەن مەخسۇس كۇرۇستىكىلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شىركەت باشتىن-ئاخىر باشلامچىلىق قىلىش، ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاۋال يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە كەسىپتە ئالدىدا مېڭىشتىن ئىبارەت ئۇسلۇبنى يارىتىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ماركا ئوبرازىنى تىكلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>