شەھىدانە خوتەن

خوتەن نېمىشقا شەھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان؟
خوتەن خەلقىنىڭ داستان رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خوتەننى شېھىدانە خوتەن دەپ تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقە كۆپ تىلغا ئېلنىدۇ: بىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا خوتەندە مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئابدىراخمان خانپاششا ئىسىملىك ئەزىمەتنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلبە قىلغان ھەم ئىسلام دۆلىتى قۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بەدۆلەت قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇلارنى ئالداپ، قەسلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خوتەن خەلقى پادىشاھىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پۇخرا شېھىت بولغان. بۇلارنىڭ باشلىرىدا نەچچە يۇز مېتىر ئېگىزلىكتە تاغ ياسىغان. شۇڭا خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار"ئابدىراخمان خانپاششا" دېگەن خەلق داستانىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. يەنە بىرى: خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپاندىكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلار تەرپىدىن باستۇرلۇشقا ئۇچراپ، پۈتۈن بىر شەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر مەيدانغا يىغىلغان، خوتەنلىكلەرنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن بىردىن باغلاپ بوينىغا قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ، خۇدا نەچچە دەپ سورىغان، خوتەنلىكلەر بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن، يەنە بىردىن سورىغان بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن، شۇنداق قىلىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى چېپىۋەتكەن. ھەممىسى قىلىچ ئالدىدا تەمتىرىمەستىن بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن، شۇڭا خوتەنلىكلەر بىرنى بىر دەيدۇ، جاھىل خەق دەپ نام ئالغان ھەمدە شۇ قېتىم شېھىت بولغانلار بەك كۆپ بولغاچقا شۇندىن بېرى خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 682 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01