ئەزىزانە قەشقەر

قەشقەر نېمىشقا ئەزىزانە قەشقەر دەپ ئاتالغان؟ 
مۇھەممەت سىدىق يەركەندىنىڭ، مۇھەممەد سادىك كاشىغەرىنىڭ«دىۋان زەلىلى-سەپەرنامە»، « تەزكىرەئىي ئەزىزان » ناملىق ئەسەرلىرىدە مۇنداق تەبىر بېرىلگەنلىگى قەيت قىلىنغان : «سۇتۇق بۇغراخان، ئەبۇناسىر سامانىي، ئىمانىدىن كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىمام زاھىت ھۈسەيىن پەيزۇللا، خوجا ياقۇپ، ئىمام زاھىت خەلەپ، ئەبى ھۈسەيىن، ئىمام زاھىت قۇتبىدىن، مۇسا بۇغراخان، ئوسمان بۇغراخان، سەيد ئارسلانخان، قىلىچ بۇغراخان، ھەسەن بۇغراخان، ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشىغارى، بىبى مەريەم بىننى سۇتۇق بۇغراخان، تۇركان خاتۇن-نۇرئەلا نۇرخان بىننى سۇتۇق بۇغراخان، يۈسۈپ قىدىرخان قاتارلىق زاتلارنىڭ قەشقەر ئەتراپىدا قەۋرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا بۇ ئەزىزلەر ھۆرمىتىگە «ئەزىزانە كاشىغەر» دەپ ئاتالدى. خەلقىمۇ ئەزىز بولغۇسى» دېيىلىدۇ. 

مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم) ، 226-بەت


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 678 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01