ۋەلىيانە كۇچا

كۇچا نېمىشقا ۋەلىيانە كۇچا دەپ ئاتالغان؟
چىڭگىزخان بۇخارانى ئىشغال قىلغاندا، بۇخارانىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى شەيىخ ئىمام ھاپىز بۇخارى بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئىمام بۇخارى كەسكىن مۇنازىرە يۈرگۈزگەنلىكتىن چىڭگىزخان ئۇنى شېھىت، ئەۋلاتلىرىدىن 17 كىشىنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ قارابالاساغۇن يېنىدىكى كېلوران تېغىغا سۇرگۇن قىلغان. 1227-يىلى چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئىزباسارى قۇبلايخاننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئازاد بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن. نەۋرىسى شەيىخ جاللىدىن دەسلەپ شەھىرى كېتىككە، كېيىنرەك ئاقسۇ ئايكۆلدە ماكانلاشقان؛ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ياردىمى بىلەن شىيىخ ئەرشىدىن بولسا كۇچادا ماكانلاشقان، 1868-يىلى ياقۇپبەگ قۇشبېگى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادى راشىدىن خان ئۆلتۈرلۇش بىلەن ئۇنىڭ نەسەبى ئاياقلاشقان. ئىمام ھاپىز بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاساسەن كۇچاغا توپلانغانلىقى ئۈچۈن، كۇچا «ۋەلىيانە كۇچا» دەپ ئاتالغان. 
مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم)، 286-بەت.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 597 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01