غېرىبانە تۇرپان

تۇرپان نېمىشقا غېرىبانە تۇرپان دەپ ئاتالغان؟ تۇرپاندىكى يەرلىك خەلق ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى "قۇرئان كەرىم"نىڭ "سۈرەكەھف" قىسمىدا بايان قىلىنغان "ئەسھابۇلكەھف" ۋەقەلىكىنىڭ قاتناشچىلىرى تۇرپاندىكى تۇيۇق مازىرىدا (غارى) دا دەپ ئىخلاس قىلىشىدۇ.
تۇيۇق غارىدىكى "ئەسھابۇلكەھف" لار ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: يەملەيخا، ماكسىلىمىنا، ئازارپەتۇنۇس، كاشاپەتۇنۇس، يۇۋانۇس يۇنۇس، قىتمىر قاتارلىقلار بولۇپ، تاكى قىيامەتكىچە غاردا ئۇخلاپ ياتىدۇ، دېيىلگەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلاپ كىشىلەر بۇ مازارغا كېلىپ تاۋاپ ۋە دۇئا-تەلەپ قىلىدۇ. بېشىغا دەرت-ئەلەم چۈشكەنلەر يىغا-زارە بىلەن مەدەت سورايدۇ. مۇساپىر ئاتالغۇسى غېرىب مەنىسىنىمۇ بىلدۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلۇغ كىشىلەر سىمۋۇلى بولغان " ئەسھابۇلكەھف" تۇرپاندا بولغانلىقى ئۈچۈن "غېرىبانە تۇرپان" دەپ ئاتالدى دېگەن رىۋايەت بار.

مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم) ، 251-بەت.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 550 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01