پىرىيانە يەكەن

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، بولۇپمۇ 15-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئارقىمۇ-ئارقا ئېقىپ كىرگەن ( قاراخانلار دەۋرىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا) تەسەۋۋۇرۇپ پېشىۋالىرىدىن سەمەرقەنتلىك خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۈكۋار (ئابدۇرىشىتخاننىڭ پىرى)، خوجا ئەخمەت كاسانى (مەختۇم ئەزەم)، خوجا ئەبەيدۇللا سۇرىددى، مەختۇم ئەزەم ئوغۇللىرىدىن: خوجا مۇھەممەت ئىمىن، خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ، خوجا ئاپپاق؛ خوجا ئىسھاق نەۋرىلىرىدىن: خوجا دانىيال، خوجا ياقۇپ، خوجا ھاشىم، خوجا قاسىم قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق پىر-ئىشانلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن ھەتتا قۇمۇل رايونلىرىغا تارقىلىپ، تەسەۋۋۇرۇپ تەرىقەتچىلىك پىكىر ئېقىمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى يەكەن شەھىرىگە توپلىشىپ تەرىقەت سۇلۇكىنى يۈرگۈزگەن، ھەتتا بەزىلىرى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولغان ئىدى. بەزى خاتىرىلەردە ئاشۇ زاماندىكى يەكەننىڭ ھەر بىر كوچىسىدا بىر خانىقا، ھەر مەھەللىدە بىر "ئىشان- پىركامىل" لار بار ئىدى. شۇڭا، پۈتۈن پىر-ئىشانلار توپلانغان بۇ شەھەر "پىرىيانە يەكەن" دەپ ئاتالدى دېيىلگەن رىۋايەت بار.


مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات" ( 2-قىسىم)، 23-232-بەتلەر.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 578 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01