نىمشېھىت

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906–يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ساۋات چىقارغاندىن كېيىن، 1922–يىلدىن 1928–يىلغىچە باي ۋە كۇچادىكى مەدىرسلەردە ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكىلدە يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شىئېرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان.
1929–يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى «خانلىق مەدرىسە» دە ئوقۇغان. ئارمىيە ئىلى سايرامى كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكار خارەكتېرىنى يېتىلدۈرگەن ھەم بۇ خىل روھنى ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ، مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ، يۈكسەك ۋەتەنپەۋرەرلىكنىڭ خورىماس ئېنىرگىيسىگە ھەم ئىجادىيەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان بولۇپ «خانلىق مەدرىسە» دە ئوقۇغان مەزگىلدە «مادارا ئەئزەم» («چوڭ ياراشتۇرۇش») ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان «ئەنۋارۇلھۇدا» («ھەقىقەت نۇرلىرى») ناملىق قەسىدىسىنى روياپقا چىقىرىپ، تالانىتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933–يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلق قوزغىلىڭنى پارتلاتقاندا، ئەرمىيا ئېلى ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەم بىر قېتىملىق جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. شۇڭا، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىنى «نىمشېھىت» (يېرىم جان) دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1936–يىلى 2–ئايدا، «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان. نىمشېھىت 1936–يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 1945–يىلى 1–ئايغىچە «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ( كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن) تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ناملىق مەشھۇر داستاننى يېزىپ، دۇنياۋى ئۇلۇغ شائىر نەۋائىدىن كېيىن بۇ ئۆلمەس تېمىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بەدىئى ئىستىدات نۇرى بىلەن يورۇتقان. نىمشېھىت 1945–يىلى 10–ئايدا، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن بىللە غۇلجىغا چقىپ كەتكەن ھەم مىللى ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1948–يىلى 8–ئاينىڭ 1–كۈنى، ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلىقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، ئۇ «ئىتتىپاق» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ، «ئېلى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ھەم ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان. ئۇ بۇ جەرياندا شېئىرىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، يەنە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ھېچقانداق ئەمەل ۋە ئىمتىياز تەمەسىدە بولماي، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاددىي پۇقرالىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن ھەم داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1956–يىلى جۇڭگو ھەج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا، ئۇ «سېغىندىم» ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. نىمشېھىت 1960–يىلىدىن باشلاپ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مول ھەم يۇقۇرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان. «ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئارزۇ، ۋەزىنىلىك شېئىر شەكلىنى مەزمۇن جەھەتتە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنى كۈيلىگەن. ئۇنىڭ شېئىر –داستانىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىق، چۈشنىشلىكلىكى، تۇراق ۋە رېتملىرىنىڭ تەڭكەشلىكى، قاپىيلىرىنىڭ تولۇق ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتى ئۈچۈن ياخشى نەمۇنە بولغان. شائىر ھەرخىل ئىستىلىستىك ۋاستىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ، ئۆز پىكىرىنى چوڭقۇر شىئېرىي ھېسيات ۋە جانلىق شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئۇقۇملاشتۇرۇش، قېلىپبازلىق، شۇئارۋازلىق، كالىندارچىلىقتەك خاھىشلاردىن تىرىشىپ ساقلانغان. نىمشېھىت شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن دېمۇكراتىك ئىدىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھ ئۇنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر شائىر، يېڭى دەۋىرنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ئۇنىڭ كۈرەشچان، جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ تىمسالى». 
ئەپسۇسكى، شائىر زور ئىجادىي قىزغىنلىق بىلەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى ئاخىرقى قېتىم تولۇقلاپ يېزىپ بولۇپ، «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» ناملىق شىئېرىي رومانى ۋە «يۈسۈپ–زىلەيخا» داستانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان پەيىتتە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇن كۆتۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋەيران قىلىۋىتىلدى ۋە ئۆزىمۇ مىسلىسىز ئېغىر خورلۇق ۋە ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن، 1971 – يىلى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يېتىش ئەركىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچۇردى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەكقاغۇدا يېتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئارزۇسىغا يېتەلمىدى، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ زار–زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتتىباشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى. يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر نادان: تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىندى، «زەھەرلەنسىمۇ مەيلى» دەپ قارالغان «تۆت خىل ئۇنسۇر» دىن ئۈچ–تۆتى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ باردى. مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويچە يەرلىك ئېلىنماستىن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىنىپ مۇردا قويۇلدى. ئاندىن ئۈستى گەمە ياپقان شەكىلدە ئېتىپ كۆمىۋېتىلدى. يۆلەنچۈگىدىن ئايرىلغان ئىمىرنىساخان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قاراڭغۇ، زەي، غېرىپ كەپىسىگە قايتىپ كەلدى. لېكىن، يورۇق كۈن ئۇنىڭغىمۇ نىسپ بولمىدى. 1975–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جەبىر–جاپا، دەرت–ئەلەم دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بۇ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 499 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01