جاۋاختى-ئاھىسكا (گىرۇزىيە جۇمھۇرىيىتى)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  جاۋاختى  - Samtskhe-Javakheti
  ئىلگىرى ئاھىسكا دەپ ئاتالغان جاۋاختى رايونى گىرۇزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمېنىيە ۋە تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونىدىكى تاغلىق ئۆلكە بولۇپ  6400كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 210مىڭ. جاۋاختى ئۆلكىسى گىرۇزىيە بويىچە ئارمەنلەر ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، پايتەختى ئاخاركالاچنىڭ ئاھالىسى 50مىڭ. جاۋاختى ئاھالىسىنىڭ 82%نى ئارمەنلەر ئىگەللەيدۇ. 
 شىۋاردنادزىدىن كېيىن گرۇزىيە ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ئارمېنىيەنىڭ رۇسىيەنى ئارقا تېرەك قىلىپ تۇرۇپ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە، جاۋاختى مىللى مەسىلە توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان، زىدىيەت ئۆتكۈرلەشكەن رايونغا ئايلىنىپ قالدى. گرۇزىيە ھۆكۈمىتى ئابخازىيە ۋە ئاجارىيە، جەنۇبى ئوسېتىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا نۆۋەتتە جاۋاختىدىكى ئارمېنىيىلىكلەر ئارمېنىيە ۋە روسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ھەتتا ئارمېنىيەگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

   يىللاردىن بۇيان بىر قەدەر تېنچ بولۇپ كەلگەن جاۋاختى ئەسلىدە تۈركىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى بولۇپ مەشھەت دەپ ئاتىلاتتى. ئاخىسكا ئەسلى تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان زىمىن بولۇپ 1923-يىلى تۈركىيە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ چېگرا ئايرىش كېلىشىمىگە بىنائەن سوۋېت ئىتىپاقىغا ئايرىپ بېرىلگەن.
     1944-يىلى  سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا زىدىيەت كۆرۈلگەندە سىتالىن چېگرادىكى مىللەتلەرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ  ئاھىىسكا رايونىدا ئولتۇراقلاشقان 170مىڭ تۈركنى(بۇلار مەھشەت تۈركلىرى دىيلىپىدىغان شەرقى ئاناتولىيە شىۋىسىدىكى تۈركلەر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ قارش رايونىدىكى تۈركلەر بىلەن بىر خەلق ئىدى) سوۋېت خەلقىنىڭ دۈشمىنى قاتارىدا بىر كېچىدىلا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئۆزبېكىستان،  قازاقىستان، سىبىرىيەلەرگە سۈرگۈن قىلدى، يولدا تەخمىنەن 50مىڭ مەھشەت تۈركلىرى ئۆلدى ياكى يوقاپ كەتتى. ئۆزبېكىستاندا ئولتۇراقلاشقان مەھشەت تۈركلىرىنىڭ ۋەكىلى خەلقارا سەھنىلەردە سۆزلەپ يۈرۈپمۇ تېخىچە يۇرتىغا قايتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن. ئەكسىچە مەھشەت تۈركلىرى كۆچۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ زىمىن تېرىلغۇ يېرى يېتىشمەيۋاتقان ئارمېنىيە كولخوزلىرىغا تەقسىم قىلپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن جاۋاختى 20 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە گرۇزىيىنىڭ ئارمەنلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان ئۆلكىسى بولۇپ قالدى.
        1992-يىلىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا ئارقا-ئارقىدىن ئۆزبېكلەر بىلەن ئاخسكا تۈركلىرى ئارىسىدا مىللى زىدىيەت كېلىپ چىققان. نۇرغۇن ئاخسكا تۈركلىرى بۇ زىدىيەتتە يارىلانغان ۋە ئۆلتۈرىۋېتىلگەن.
     2007-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەلەپ قىلىشى، گىرۇزىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت ئېھتىياجى، شۇنداقلا  جاۋاختىدىكى ئەرمەنلەرنىڭ تىنىمسىز ھوقۇق تەلەپ قىلىشىغا ئاستىدا گىرۇزىيە پارلامېنتى 19غا قارشى 117ئاۋاز بىلەن جاۋاختىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ(جاۋاختى ئۆلكىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئاخىسكا دەپ ئاتىلاتتى) ئۆزبېكىستاندىن گىرۇزىيەدىكى ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلدى.
     2008-يىلى يىل ئاخىرىدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئاخىسكادا ئاھالىنىڭ 82%دىن كۆپرەكى ئارمەنلەر ، 10% گىرۇزىيىلىكلەر، قالدىسى گىرىك، ئازاربەيجان، ئاخىسكا تۈركلىرى بولۇپ سوۋېت 1944-يىلى يۇرتىدىن قوغلاندى قىلغان 2008-يىلى يۇرتىغا قايتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئاخىسكا تۈركلىرى ئىككىمىڭدىن ئاشقان.
   گەرچە روسىيە ۋە ئارمەنىيە ھۆكۈمىتى تۈركلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى جاۋاختى رايونىدا يېڭىدىن مىللى زىدىيەت پەيدا قىلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ لېكىن غەرپ دۆلەتلىرى گرۇزىيەنىڭ بۇ قارارىنى ماختىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاتارىستان رىسپوبلىكىسى ئاخىسكا تۈركلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك مۇساپىرلار لاگىرى قۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن پىدائى ۋە ئىقتىساد تەييارلاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئاخىسكاغا قايتىش سەپىرى داۋاملاشماقتا.

  شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 669 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01