ئەمگەك توختامى

ئەمگەك توختامى

(پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغانلار ئىشلىتىدۇ)

ئا تەرەپ :____________________________

ب تەرەپ :____________________________

توختام ئىمزالىغان ۋاقىت:____يىل ____ئاي ___كۈن

ب تەرەپنىڭ  ئالاقىلىشىش تېلېفونى :______________

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى نازارەت قىلىپ باستۇردى

ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى: 12333
___________
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام –بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر ،ئىختىيارى بولۇش ،ئورتاق كېڭىشىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ بۇ توختامنى ئىمزالايدۇ ھەمدە ئورتاق رىئايە قىلىدۇ.


1. ئا تەرەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
1-ماددا ئا تەرەپ________________
قانۇنى ۋەكىلى (ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى______________
ئىقتىساد شەكلى: _________ئالاقىلاشقۇچى ھەم ئالاقىلىشىش تېلېفونى:_______ _ 
تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرېسى: ______________________________
تىجارەت قىلىدىغان ئادرېسى: _______________________________
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:__ _____________________________


2. ب تەرەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
2-ماددا ب تەرەپ ____________   جىنسى ___ يېشى_______
نوپۇسنىڭ تۈرى  (غەيرى يېزا، يېزا)_________________ _____
كىملىك نومۇرى _________________  ياكى باشقا ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىسىنىڭ نامى______ گۇۋاھنامە نومۇرى__________________
ئا تەرەپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى _____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنى
ئائىلە ئولتۇرۇقى_________________________ پوچتا نومۇرى ________
شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان ئادرېسى______________ پوچتا نومۇرى________
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ____ئۆلكە (شەھەرلىك) ______رايونلۇق ( ناھىيە )_______  كوچا ( يېزا–بازار)

3. ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى
3-ماددا  ئا ب ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئەمگەك توختام مۇددىتىنى بېكىتىدۇ.
(1). تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى:  بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىپ ____يىلى ____ئاينىڭ ___كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى___يىل __ئاينىڭ __كۈنىگىچە بولىدۇ.
(2). تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى: بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى___يىل ___ئاينىڭ ___كۈنىگىچە بولىدۇ.
(3). مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈشنى مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى: بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىپ ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ. 
4. خىزمەت مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئورنى
4-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىدىغان ئورۇن ___________________________.
5-ماددا ئا تەرەپنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ب تەرەپ _________ئىش ئورنىدا __________خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قوشۇلدى. ئا تەرەپ خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئورنىنى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
6-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم ب تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان خىزمەت تەلىۋى دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مىزانى ۋە ئا تەرەپ قانۇن بويىچە تۈزگەن ھەم ئاشكارلىغان قائىدە–تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ب تەرەپ ئا تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم تەلىۋى بويىچە ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

5. ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ئەھۋالى
7-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بىر پىكىرگە كېلىپ تۆۋەندىكىدەك ___ماددىلار بويىچە ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى بېكىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
(1). ئا تەرەپ كۈنىگە ____سائەتلىك ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
كونكرىتنى خىزمەت دەم ئېلىش ۋاقتى ئا تەرەپ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرىدۇ:
ھەر ھەپتىنىڭ ____كۈنىدىن _____كۈنىگىچە خىزمەت قىلىدۇ، چۈشتىن بۇرۇن ____چۈشتىن كېيىن ____. ھەر ھەپتىنىڭ ______كۈن دەم  ئېلىش كۈنى بولىدۇ.
(2). ئا تەرەپ سىمىنا تۈزىمى يولغا قويىدۇ. ب تەرەپكە ____سىمىنا ______ئايلانما خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويىدۇ.
8-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان ______خىزمەت ئورنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى بولۇپ، ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھېساپلايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.
ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان _____خىزمەت ئورنى مۇقىمسىز ئىش ۋاقتى تۈزۈمى ئىش ئورنى بولۇپ ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە مۇقىمسىز ئىش ئورنى خىزمەت تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.
9-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ خىزمەت قىلىشىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىشىغا، جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئا تەرەپ ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ب تەرەپنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا چوقۇم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ب تەرەپنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇزارتىلغان خىزمەت ۋاقتى كۈنىگە 3 سائەتتىن ئېيىغا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. ھەمدە قانۇن بويىچە ب تەرەپكە دەم ئېلىش ۋاقتى تولۇقلاپ بېرىشى ياكى ئىسمېنا ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرام كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسا، چوقۇم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك.
ئا تەرەپنىڭ قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ھېساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ياكى مۇقىمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا ئا تەرەپ ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ.
10-ماددا ئا تەرەپ قانۇن بويىچە ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ب تەرەپ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھېيت–بايرام كۈنلىرى ھەمدە تۇققان يوقلاش، توي، ئۆلۈم–يېتىم، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق دەم ئېلىش ھوقۇقلىرىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدۇ.
ئا تەرەپ《ئىشچىلار يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمى》گە ئاساسەن ب تەرەپكە قانۇن بويىچە يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
6. ئەمگەك ھەققى
11-ماددا ئا تەرەپ ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئالاھىدىلىگى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە بىرلەشتۈرۈپ قانۇن بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاش سەۋىيىسىنى ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىملەش تۈزۈمىگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ ئەمگەك ماھارىتى، ئەمگەك سىجىللىقى، ئەمگەك شارائىتى، ئەمگەك تۆھپىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدۇ. ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويىلىدۇ.
12- ماددا ئا تەرەپ ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم پۇل بېرىش شەكلى بىلەن ب تەرەپكە مائاش بېرىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى سەۋەپسىز نىسىي قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھېيت-بايرام كۈنلىرىگە ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىنقى خىزمەت كۈنىدە بېرىدۇ. ئا تەرەپ ب تەرەپكە مائاش بەرگەن ۋاقتىنى، پۇل سوممىسىنى، خىزمەت كۈنىنى، ئىمزاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى يېزىقچە خاتىرلەيدۇ ھەمدە ب تەرەپنى مائاش تىزىملىگى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا ياكى قانۇن بويىچە ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن خىزمەت ۋاقتىدا نورمالنى ئەمگەك بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
(1). ئا تەرەپ ھەر ئاينىڭ ____كۈنى ئىش ھەققى تارقىتىدۇ.
(2). ب تەرەپنىڭ سىناق ئىشلەش مەزگىلىدىكى مائاشى ئېيىغا _____يۈەن بولىدۇ.
(3). ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق ب تەرەپنىڭ مائاشىغا تۆۋەندىكىدەك ______ماددىنى تاللاپ بېكىتىدۇ.
‹1›. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى ئا تەرەپ قانۇن بويىچە بېكىتكەن قائىدە–تۈزۈملەردىكى ئىچكى قىسىمدا تەقسىملەش چارىسى بويىچە بېكىتىدۇ. ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئىش ئورنىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى _____يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
‹2›. ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئاساسى مائاش ۋە نەتىجە–ئۈنۈم مائاشى بىرلەشتۇرگەن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسى يولغا قويىدۇ.  ب تەرەپنىڭ ئاساسى مائاشىنى ئېيىغا _____يۈەن قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇندىن كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مائاشىنى تەڭشەيدۇ. نەتىجە، ئۈنۈم مائاشى ب تەرەپنىڭ خىزمەت نەتىجىسى، ئەمگەك مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە ئەمىلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن ئىچكى قىسىمدىكى تەقسىملەش چارىسى بويىچە باھالاپ بېكىتىلىدۇ.
‹3›. ئا تەرەپ ئىش بېشىغا قاراپ مائاش بېرىدىغان تۈزۈم يولغا قويغان بولسا، ب تەرەپنىڭ ئەمگەك نورمىسى ئۆز ئورنىنىڭ ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى %80 تىن ئارتۇق ئەمگەكچى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا تاماملاپ بولالايدىغان نورما بويىچە بىكىتىلىدۇ. ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئا تەرەپنىڭ نورمىسىنى تاماملىسا، ئا تەرەپ پۈتۈشۈمدىكى نورما ۋە ئىش بېشىغا قاراپ بېكىتىلگەن يەككە باھا بويىچە ب تەرەپنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تولۇق بېرىشى كېرەك.
(4). ئا تەرەپ كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى، شۇ جايدىكى ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ ئېلان قىلغان مائاش يېتەكچى لىنىيىسى، مائاش يېتەكچى باھاسى، ئادەم كۈچى نەرخى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تۈزۈملەرگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاش ئېشىش چارىسى ________________(مائاشنى كوللىكتىپ كېڭىشىش كېلىشىمى، ئىچكى قىسىمدىكى مائاشنىڭ نورمالنى ئېشىش چارىسى) گە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
ئا ب ئىككى تەرەپنىڭ مائاشقا قارىتا باشقا پۈتۈشمىلىرى __________________________
_______________________________________________________
13-ماددا ئا تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىسى تولۇق بولمىغان ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ب تەرەپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بولسا ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى ______يۈەن ياكى __________بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.


7. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەم ئۇنىڭدىن باشقا سۇغۇرتا پاراۋانلىق تەمىناتلىرى
14-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ب تەرەپ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قىسمىنى ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ مائاش ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
15-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. ھەمدە ھەر يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۆز ئورنىنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
16-ماددا ئەگەر ب تەرەپ ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىگە ئۇچۇرسا ئا تەرەپنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ ياكى مۇمكىن قەدەر ياردەم قىلىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا ئىشتا يارلانغانلىغىنى بېكىتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ. ب تەرەپنى قانۇن بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالىتىپ ئىشتا يارلانغاندىكى داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمان قىلىدۇ ۋە زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
17-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تولۇقلىما ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى (كارخانا يىللىق فوندى) ۋە تولۇقلىما داۋالىنىشنى بېجىرىپ بېرىدۇ. كونكرىتنى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:___________________
_______________________________________________________________________________________________________________________.
18-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەمىناتىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. ھەمدە ب تەرەپ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پاراۋانلىق تەمىناتى بىلەن تەمىن ئېتىشكە قوشۇلىدۇ:  ______________________
_________________________________________________________________________________________________________.   

8. ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپى خەۋپ مۇداپىئەسى
19-ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ ئەمگەك سەھىيە ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەمگەك مەشغۇلات سورىنى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ب تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى بىخەتەرلىكىگە ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ب تەرەپنىڭ خىزمەت جەريانىدا كەسپى كېسەل خەۋپىگە دۇچار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئا تەرەپ راستچىللىق بىلەن ب تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە «كەسپى كېسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ب تەرەپنىڭ ساغلاملىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغدايدۇ.
20-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ب تەرەپ شۇغۇللانغان خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن ب تەرەپ ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. ھەمدە ھەر  ____ (يىل ،ئاي ،كۈن)  ب تەرەپنى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ.
21-ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
22-ماددا ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوماندانلىق قىلىش ياكى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇش قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئا تەرەپ ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى ب تەرەپنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىگى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى بىلەن كارى بولماسلىقتەك قىلمىشىلارنى سادىر قىلسا ئا تەرەپكە تەنقىدىي پىكىر ئوتتۇرغا قويۇشقا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

9. كەسىپ رىقابىتى مەخپىيەتلىك چەكلىمىسى ۋە تەربىيلەش ئىشلەپ بېرىش پۈتۈشىمى
23-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ، ئورتاق كېڭىشىپ تۆۋەندىكى ____ماددىلارنى پۈتۈشىدۇ:
‹1›. ب تەرەپنىڭ حىزمىتى ئا تەرەپنىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇق مەخپىيىتىگە چېتىلسا، ئا تەرەپ ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرەپ بىلەن قانۇن بويىچە كېڭىشىپ سودا مەخپىيتىنى ساقلاشنى پۈتۈشسە ياكى كەسىپ رىقابىتى چەكلىمىسى كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ (كەسىپ مەخپىيەت رىقابىتى چەكلىمىسى كېلىشىمى مۇشۇ توختامنامىنىڭ قوشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).
‹2›. ئا تەرەپ چىقىم قىلىپ ب تەرپنى كەسپى تېخنىكا بويىچە تەربىيلىگەن ھەمدە ب تەرپتىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالىدۇ ھەمدە ېلىشىم تۈزۈپ ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق–مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ (تەربىيلەش ئىشلەپ بېرىش كېلىشىمى مۇشۇ توختامنامىنىڭ قوشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).

10.ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تۆلەم
24-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلغاندا، ئاخىرلاشتۇرغاندا، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى» ۋە دۆلەت ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
25-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا«ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 36-ماددىسى، 37-ماددىسى، 38-ماددىسى، 39-ماددىسى، 40-ماددىسى، 41-ماددىسى، 42-ماددىسى، 43-ماددىسى، 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بارىدۇ.
26-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، « ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كەلسە ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدۇ.
27-ماددا ئا تەرەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ بۇ توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا ب تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك: ب تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا، ئا تەرەپ قانۇنغا ئاساسەن ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ب تەرەپكە تۆلەم تۆلەيدۇ.
ب تەرەپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلىپ ئا تەرەپكە زىيان كەلتۈرگەن بولسا تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
28-ماددا توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە ب تەرەپ ئۈچۈن ئارخىپ ۋە ئىجدىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.
29- ماددا ب تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بويىچە،خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشكە توغرا كەلسە، خىزمەت ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

11. توختامدىكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا مەزمۇنلار
30. ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنامىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى قوشۇپ پۈتۈشسە بولىدۇ:
____________________________________________________________
____________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________


12. ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقىلار
31. ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدا تالاش–تارتىش يۈز بەرسە ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇرەسسە ھەيئىتىگە مۇرەسسە قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. مۇرەسسە ھاسىل قىلىنمىغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم كومىتېتىگە كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. كېسىم قارارىگە قايىل بولمىسا كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
32. ماددا بۇ توختامنىڭ قوشۇمچىسى تۆۋەندىكىچە:
1._________________________________________.
2._________________________________________.
3 .________________________________________.
33. ماددا بۇ توختامغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىشلار ياكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن مەزمۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
4. ماددا بۇ توختام ئا ب ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ئىجرا قىلىدۇ.

ئا تەرەپ (ئىمزا ياكى تامغا):_________              ب تەرەپ ( ئىمزا ياكى تامغا ):_________

قانۇنى ۋەكىلى ( ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى:
( ئىمزاسى ۋە تامغىسى )________________

ئىمزالىغان ۋاقتى ______يىل ______ئاينىڭ _____كۈنى
ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش ھۆججىتى
بۇ قېتىمقى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش مۇددىتىنىڭ تۈرى _____________مۇددەتلىك توختام، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندىكى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ______يىل ___ئاينىڭ ____كۈنى.
داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغان _________ يىل_____ئاخىرلىشىدۇ.
ئا تەرەپ ( تامغا ):_________                    ب تەرەپ ( ئىمزاسى ياكى تامغىسى):_________


قانۇنى ۋەكىل ( ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ) ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى
( ئىمزا ياكى تامغا )
____يىل _____ئاي ____كۈن
بۇ قېتىمقى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش مۇددىتىنىڭ تۈرى _________مۇددەتلىك توختام، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندىكى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ______يىل ___ئاينىڭ ____كۈنى.
داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغان توختام _______ يىل___ئاينىڭ ___كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

ئا تەرەپ ( تامغا ):_________                    ب تەرەپ ( ئىمزاسى ياكى تامغىسى ):_________

قانۇنى ۋەكىل ( ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى
( ئىمزا ياكى تامغا )
____يىل _____ئاي ____كۈن
ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىش ھۆججىتى
ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىپ بۇ توختامغا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش قىلىدۇ؛


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 21

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1455 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-02