گالۇ ئالا

ماتېماتىكا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ فوتو ۋە سىزما سۈرەتلىرىمىزنى كۆرىمىز. بۇلارنىڭ كۆپى ئوتتۇرا ياشلىقلار ياكى ياشانغانلار، پەقەت فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى گالۇ ئالا بالىلىق مىجەزى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش يىگىت ئىدى. گالۇئا توپلام نەزىرىيىسىنى ئىجاد قىلغانلىقتىن، ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىچىسى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇ 20 يىللا ياشىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ماتېماتىكا ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان ئەڭ ياش ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گالۇئا 1811-يىلى 25-ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوتتۇراھال ئوقۇغان. لېكىن ئۇ ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. 16 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرمەكچى بولسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. 17 يېشىدا بىر پارچە ماقالە يازغان بولىسمۇ، لېكىن ئۇنى ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى گوسى يۈتتۈرۈپ قويغان. گالۇئا 18 ياشقا كىرگەندە ئوقۇتقۇچى بولۇش نىيىتىدە پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ماتېماتىكا بويىچە مۇكاپات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يازغان ماقالىسىنى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى فورييې ئۆيىگە ئاپىرىپ يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. فرانسىيە 1830-يىلى ئىيۇلدا بوربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش يۈزىسىدىن ئاممىۋىي كۈرەش پارتلىغاندا، گالۇئا ئىنقىلابىي ئىشلارغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر پارچە ماقالە يېزىپ پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە يوللايدۇ. ئەمما ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى پوۋاسون بۇ ماقالىقىنى «چۈشەنگىلى بولمايدىكەن» دەپ تەستىق سۆز يېزىپ قايتۇرىۋېتىدۇ. 1831-يىلى گالۇئا پادىشاھنى قوغداش پارتىيىسىگە قارشى كۈرەشكە داۋاملىق قاتنىشىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىر يىغىنىدا ئۇ پادىشاھ لۇئى فىلىپنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. گالۇئا تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئايال ئۈچۈن دوئىلغا چىقماقچى بولىدۇ. ئەينى زاماندا ئىجدىمائىي شارائىت ئۇنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. دوئىل ۋاقتى 1832-يىلى 30-ماي قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى گالۇئا ئۆلۈم تەھدىتىنى ئالدىن سېزىپ، بىر سائەت ئىچىدە قىسىقىغىچە خاتىرە يېزىپ ھەم دوستىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۆزى ئاساس سالغان نەزىرىينىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ خېتىدە ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى ياكوبى بىلەن گائۇستىن ئۆزىنىڭ تېئورىمىسىغا ئادىل پىكىر بېرىشىنى ھەمدە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە گالۇئا ئۆز رەقىبى بىلەن دوئىلغا چىقىدۇ. ئوق ئۇنىڭ ئۈچىينى تېشىپ ئۆتىدۇ-دە، ئۇ يىقىلىدۇ. بۇ يولۇچى دېھقان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچى كۈنى يەنى 1832- يىلى 31-ماي ئەتىگەندە تالانتلىق گالۇئا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نەچچە مىڭلىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر قاتنىشىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى يېزىلغان خەت ئېلان قىلىندى. بۇنى گالۇئا كۆرەلمىدى. ئەلۋەتتە، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، گالۇئانىڭ خىزمىتى جامائەت تەرىپىدىن كەڭ ئېتىراپ قىلىنىدى. گالۇئا ھەر بىر ئالگىبرالىق تەڭلىمىدە ئالاھىلىدىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئورۇن ئالماشتۇرۇش توپلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېپىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادە ئارقىلىق يەشكىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ نەزىرىيىسى توپلام نەزىرىيىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىشىغا ئاساس سالدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن داشۆلەردە ياش گالۇئانىڭ سىزما سۈرىتى ئېسىلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 356 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-10