قىدىرخان يەركەندى

مۇقام پېشىۋاسى يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندى ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكاشۇناسى ھەم مەشھۇر شائىرى ئىدى. تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندى، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق مۇزىكاشۇناس ۋە ئاتاقلىق شائىر بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانلىرىدىن بىرى ئابدۇرەشدخاننىڭ ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قابىل دۆلەت ئەربابى. ئۇ داڭلىق مۇزىكاشۇناس ۋە شائىر بولۇپلا قالماي بەلكى، ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىرلىگى، تەرەققىياتى ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ جانلىنىشىدا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان مەشھۇر تارىخى شەخىس.
مۇقام پېشىۋاسى يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق ھەم بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارمۇ بىرقەدەر يېتەرسىز. ئەمما يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ ئىسىمى مىلادى 18-ئەسىر مەنبەلىرىدىن «تارىخى قەشقەر» (موللا مىر سالىھ قەشقەرنىڭ ئەسىرى، 1985-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «چىڭگىزنامە»نامى بىلەن نەشىر قىلىنغان) دېگەن نام بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ. ھەم بۇ ئەسەردە «مەرد مۇسقى ۋە نەزىم پىشە ئىدى» (مۇزىكا ۋە شائىرلىقنى كەسىپ قىلغان ئەر ئىدى) دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندىنىڭ سەئىدىيە خانلىقى قۇرلۇشتىن بۇرۇن بەدەخشاندىكى زەپەر قەلئەسىگە، سۇلتان سەئىدخان خىزمىتىگە كەلگەن ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «قەشقەرى»تەخەللۇسى بىلەن ئېيتىلىشى ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى جەنۇبى شىنجاڭدىن (بولۇپمۇ قەشقەر، يەركەن تەۋەسىدىن) ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيا تەرەپلەرگە چىققان ئۇيغۇرلاردىن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنىڭ قوشۇپ ئېيتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا يەنە، 19-ئەسىردە ياشىغان خوتەنلىك مۇقام پېشىۋاسى، مۇزىكاشۇناس، تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا بىننى نېمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» دا قىدىرخان يەركەندى ئۈستىدە توختۇلۇپ «مۇزىكا ئىلمىنىڭ 13-پىرى قىدىرخان يەركەندىدۇر، بۇ پەندە (مۇزىكا ساھەسىدە) بۇ ئەزىزدەك ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستاز ئاز. بۇ ئەزىز كۆپرەك ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتاتتى. ئالەم ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك خۇش ئاۋاز ئادەم بولمىغان دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئابدۇرېشىدخان پادىشاھتىن ئىككى يىل كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەن» («تەۋارىخى مۇسقىيۇن» مىللەتلەر نەشىرىياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 58-،59-بەتلەر) دەپ خاتىرلەپ قالدۇرغان بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان مىلادى 1520-يىلى پەرغانەدە تۇغۇلۇپ، 1533-يىلى دادىسى سەئىدخاننىڭ ئورنىغا خان بولغان، 1569-يىلى ۋاپات بولغان. («ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 2-قىسىم. «شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى» 1993-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 545-بەت).  كېيىن، يەنى 1985-يىلى يەركەند خەلقى ئىچىدىن تېپىلغان «دىۋان قىدىرى» نىڭ «مۇقەددىمە» سىدىن مەلۇم بولىشىچە؛ قىدىرخان يەركەندى يىگىتلىك مەزگىللىرىدە ئۆزىنىڭ شائىرلىق ۋە مۇزىكانىتلىق تالانتى بىلەن سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد سۇلتان (ۋاپاتى تەخمىينەن 1523_1524) نىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇپ، مۇھەممەد سۇلتاننىڭ يېقىن ھەمراھى ۋە دوستى سۈپىتىدە خۇراساندا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا شاھزادە، بەگزادىلەر بىلەن ئەيشى-ئىشرەت ئىچىدە ياشىغان. دەل مۇشۇ چاغلاردا سۇلتان ئابدۇرەشىدخان خۇراساندا، يەنى 1520-يىلى تۇغۇلغان، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان تۇغۇلغاندا، قىدىرخان بەزمە-مەشرەپلەرگە قاتنىشىپ غەزەل ئوقۇپ، ناخشا، مۇقام ئېيتالايدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، شۇ چاغلاردا ئۇنى 20 ياشتا دەپ ھېساپلىساق ئۇ 1569-يىلى ۋاپات بولغان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاندىن ئىككى يىل كېيىن ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ 1571-1572-يىللىرى ۋاپات بولغان بولۇپ چىقىدۇ، دېمەك ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى ئىسمىنىڭ ئورنىغا تەخەللۇس ئورنىدا قوشقان شائىر، مۇقام پېشىۋاسى قېدىرخان يەركەندى، 1572-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى يەركەند شەھىرىدە 89-90 ياشلاردا ۋاپات بولغان دېيشكە بولىدۇ. 
قىدىرخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتە تازا گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى-ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا ياشىدى. ئابدۇرەشىدخان ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان دىيانەتلىك كىشىسى بولغاچقا، ئۇ قىدىرخانغا ئوخشاش ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن تالانت ئىگىلىرىنى ناھايتى قەدىرلىدى. ھەتتا قىدىرخاننى، «غىزادىمۇ، يېتىپ-قوپۇشتىمۇ يېنىدىن ئاجراتمىدى» («تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» مىللەتلەر نەشىرىياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 59-بەت)، چۈنكى قىدىرخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى بويىچە قابىل ۋەزىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمىشە خانغا پايدىلىق پىكىر، مەسلىھەت، تەكلىپلەرنى بېرىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىرلىگى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بىجاندىللىق بىلەن كۆپلەپ كۈچ چىقارغاندىن باشقا، خاننىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىززەت-ئابروي ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىدى. دەرۋەقە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، خەلق تۇرمۇشى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئائىت ئىشلاردا كۆپۈنچە دانا ۋەزىر قىدىرخاننىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىناتتى. چۈنكى قىدىرخان ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋاز، چېۋەر قوللىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىپ كەلگەن مۇقام كۈيلىرى، پاساھەتلىك شېئىرلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە خاس مۆتىۋىرانە ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسى بىلەن كەڭ خەلق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ھەر دائىم خەلق ئارىسىدىكى ئىشلارغا ئارلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپ، دەرت-ئەھۋاللىرىنى ئۆزى بىۋاستە ئاڭلايتتى. شۇنداق، ئۇ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا خاتىرلەنگىنىدەك: «جەندە- كۇلاھ كىيىپ يۈرۈر ئېردى» («تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»مىللەتلەر نەشىرىياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 34-بەت)، شۇڭا ئۇ ھەر ۋاقىت خەلق تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت جەھەتلەردە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
مۇقام پېشىۋاسى قىدىرخان يەركەندىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنى، تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇنتۇلماس سىيماسى، ئۇنىڭ مۇقام-مۇزىكا ساھەسىدىكى شۆھرەتلىك ئەمگەكلىرى بىلەن ئەبەدىيلىككە ئىگە بولغان. دەرۋەقە قىدىرخان كىچىگىدىن باشلاپلا مۇزىكا چېلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىيكىسى ئىلمىدا ئۇنىڭدەك ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۇستازلار كەم تېپىلىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا يەنى 19-ئەسىردىكى مۇقام-مۇزىكا ۋە مۇزىكاشۇناسلار قامۇسى-دەپ ھېساپلاشقا بولىدىغان نامايەندە ئەسەر«تاۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا، ئۇ «مۇزىكا ئىلمىنىڭ 13-پىرى» دەپ، يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇقام-مۇزىكا جەھەتتىكى نام-شۆھرىتى 15-ئەسىردىكى سەئىدىيە سۇلتانلىقى تەۋەسىدىن ھالقىپ ئىراق، ئىران، تەبرىز (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربى شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر)، خارەزىم، سەمەرقەند، ئەندىخان، ئىستامبۇل، كەشمىر، بەلىخ، شىراز (قىدىمىكى ئىراننىڭ سىياسى، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى) قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان ئىدى. تارىخى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاشۇ دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسيادىكى ھەرقايسى جايلاردىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇقام-مۇزىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن ئارلىقنى يىراق كۆرمەي سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى يەركەندكە-ئۇستاز قىدىرخاننىڭ يېنىغا كېلىشكەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا، يەنە بىر تەرەپتىن يەركەند ئەينى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقى شەك-شۈبھىسىز. قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ بەدىئىي-سەنئەت ۋە مۇزىكانتلىق ھاياتىدا مۇقام-مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن راۋاپنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلغان ھەمدە «ھەشتار» ناملىق سەككىز تارلىق بىر چالغۇ ئەسۋاپنى كەشىپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بىلەن بىرقاتار ئىجادىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. دېمەك، ئۇستاز قىدىرخان يەركەندىنىڭ راۋاپقا ئوخشاش بەزى چالغۇلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە «ھەشتار» ناملىق چالغۇ ئەسۋاپنى كەشىپ قىلىشى، ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن زور تەرەققىيات دەۋرىگە كىرىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇقام-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىدا بەزى بىر چالغۇ ئەسۋاپلارغا موھتاج بولغانلىقىنى، بۇ موھتاجلىقنى بولسا قىدىرخان يەركەندىگە ئوخشاش مۇقام پېشىۋالىرىنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قىدىرخان يەركەندى ئۆز ئىجادىي پائالىيتى جەريانىدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەرىپەت يۇلتۇزلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇقام-مۇزىكا ساھەسىدىكى ھەمنەپەس، دەۋىرداشلىرىدىن مەۋلانا خۇلقى، ئايازى، نەفىسى (ئاماننىساخان)، مىرزا مىرەك چالىش قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر شائىر، مۇزىكانتلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ، بەلكى ئۇلارنى يېتەكلەپ سەئىدىيە خانلىقى مەدەنىيتى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
قىدىرخان يەركەندىنىڭ «دىۋانى قىدىرى» ناملىق بىر نەزىريىۋىي، ئىلمىي ماقالىلەر ۋە مۇزىكا ھەققىدىكى مۇپەسسەل رىسالىلەردىن تۈزۈلگەن «دىۋان»ى بولغانلىقى مەلۇم. تەتقىقات ئارقىلىق دەلىللەش ۋە قىدىرخاننىڭ ئابدۇرەشدخان دۆلەت ھاكىمىىيىتىدىكى ئېتىبارىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ «دىۋان قىدىرى» ناملىق توپلىمىنى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئىلھام ۋە مەدەتكارلىقى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىقارغان دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى شۇنداق قىلىش ئەينى دەۋردىكى بىر تارىخى ئەنئەنە بولۇپلا قالماي، ئۇستاز قىدىرخان بۇ «دىۋانى» دا ئەينى دەۋىردە تازا يۈكسىلىش باسقۇچىغا كىرگەن مۇقام-مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي، نەزىريەۋىي ماقالىلەرنى ۋە مۇزىكا ئىلمى، مۇقام مۇزىكا پېشىۋالىرى ھەققىدە بىرقانچە رىسالىلەرنى يېزىپ، بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. قىدىرخان يەركەندىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكا سەنئىتىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى، ئۇ 12 مۇقامنى مەلىكە ئاماننىساخان ۋە ئاماننىساخاننىڭ ئاتىسى مەھمۇد ئاكا ھەم ئۆزى يېتىشتۈرگەن ئىجتىھاتلىق شاگىرتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا سىستېمىلاشتۇرۇپ رەتلەپ چىقتى ۋە ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى يېڭىلىدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا ئەمىر نىزامىدن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ساپ تۈركي تىلدىكى پاساھەتلىك شېئىر-غەزەللىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ناۋايىنىڭ شېئىر-غەزەللىرىنى مۇقاملارغا ئاساسلىق تېكىسىت سۈپىتىدە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ناۋايىنىڭ شۆھرىتىنى خەلقى-ئالەمگە يەنە بىر قېتىم تېىىمۇ كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. چۈنكى شۇ دەۋىردە قىدىرخانغا ئوخشاش ئەينى دەۋىر «زىيالىلىرى» ئەلىشىر ناۋايىنىڭ نەپىس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىرلىرىنى ناھايتى زور ئىخلاس ۋە سۆيۈنۈش بىلەن ئوقۇيتتى ۋە ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ شېئىرلارنى يازاتتى. شۇڭا ئۇ كۆپلىگەن مۇقام تېكىستلىرىنى ناۋايىنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىن تاللىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەلىشىر ناۋايى لىرىكىلىرىنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىشى ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇلىشىپ، بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلىشىدە ئۇستاز قىدىرخان يەركەندىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسى بار.
مۇقام پېشىۋاسى قىدىرخان يەركەندىنىڭ «دىۋان قىدىرى» ناملىق بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەسەر ياكى بۇ ئەسەرگە ئائىت قوليازما مەلۇماتلار تېخى مەلۇم بولمىغان ئىدى. پەقەت 1985-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن قىدىرخاننىڭ «دىۋان قىدىرى» ناملىق بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر خاتىرلەنگەن قوليازما خاتىرە بىلەن قىدىرخاننىڭ ئۆزى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە «دىۋان» نى توپلاپ، تۈزۈش ھەققىدە ئۆز قولى بىلەن يازغان، «دىۋاننىڭ مۇقەددىمىسى» يەركەند خەلقى ئىچىدىن تېپىلدى. گەرچە بۇ «مۇقەددىمە» قىدىرخاننىڭ ئومۇمى ھاياتى ئەھۋالى ۋە «دىۋان» نىڭ ئەھۋالىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمىسىمۇ، لېكىن بۇ «مۇقەددىمە» ئۇستاز قىدىرخان ۋە ئۇنىڭ دىۋانى توغرىسىدا بىزنى ئاز بولمىغان بىردىن-بىر ئىشەنچىلىك مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
يەركەندتىن تېپىلىپ، «دىۋانى قىدىرى» نىڭ «مۇقەددىمىسى» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ بىر پارچە ئەسەر 27 بەت ( ئەسلىدە 28 بەت بولۇپ، بىرىنجى بېتى يوقۇلۇپ كەتكەن) بولۇپ، پاتلانغان خوتەن قەغىزىنىڭ ھەر بىر بېتىگە 13 قۇردىن پارىسچە يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ «مۇقەددىمە» نىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا باشقا خەتتات-مۇنشىيلار (كاتىپ) لار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، قىدىرخاننىڭ ئۆزئارا قاپىيلىك تۈزگەن ئۆزئارا بىر يۈرۈش سىستېمىغا ئىگە جۈملىلىرىنىڭ كۆپ جايلىرى ئورۇنسىز تىنىش بەلگىلىرى بىلەن بۇزۇپ تاشلانغان. گەرچە خاتا ھالدا بولسىمۇ، بۇ «مۇقەددىمە» نى كۆچۈرگەن كاتىپ ئىشتىياق بىلەن پەش ۋە باشقا تىنىش بەلگىلىرىنى قىزىل سىياھتا قويىۋەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوليازما تازا ياخشى ساقلىنالمىغان، مۇقاۋىسىمۇ يوق، ھەتتا بۇ مۇقەددىمىنىڭ قاچان يېزىلغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئاپتور ھېچنەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان. كۆچۈرگۈچى كاتىپمۇ بۇ ئەسەرنى قاچان كۆچۈرگەنلىگى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى-ئەھۋالىغا دائىر ھېچنەرسە يېزىپ قويمىغان. ئەمما، «دىۋانى قىدىرى» نىڭ «مۇقەددىمە» سىدە بايان قىلىنىشىچە، شائىر، مۇزىكاشۇناس قىدىرخان ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا تۈرلۈك بەزمە، مەشرەپ، ئولتۇرۇشلارغا قاتناشقان ۋە بۇ خىل سورۇنلاردا يولۇقتۇرغان، ئۆزىگە بىرقەدەر تەسىر قىلغان ئەھۋاللار ئۈستىدە ۋە ئەنئەنىۋىي ئىشىق-مۇھەببەت ھېسسياتلىرىنى شېئىر مىسرالىرىغا تىزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بۇنداق كۆپ خىل تېمىدىكى پاساھەتلىك شېئىرلىرى، كۆپۈنچە ئۆزى ئورۇنلىغان ۋە ئىجاد قىلىنغان مۇقام-مۇزىكا كۈيلىرىگە سېلىنىپ ئورۇنلىنىپ دەسلەپ خان، خانزادىلەرنىڭ ئالقشىغا ئېرىشكەن، ئاندىن ئاستا-ئاستا خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، قولدىن-قولغا ئۆتۈپ كەڭ تارقالغان. باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، «مۇقەددىمە» دىن مەلۇم بولىشىچە قىدىرخان يەركەندى يىگىتلىك مەزگىللىرىدە ئۆزىنىڭ شائىرلىق ۋە مۇزىكانتلىق تالانتى بىلەن سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد سۇلتان (ۋاپاتى تەخمىينەن 1523_1524) نىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇپ، مۇھەممەد سۇلتاننىڭ يېقىن ھەمراھى ۋە دوستى سۈپىتىدە خۇراساندا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا شاھزادە، بەگزادىلەر بىلەن ئەيشى-ئىشرەت ئىچىدە ياشىغانلىقىنى، مۇقام كۈيلىرىگە سېلىپ ئېيىتقان ياكى ئوقۇغان غەزەللىرىنىڭ ئوردا ۋە خەلق ئىچىگە تارقالغانلىقىنى، شاھزادىلەر كۆپ قېتىم ئۇنىڭغا يازغانلىرىنى توپلاپ دىۋان قىلىپ چىقىشقا تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىدىن باشقا مەشھۇر شائىرلارنىڭ شۇنچە پاساھەتلىك دىۋانلىرى بار يەردە، ئۆزىنىڭ دىۋانىنى تۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. ھەمدە ئۆز بايانلىرى داۋامىدا شاھزادە مۇھەممەد سۇلتاننى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:
«تەبىئىي دەرۋىش ئۆزى شاھ نىشان، شاھ دەرۋىش مۇھەممەد سۇلتان». (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان «‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986-يىل نەشرى 33- بەت)
«مۇقەددىمە» دە مۇغۇلىستان (چىغاتاي خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە ئاساسەن پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربى قىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالغان غەربى چاغاتاي خانلىقى دائىرىسى موغۇلىستان دەپ ئاتىلاتتى) زېمىنلىرىنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كېلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرلىشى ۋە بۇ خانلىقنىڭ پادىشاھى سۇلتان سەئىدخان گۈزەل سۆز ۋە دۇردانىلىرى بىلەن ئالاھىدە تەرىپلىنىپ، خەلقنىڭ ئۇ قۇياش تەرىپىگە ئاغقانلىقى، يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ ئۆزىمۇ ئۇ پادىشاھ ھۇزۇرىنى شۇ ئاستانىنى (يەركەند شەھىرىنى) تاۋاپگاھ ئەيلىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈسۈپ قىدىرخان سۇلتان سەئىدخان ھوزۇرىغا (يەركەندكە) مىلادى 1520-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا (مۇھەممەد سۇلتان ۋاپاتىدىن كېيىن) كەلگەن.
قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ بۇ «مۇقەددىمە» سىدە ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ بۇ ئالىي سۇلالە (سەئىدىيە خانلىقى) نىڭ بەندىسى، بۇ كەڭرى ماكاننىڭ تۇغما مىراسخورى، خاندانلىقنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىگىنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈپ، تۆۋەندىكى مەسنىۋىينى يازىدۇ:
«ئاتام بۇ ئاستانىنىڭ خاك بىزى (خاك بىزى-تۇپراق چاچقۇچىسى)
ئانام ھەم بۇ ساراي بوستان كېنىزى.
ئۇڭا ئۆز گەر بولاي بۇلبۇل ۋە گەر زاغ،
كىم ئۇشبۇ دۇركى بولغاي گۈلشەنۇ باغ.
ۋەلى بىر ئۆمۈر، بۇ گۈلشەندىن ھاۋاجىس، (ھاۋاجىس- سېغىنىش، ئەسلەش)
قىلىپ جانىمغا ھىجران رەنجى ھەدىس.» (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان «‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى،  1986-يىل نەشرى 44- بەت)
بۇ مەسنىۋىيدىن يەنە قىدىرخان ياركەندىنىڭ يىلتىز تۇپرىغىنىڭ يەركەندتىن ئىكەنلىگىنى ئانىسىنىڭ ئەسلىدە ساراي (ئوردا) كېنىزەكلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، گەرچە كۆڭلى ئازار يەپ، ئايرىلىش ئازابى تارتقان بولسىمۇ، بۇ گۈلشەننى (يەركەند شەھىرىنى) يەنىلا بىر ئۆمۈر ئەسلەپ تۇرغانلىقىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن.
«مۇقەددىمە» نىڭ كېيىنكى سەھىپىلىرىدە قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھوزۇرىدا يۈرگەن مەزگىللەردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتى ئەھۋالىنى مۇنداق بايان قىلىپ ئۆتىدۇ:
«ئۇنىڭ ئاپتاپتەك پىكىرىدىن ئۈزلۈكسىز تۆكىلىۋاتقان تەرتىپلەر قۇياش تاغلاردىن تۈرلۈك جاۋاھىرلارنى پەيدا قىلغاندەك، كۆڭلۈم كېنىنى ئېسىل گۆھەرلەر بىلەن زىننەتلەپ، بۇلۇت ئالقىنىدىن غايەت زور كۈچ چىقىرىپ، تۇپراقتىن تۈرلۈك رەيھانلارنى ئاشكارە قىلغاندەك خاتىرەم بوستانلىقىنى لەتىپلەر گۈللىرى بىلەن بېزەتتى. تىللاردىن ئۈنچە ياغدۇرغۇچى مەجلىسلەردە بەزى بېيىتلىرىم ئېيتىلىپ، بەزى ئولتۇرۇشلاردا بەزى غەزەللىرىم گۆھەر چاچار قوللار بىلەن يېزىلاتتى، گاھىدا ئىبادەتلىرىمدىكى قۇسۇرلار ئۆزگەرتىلىپ ئەيىپلەردىن پاڭ قىلىناتتى ۋە گاھى مەنزىللىرىمدىكى قاملاشماسلىقلار تۈزىتىلىپ، نۇقسانلاردىن خالىي قىلىناتتى. بەزى بېيىتلىرىمدىن مۇناسىپ بولمىغان سۆزلەر چىقىرلىپ بىر شاھانە ئۈنچە تارتىلغاندەك، بىرەر سۆز كەلتۈرلەتتى، بەزى غەزىلىمدىكى بىرەر قاملاشمىغان بېتىگە سىزىق تارتىلىپ، بىر دەستا ئىچىدە ئالتۇن قەسىر ياسىغاندەك بىر بېيىت كىرگۈزىلەتتى»، «بۇ بېيىتلار ئايۋانى، ئول ئىسلاھ قىلىنغان نەقىش نىگارلىرىدىن چىن رەسىمخانلىرىنىڭ قىزغىنىشىنى كەلتۈرىدىغان ۋە بۇ غەزەل بوستانى ئەھمىيەت بېرىش باھارىدىن جەننەتنى يالغۇز قالدۇرىدىغان بولۇشقا باشلاپ، نەزەر سالغۇچىلار كۆزلىرىگە ئۇياتلىقراق، ئەھلى دىللار كۆزلىرىگە سۆيۈملۈك بولۇپ، ھۆرمىتى كۆپ، شۆھرىتى نۇرغۇن بولدى. ھەقىقەتەن:
بولدى چۈن شاھ سۈردى ئىسلاھ ئېتەرگە خامە(قەلەم).
ھەر بەيتى شاھ بەيتى، ھەرنامە، شاھنامە.
مەن بۇ ۋەيرانىنى ئول جاۋاھىرلار بىلەن نەق خەزىنە قىلغانلىقىمدىن ھەيران ۋە مۇتەپەككۇر، بۇ قەسىدىنى ئول مەشئەللەر نۇرى بىلەن يورۇتقانلىقىم پىكرىدىن ھەيرەتتە قالدىم» (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986-يىل نەشرى 44-،46- بەتلەر)
ئۇ ھەمىشە ئوردا ۋە بەزمىلەردە ھەمسۆھبەت بولۇپ كېلىۋاتقان سۇلتان مەھمۇد ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد سۇلتان ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ كىشى قىدىرخانغا يازغان شېئىرلىرىنى توپلاش توغرىسىدا ئىلتىپات قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ئولۇس تەبئىڭ سەھاب يامغۇرىدىن،
بولۇپ سىراپ ئەل، نەزەمىڭ، دۇرىدىن.
سۆزۈڭ بەر ئەۋجى فەلەك چەكتى ئەلەمنى،
كى سۆردۈڭ ئەرشى لەھىغە قەلەمنى.
ۋە لېكىن بىر قەدەر پىكرى فەرىشان،
بەنا تۈننە ئىشىدەك بولمىش فەرىشان.
تىلەرمىز بۇ فەرىشان بولسا مەجمۇئە
رەۋان بولكىم ئەمەستۇر ئۆزرمەسمۇ (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986-يىل نەشرى 3-،4- بەتلەر)
مۇشۇ ئىلتىپاتتىن كېيىن قىدىرخان ئۆز شېئىرلىرىنى توپلاشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ «مۇقەددىمە» دە ئېيىتىشىچە خەلق ئارىسىدا تارىلىپ يۈرگەن بېيىتلىرى 2000 دىن ئارتۇق ئىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا تارالمىغانلىرىمۇ خېلى كۆپ بولىشى مۇمكىن.
قىدىرخان ئۆزىنىڭ كېيىنكى مەسنىۋىيلىرىدە ۋە بايانلىرىدا، ئۆزىنىڭ شاھنىڭ پەرمانى بىلەن (ئابدۇرەشىدخاننىڭ پەرمانى بىلەن) ئۆز دىۋانىنى تۈزۈشكە كىرىشكەنلىگىنى، غەزەللىرىنى 32 ھەرىپ بىلەن تەرتىپلەپ تۈزگەنلىگىنى، ھەر بىر تەرتىپتىكى غەزىلىدە باشقىلارنىڭ دىۋانىغا ئوخشىمايدىغان يېڭىچە بەدىئىي ئۇسلۇپ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىگىنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتىدۇ ۋەبۇ «دىۋان قىدىرى» دا نۇرغۇن قەسىدە ۋە باشقا جىلىدلارنىڭ بارلىقىنى ئىزاھلاشنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «دىۋان» توققۇز مۇجەللەت (جىلىد-باپ ياكى قىسىم) قىلىپ تۈزۈلگەن. يەنى :1.«روھنى ئارتتۇرۇچلىرى»، 2.«تاللانغان ۋەزىنەتلىكلىرى»، 3.«شاھانە بېيىت ۋە پايدىلىقلىرى»، 4.«لەتافەت ئارلاش ۋە يېتىشكەنلىرى»، 5.«ئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان، كۆڭۈلگە ياقارلىرى»، 6.«مىسلىسىز تاق بېيىتلىرى»، 7.«لەتىف ۋە راۋانلىقى مۇقەررەر مۇئەممالار»، 8.«تەبىئىيلىكى ئاشكارا ۋە تۇتاش غەزەللەر»، 9.«رىغبەتلىنەرلىك ۋە مۆتىدىللىكلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بارلىقىنى ئېيىتقان ۋە بۇ بېيىت، شېئىرلار ئۆز خىلى بويىچە رەتلەندى» دەپ «مۇقەددىمە» نى يېزىشتىكى مەقسەتلىرىنى بايان قىلغان. ھەمدە، قىدىرخان يەركەندى ئۆزى «مۇندەرىجە» ۋە «مۇقەددىمە» دەپ ئاتىغان مەزكۇر ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا :«ئەرىز ئولدۇركىم، بۇ پەرىشان بېيىتلار شەرھى قىلىنىپ تەرتىپ تېپىشتىن ۋە بۇ باغلىنىشقا كىرىشتىن بۇرۇن بەزىسى ئوتتۇرا ياشتا دېيىلگەن بولسا، بەزىسى كىچىكلىكتە دېيىلگەن ئىدى. بەزىسى تازا ساق ۋاقىتتا بولسا، بەزىسى مەسىتلىكتە، بەزىسى ھۇشيارلىقتا بولسا، بەزىسى دىۋانىلىقتا يېزىلغان ئىدى. ئۇلاردا بۇزۇق تەرەپلەرنىڭ بولىشى مۇمكىن بولغانلىقتىن،توپلاشقا جۈرئەت قىلىنمىغان ئىدى. ئەمما خەلق ئارىسىغا تارالغانلىرى مىڭ بېيىت ئىككى مىڭ بېيىت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق ئىدى. ئارتۇقراق ياكى كەمراقكىم، ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان بولۇپ، ناھايىتى مەشھۇر بولغان ئىدى. يېزىلىپ تارقالغان ۋە شۆھرەت قازانغانلىرىدىن بۆلىكلىرىنى باشقىلار ئارىسىدىن چىقارماق قىيىن، بەلكى مۇمكىن ئەمەس كۆرۈندى. شۇ جەھەتتىن ھەر قايسى سۆز ئۆز يېرىدە نەزىم تىزمىسىغا كىردى.
يۈز گۈل ئارىسىدا بىر تىكەن بولسا كېرەك،
يۈز ياخشى ئىچىدە بىر يامان بولسا كېرەك.
مىڭ جام ئىچىلسە شۇنداغكىم ئابىھايات،
قۇرۇق يەر ئاستىدىمۇ دۇررى ئەدەن بولسا كېرەك.» (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986-يىل نەشرى 3-،4- بەتلەر) دېگەنلەرنى يېزىش ئارقىلىق، «دىۋان» تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن غەزەللىرىنىڭ ئۆز ھايات مۇساپىسىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى ئىجادىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگىنى، ئوخشىمىغان شارائىتتا يېزىلغان غەزەللىرى ئىچىدە بەزى ناباپراقلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ نۇرغۇن غەزەللىرىنىڭ خەلق ئىچىدە تارقىلىپ، مەشھۇر بولغانلىقى ۋە خەلق تەرىپىدىن توپلام (دىۋان) قىلىنىپ شۆھرەت قازانغانلىقىنى، بۇ توپلاملار تەركىبىگە كىرگەن غەزەللەر«دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ئەسلى ھالىتى ساقلاپ قېلىنغانلىقى، بۇلار ئىچىدىكى ناچارراقلىرىنى چىقىرۋېتىشكە مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا شائىرنىڭ دىۋانى خېلى زور ھەجىمدىكى بىر نەچچە بۆلۈملۈك دىۋان بولىشى مۇمكىنلىگنى «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن غەزەللەرنىڭ 98_99 پىرسەنتىنىڭ ئالاھىدە تاللانغان ۋە تاۋلانغان نادىر ئەسەرلەر ئىكەنلىگىنى بىلىش مۇمكىن. قىدىرخان يەركەندى يەنە بۇ «مۇقەددىمە» سىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر رۇبائىسىدا :«مەدەنىيەتلىك رەسۇلىللا ئىلىم-ئەھلىنى بايلىق ھېساپلا، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلغان كىشى مېنى ھۆرمەت قىلغان بولىدۇ، دېگەن» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلىم-مەرىپەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
«دىۋان قىدىرى»توققۇز پارچە شېئىرلار توپلىمىدىن تۈزۈلگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، تېخى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. شۇنداقتىمۇ، شۇنىسى ئايانكى، قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسى 12مۇقامنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە سەرىپ قىلدى. شۇڭا ئۇ«دىۋان قىدىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئىچىگە مۇقامغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان كۆپلىگەن شېئىرىي پارچىلارنى كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم. ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان:
كەمبەغىل كىيسە كۇلاھنى،
شەيىخلىرىڭ ئادەم ئەمەس.
ئۆلگىچە ئېيىتسام مۇقام،
مەن ئۈچۈن ماتەم ئەمەس. («‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986-يىل نەشرى 6- بەت)
ئۇ، يەنە بىر شېئىرىدا مۇقامنىڭ بۈيۈك قىممىتىنى تەرىپلەپ:
مۇقام جەھاندا تاڭنىڭ سەباسى،
جەھانغە جانكى قالۇن سەداسى.
ھېچ تەڭ كېلەلمەس بۇلبۇل نەۋاسى،
ئالەمدە يوقكى بۇنىڭ بەھاسى.(«‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986-يىل نەشرى 6- بەت)
دەپ يازغان بولسا،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى شېئىرىدا؛
ھەشتارىمىز قىلسا خەندان دىيارىمنىڭ گۈلىستانىدا،
قۇزغۇن ئۆلۈپ، بۇلبۇل كۈلەر نەغمە مەشرەپ داستانىدا.
ئو ئىككى چوڭ تولۇن ئايدەك دىل رىشتەگە مەشئەل ياقار،
ئۇنىڭ ئەمەس، بۇنىڭ ئەمەس-دىلكەتەلەر بوستانىدا.
دەپ يېزىپ ئەينى دەۋىردىكى زالىم، ۋەھشىي كۈچلەرنىڭ مۇقامنى رەتلەشكە قارشى تۇرغانلىقىنى پاش قىلىدۇ ۋە مۇقامغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت-ئەقىيدىسىنى ئىپادىلەيدۇ. «12مۇقام» ئاھاڭلىرىغا سېلىپ ئېيتىلغان قىدىرخاننىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى مۇقامنىڭ تىغ ئۇچى بىۋاستە ھالدا جاھالەتلىك فىئوداللىق تۈزۈمگە قارىتىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
فەلەكتىن بىر سەدا كەلمىش ساچىپ ھەردەم ھەلاۋەتنى،
گەداي ئىزلەپمۇ جەننەتتىن تاپالماس ئۇ سەخاۋەتنى.
ئەتا قىلسا مۇنارىمنى ياساپ كەۋسەرۇ ھەل تاشتىن،
قىدىر ئۆلمەس مۇقام ئىچرە قىلىپ گۇمران جەھالەتنى. (مۇھەممەد زۇنۇن،ئابدۇكېرىم راخمان؛ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدبىياتنىڭ ئاساسلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1981-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.282-بەت)
«دىۋان قىدىرى» دا يەنە ئىسلام دىنىغا كىرگىلى ئۇنىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەپ ئىستىلاسىغا قارشى كۈرۈشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «تىگىشىلگەن قان» ناملىق شېئىرى بولۇپ ئۇنىڭدا:
قىلىچ نەيزە ئۇرۇلماقتا تۈمەنمىڭ ئاجىزە جانغە،
تۆكۈلگەن لەختە قانلارنى تېگىشتى بىر مۇسۇلمانغە.
جەھاننى قەتلى ئەتمەككە سېتىپ قۇللارنى سۇلتانغە،
دىيارىمنى خەراب قىلدى چېچىپ دىشۋارنى ھەريانغە.
تەجاۋۇز قەتلى ئاملاردىن كۆمۈلسەكمۇ بەياۋانغە،
ئىگىلمەسكە قەسەم قىلدۇق ئەرەپلەردەك شەھىدانغە. (مۇھەممەد زۇنۇن،ئابدۇكېرىم راخمان «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1981-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى. 283-بەت). دەپ يازىدۇ.
قىدىرخان ياركەندى ئۆزىنىڭ مۇزىكانىتلىق ھاياتى جەريانىدا باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدىن باشقا، يەنە «ھەشتار» ناملىق سەككىز تارلىق چالغۇ ئەسۋاپنى كەشىپ قىلغان ھەم «ۋىسال» ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەنىدى. گەرچە بۇ مۇقام پېشىۋاسىنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرغىچە بىزنىڭ قولىمىزغا تولۇقى بىلەن يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا مەنىۋىي بايلىقى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيتى بولغان 12 مۇقامنى رەتلەپ سىستېمىلاشتۇرغانلىقىدەك ئۇلۇغ تۆھپىسى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتۇشقا تامامەن ھەقلىق. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 492 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-07