بېتخوۋېن


بېتخوۋېنبېتخوۋېن

ئۇ دوغلاققىنە كەلگەن ئادەم بولۇپ، بەدىنى قارىماققا ناھايىتى چىڭدەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى سېپى ئۆزىدىن تەنھەركەتچىلەرگە خاس بەدەن ئىدى. كەڭ يۈزلىرىدىن سۇس قىزىللىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. كېيىن بۇ چىراي ئۇنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ سارغىيىپ كەتتى، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئۇ ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ تالا-تۈزگە چىقمىغان چاغلىرىدا چىرايى ئاشۇنداق سارغىيىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ پېشانىسى كەڭ بولۇپ، قاپقارا قويۇق چاچلىرى يۈزىگە ساڭگىلاپ تۇراتتى.


 خىرەلەشكەن، ھەسرەتلىك كۆزلىرىدىن يەنىلا ئاجايىپ بىر خىل كۈچ-قۇۋۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. مەردانە ھەم ئەسەبىي نەزىرى كۆكۈش كۆز قارىچۇقلىرىنى قارا رەڭدەك كۆسىتەتتى. ئادەتتە تىنچ ھەم تىنىق ھالەتتە تۇرىدىغان بۇ بىر جۈپ كۆز ئۇ خۇشال بولغان ياكى غەزەپلەنگەن چاغلاردا يوغان ئېچىلىپ، چانىقىدا شىددەت بىلەن ھەرىكەتلىنەتتى. بۇ كۆزلەر ھەمىشە ھەسرەت بىلەن كۆك ئاسمانغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇرنى قىسقا ھەم چاسا شەكىللىك بولۇپ، بەئەينى شىرنىڭ بۇرنىغا ئوخشايتتى. كالپۇكلىرى نېپىز ئىدى. ئاستىنقى كالپۇكى بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، چىشلىرى ناھايىتى پۇختا ئىدى. پۈتكۈل چىرايى ئېڭىكىدىكى چوڭقۇر زىنىقى بىلەن پەقەتلا ماسلاشمىغان بولۇپ، بەكمۇ غەلىتە كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى خۇددى مۇسلېرنى ئېيتقىنىدەك، « ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق ئىدى، ئۇ گەپ قىلغاندا كىشىگە بىر خىل يېقىملىق ھەم تېتىك كەيپىياتنى ھېس قىلدۇراتتى.


 بىراق يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن ھېچقانداق خۇشاللىق ئالامىتى ئىپادىلەنمەيتتى. ئەكسىچە بۇ كۈلكە ناھايىتى قوپال بولۇپ، تېزلا غايىب بولاتتى». ئۇ ئادەتتە غەمكىن ھالەتتىلا يۈرەتتى. 1825-يىلى رىستابۇ :«مەن بېتخوۋېننىڭ مۇلايىم كۆزلىرى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىپ تۇرغان كۈچلۈك ئازابىنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمنى يىغىدىن ئارانلا بېسىۋالاتتىم» دېگەن. بىر يىلدىن كېيىن بىرئۇن فون برائونتار ئۇنى بىر قاۋاقتا ئۇچرىتىپ قالغان. ئەينى چاغدا ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە بىر بۇلۇڭدا غاڭزىسىدىكى ئىسنى پۈۋلەپ ئولتۇرغانىكەن، بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئادىتى ئىدى. بىر ئاغىنىسى ئۇنىڭغا گەپ قىلغان، ئۇ ئاچچىق كۈلۈمسىرىگىنىچە يانچۇقىدىن بىر دەپتەرنى چىقىرىپ، گاسلارغا خاس ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىنى دەپتەرگە يېزىپ كۆرسىتىشىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ چىرايى پىئانىنو چېلىۋاتقاندا ياكى كوچىدا خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتقاندا كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ھەر خىل ئۆزگىرىپ تۇراتتى. 

رۇدۋېخ ۋان بېتخوۋېن 1770-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كلاىنغا يېقىن جايدىكى بوئىن شەھىرىدە بىر كونا بالىخانىدا دۇنياغا كەلدى، دادىسى ھاراق دېسە جېنىنى بېرىدىغان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئىدى، ئانىسى بولسا بىر ئاشپەزنىڭ قىزى ئىدى. بېتخوۋېننىڭ بالىلىق دەۋرى تولىمۇ مۇشەققەتچىلىك ئىچىدە ئۆتتى، ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دادىسى ئۇنى بىر كۈنلەپ-كۈنلەپ پىئانىنو چالدۇردى، بەزىدە ھەتتا ئۇنى سىلكىشلەپ ئۇرۇپمۇ سالدى. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغان چاغدا، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. 1787-يىلى ئۇنىڭ مېھرىبان ئانىسى ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن ھەمىشە ئازابلىنىپ يۈردى. لېكىن، تۇرمۇشتىكى قايغۇ ھەسرەت ئۇنى كېسەل ئازابىدىنمۇ بەكرەك قىينىدى. ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چېغىدا ئۇ بىر ئۆينىڭ خوجىسىغا ئايلاندى. كىشىلەر ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ھاراقكەشلىكى، بەتخەجلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. بېتخوۋېننىڭ قەلبى بۇ تۇرمۇش پاجىئەلىرىنىڭ چوڭقۇر زەخمىسىگە ئۇچرىدى. كېيىن ئۇ بوندىكى بروئىنىن ئائىلىسدە تۇرغان چېغىدا ئاندىن ھەقىقى بىر غەمگۇزارغا يولۇقتى. يەنى ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىك ئوماققىنە قىز ئېلىئونىرو بىلەن ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى، بۇ خىل غۇبارسىز ھەم شېرىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى تاكى ئۇ جان ئۈزگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. 
بالىلىق دەۋرى ئاشۇنداق رىيازەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بېتخوۋېندا ئازاب ئارىلاش بەزى كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. كېيىن ئۇ بوندىن ئايرىلىپ، ۋىناغا بېرىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن رېيىن دەرياسى بويىدىكى يۇرتىنى ئەزەلدىن يادىدىن چىقارمىدى. چۈنكى ئۇ ئۆمرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىگىرمە يىلىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سەبىي چۈش مەنزىرىسى شەبنەملەر يالتىراپ تۇرغان چىمەنزارلىق، تۇمان ئوراپ تۇرغان ئاق تېرەكلەر، بۈككىدە ئۆسكەن پاكار دەرەخلەر، تولغىشىپ تۇرغان مەجنۇنتال ۋە مېۋىلىك كۆچەتلەر، ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرغان سۇلار، كەنت ۋە چېركاۋلار، قەبرىستانلىقلار مۇشۇ يەردە زاھىر بولغانىدى، يىراقتا كۆپكۈك ئاسمان سۈرلۈك قىياپەتتە زېمىنغا نەزەر تاشلاپ تۇراتتى. قەدىمىي قەلئە خارابىسى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە ئىگە ئىدى. بېتخوۋېن بۇ ئانا زېمىنغا تاكى تىنىقى توختىغانغا قەدەر ساداقەتمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. پۈتكۈل ياۋروپاغا يامرىغان بۈيۈك ئىنقىلاب بېتخوۋېننى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. 1783-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇ بوئىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىنقلابقا قاتناشتى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 469 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28