تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ بىرى بولۇپ، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ مىلادى  (656-595) يىلى مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر ئىمان ئېيتقان سەككىز كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا بېغىشلىغان بولۇپ، «ئۇھۇد» ئۇرۇشى ۋە تۆگە ئۇرۇشىدىكى كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى بىلەن جەڭگىۋار بۈركۈت دەپ نام ئالغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلىللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرىلىق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق» دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن ساھابىلىرىغا قاراپ تەلھەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :«كىمكى گەرچە زېمىن يۈزىدە مېڭىپ يۈرىۋاتقان بولسىمۇ شېھىت بولۇپ بولغان (يەنى شېھىت بولۇشى مۇئەييەنلىشىپ بولغان) ئادەمنى كۆرۈشتىن خۇشاللىق تاپسا ئۇنداقتا ئۇ تەلھەگە قارىسۇن» دېدى!! 
ئېھتىمال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ توغرىسىدا دېگەن بۇ سۆزدىنمۇ بەكراق، ساھابىلەر ئارزۇ قىلىدىغان، قەلىبلىرى خۇشاللىقتىن كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولىدىغان يەنە بىر خۇش خەۋەر بولمىسا كېرەك. ئۇنداقتا ئۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى، ھاياتنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، شەرەپلىك ياشاپ شېھىتلىك ھالىتىدە ئالەمدىن كېتىدۇ، ھەرگىز ئېزىپ قالمايدۇ، ھېرىپ-چارچىمايدۇ... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش بېشارەت بېرىپتۇ، ئۇنداقتا خۇش بېشارەت بېرىلگەن بۇ زاتنىڭ ھاياتى قانداق ئۆتتى...؟ ئۇ بۇسرا دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەردە تىجارەت قىلاتتى. بىر كۈنى شۇ شەھەردىكى ئاق كۆڭۈل راھىبلاردىن بىرى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭغا ياخشى پەيغەمبەرلەر ئالدىن خەۋەر بەرگەن، ھەرەم شەھەرلىرىدە مەيدانغا كېلىدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ دەۋىرى يېقىنلىشىپ كېلىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈنلىرىنىڭ نۇرلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى ۋە جامائەسىگە ئەگىشىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ جامائەسىنىڭ ھىدايەت تاپقان، ئىخلاسمەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن جامائە ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.تەلھە «بۇسرا» دا سەپەر ۋە تىجارەت بىلەن بىر قانچە ئاينى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى مەككىگە قايتىپ كەلگەن چېغىدا خەلقى ئارىسىدا كۆپ غۇلغۇلىنىڭ بارلىقىنى سەزدى ۋە ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ بىرەرسى  ياكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر جامائە بىلەن ئۇچراشسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك كىشى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ يېڭى دىنى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ دەسلەپتە ئەبۇبەكرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدى ۋە ئۇنىڭ خېلىلا بۇرۇن تىجارەت كارۋىنى بىلەن چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ھازىر بولسا تەقۋادار مۆمىن بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنى قوغداپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدى. ئەنە شۇ چاغدا تەلھە ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويدى. مۇھەممەد بىلەن ئەبۇبەكرى..؟؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئىككىيلەننىڭ تەڭلا گۇمراھلىق ئۈستىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مۇھەممەد 40 ياشقا كىرگۈچە بىز ئۇنىڭ بىرەر قېتىم يالغان سۆزلەپ باققانلىقىنى بىلمەيمىز، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاللاھقا تۆھمەت قىلىپ :«مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ماڭا ۋەھىي بەردى» دەرمۇ..؟؟ بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس... شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبۇبەكرىنىڭ ئۆيىگە قاراپ تېز قەدەملەر بىلەن ماڭدى. ئىككىيلەن ئۇزاق پاراڭلاشمىدى،، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشقا بولغان ئىشتىياقى يۈرىكىنىڭ سوقۇشلىرىدىنمۇ تېز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇبەكرى ئۇنى دەرھاللا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى، ئۇ يەردە ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ مۇبارەك مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
شۇنداق قىلىپ تەلھە بالدۇرلا مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى، بايلىقلىرى كۆپ تىجارەتتە روناق تاپقان بولسىمۇ يەنىلا قۇرەيشلەرنىڭ تېگىشلىك ئېزىشىگە گىرىپتار بولدى، چۈنكى :«قۇرەيش يولۋىسى» دەپ ئاتىلىدىغان «نەۋفەل ئىبنى خۇۋەيلىد» دېگەن كىشىگە تەلھە بىلەن ئەبۇبەكرىنى جازالاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تارتقان ئازاپلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى، چۈنكى، قۇرەيشلەر ئۆزىچە خىجىل بولۇپ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا ئەمىر قىلىنغاندا تەلھەمۇ بىللە ھىجرەت قىلدى. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە «بەدرى» غازىتىدىن باشقا غازاتلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشتى، چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سەئىد ئىبنى زەيىد بىلەن بىرلىكتە مۇھىم بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ سىرتىغا ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە «بەدرى» غازىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى غازىتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە جىھاد قىلىش ئەجىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن كۆپ ئازاپلانغان ئىدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغىمۇ جىھادقا قاتناشقانلارغا ئوخشاش ساۋاب بېرىدىغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىدىن ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مىقداردا تەقسىم قىلىپ بېرىپ ئۇلارنى كۆپ خاتىرجەم قىلغان ئىدى. كېيىن «ئۇھۇد» غازىتى بولىدۇ، قۇرەيش خەلقى «بەدرى» ئۇرۇشىدا تارتقان تالاپەتلىرى ئۈچۈن ئىنتىقامئېلىش مەقسىتىدە پۈتۈن ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن بارلىق ئەسكىرى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ مۇسۇلمانلارنى مەغلۇپ قىلىمىز دەپ كۆرەڭلىگەن ھالدا يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، لېكىن ئۇلار غەلبە قىلىشنى بەكمۇ ئاسان ئىش دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى، ئەپسۇسكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى. بىر مەھەل كەسكىن ئۇرۇش بولغاندىن كېيىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى مۇشرىكلارغا زىيانلىق بولغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپ پۈتۈن يەر يۈزى ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى. مۇشرىكلار بۇنىڭدىن چەكسىز ئەلەم تارتتى.
مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ چېكىنىپ قاچقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇرۇش ئولجىلىرىنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوراللىرىنى تاشلاشتى. تاغ ئۈستىنى ساقلاۋاتقان مەرگەنلەرمۇ ئوقلىرىنى تاشلاپ چۈشۈشتى. مۇسۇلمانلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقاندا چېكىنىپ قاچقان قۇرەيش قوشۇنى تۇيدۇرماي قايتىپ كېلىپ ئارقىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش مەيدانىنى ئىگىلىۋالدى. نەتىجىدە يەنە بىر مەيدان دەھشەتلىك ئۇرۇش پارتلىدى، ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى تاساددىپىي ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇش سەپلىرىنى پاتپاراق قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت بولدى. تەلھە ئۇرۇش مەيدانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇتپەرەسلىك ۋە مۇشرىك كۈچلەرنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تەرىپىگە ئالدىراپ ماڭدى. ئۇ گەرچە ئەمەلىيەتتە قىسقا بولسىمۇ لېكىن ئىنتايىن ئۇزۇن بىر يولنى يەنى ھەر بىر غېرىچىدا نەچچە ئون ۋەھشىي قىلىچ بىلەن نەچچە ئون مەرگەنلەرنىڭ ياۋۇز نەيزىلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغان قىيىن يولنى كېسىپ ئۆتتى!!! ئۇ يىراقتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى مەڭزىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جۇدۇنى تۇتتى-دە، قورقۇنچلىق بۇ يولدىن سەكرەپلا ئۆتۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر تەرەپتىن مۇشرىكلارنىڭ قىلىچلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئىدى، تەلھە خۇددى ياۋۇزلاشقان بىر توپ قوشۇنغا ئوخشاش جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوقتەك پىرقىراپ قىلىچ ئۇرۇشقا باشلىدى...ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىسىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئۇ زاتنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى يۆلىگەن پېتى قۇچاقلاپ پۇتى كىرىپ قالغان ئورەكتىن تارتىپ چىقاردى، ئۇ سول قولى ۋە كۆكرىكى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدىسا، ئوڭ قولى بىلەن قىلىچ ئۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قورشىۋالغان ۋە ئۇرۇش مەيدانىنى خۇددى ئىتنىڭ قۇرۇتىدەك قاپلاپ كەتكەن مۇشرىكلارغا قارشى جەڭ قىلاتتى!!
ئەينى ۋەقەنى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە تەسۋىرلەپ بەرسۇن... ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ :«ھەر قاچان «ئۇھۇد» غازىتى تىلغا ئېلىنسا ئەبۇبەكرى :«ئۇ كۈنى پۈتۈنلەي تەلھەنىڭ كۈنى بولغان ئىدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا تۇنجى بولۇپ بارغان ئىدىم. ئۇ مەن بىلەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھقا :قېرىندىشىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار دېدى، بىز ئۇنىڭغا قارىساق ئۇنىڭ بەدىنىدە نەيزە سانجىغان، قىلىچ بىلەن چاپقان، ئوق ئاتقان جاراھەتلەر بولۇپ، 70 نەچچە يەردە زەخمە بارلىقىنى بايقىدۇق، بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىكەن تېڭىپ قويدۇق» دەيتتى». غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە تەلھە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بايرىقى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە تۇراتتى. مۇسۇلمانلار جامائەسىدىن ئايرىلماي ئىبادەت قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئىبادەت قىلاتتى. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن بىللە جىھاد قىلاتتى، قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئىنسانىيەتنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن يېڭى دىننىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەيتتى. پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھاياتلىق تىجارىتى، مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتىنى تەلەپ قىلاتتى. تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەڭ باي مۇسۇلمان بولۇپ، بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋاتقان دىنىغا ئىشلىتەتتى. ئۇ بۇ يولدا ھېسابسىز خەجلىگىنىدەك ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ھېسابسىز بەدەل قىلىپ بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۇدەك سېخىيلىقىنى تەرىپلەپ ئۇنى «ياخشىلىق ئېلىپ كەلگۈچى تەلھە» «سېخىي تەلھە» «قولى ئوچۇق تەلھە» دەپ ئاتايتتى. ئۇ بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا بايلىق خەيرى-ئېھسان قىلاتتى. سېخىي ئاللاھمۇ بۇنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرەتتى. ئايالى سۇئدى بىزگە بۇ توغرىسىدا سۆزلەپ دەيدۇ :«مەن بىر كۈنى تەلھەنىڭ يېنىغا كىرىپ غەمكىن ھالدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن :«نېمە بولدىڭىز؟» دەپ سورىدى، ئۇ «مەندىكى مال-مۈلكۈم كۆپىيىپ قاپتۇ، شۇڭا كۆڭلۈم باشقىچە بولۇپ قالدى» دېدى، مەن:«ھېچقىسى يوق، تەقسىم قىلىۋەتسىڭىزلا بولدى» دېدىم، بۇ چاغدا ئۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ ئۇلارغا ئۆزىگە بىرەر تەڭگىمۇ ئېلىپ قالماي ھەممىنى بۆلۈپ بەرگەن ئىدى». بىر قېتىم ئۇ يېرىنى يۇقىرى باھادا ساتقان ئىدى. ئالدىدىكى بىر دۆۋە پۇلنى كۆرۈپ ياشلىرى ئاققان ھالدا :«ئۆيدە شۇنچىۋالا مال-مۈلۈكنى ساقلاپ ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ ئەتمىگەن ئادەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا چوقۇم مەغرۇرلانغان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ» دېدى، ئاندىن كېيىن بىر قىسىم ساھابىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن بىللە بۇ پۇللارنى كۆتۈرۈپ مەدىنىنىڭ پۈتۈن كوچىلىرى ۋە ئۆيلىرىنى ئارىلاپ كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن، ئەتىگىنى يېنىدا بىرەر تەڭگىمۇ قالمىغان ئىدى..!! جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ تەلھەنىڭ سېخىيلىقىنى تەرىپلەپ :«سورىمىسىمۇ كۆپ مالنى بېرىدىغان تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھقا ئوخشاش بىر ئادەمنى كۆرمىدىم» دەيدۇ. ئۇ ئائىلىسىدىكى كىشىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا گەرچە ئۇلار كۆپ بولسىمۇ ئوخشاش ياخشىلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى :«...بەنى تەمىيىم جەمەتى ئىچىدە قانداق بىر يوقسۇل ياكى پۇل-مالغا ئېھتىياجلىق ئادەم بولسا ئۇنىڭ ۋە ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى، ئۇلارنىڭ بويتاقلىرىنى ئائىلىلىك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى، قەرزلىرىنى تۆلەپ بېرەتتى.» سائىب ئىبنى زەيىد مۇنداق دەيدۇ :«مەن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن سەپەردىمۇ، شەھەردىمۇ بىرگە بولدۇم، پۇل-مال، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك خەيرى-ئېھسان قىلىشتا ئۇنىڭدەك سېخىي ئادەمنى كۆرمىدىم.»

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 16

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 900 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-06