سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس (مىلادىيە 595-674-يىللار) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن كاتتا ساھابىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادى 595-يىلى مەككىدە تۇغۇلۇپ، تەخمىنەن 674-يىللاردا 79 يېشىدا مەدىنىدە ۋاپات بولغان. ئۇ تەخمىنەن 610-611 يىللىرىدا بالدۇرلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدىكى مۇھىم رول ئوينىغان ساھابىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئون يەتتىنجى ئادەم بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا تېخى 17 ياشتا ئىدى. ئۇ 636-يىلى پېرسىيە (يەنى ھازىرقى ئىران) نى تارمار قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈشتە باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ مەشھۇر بولغان ھەم ئىرانغا ۋالىي بولغاندىن كېيىن، دېپلوماتىيە ئىشلىرى سەۋەبى بىلەن 651-يىللىرىدا جۇڭگودا تۇرغان. بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە گۇاڭجۇ شەھىرىدە ۋاپات بولغانلىقى سەۋەپلىك، گۇاڭجۇغا دەپنە قىلىنغان دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىسىدىكى مەلۇمات ئېنىق ئەمەس.
پارس قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغانلىقى، بىر كۈندىلا تۆت مىڭ شېھىت قۇربان بولغان «كۆۋرۈك» ئۇرۇشى، ئىراق خەلقىنىڭ ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقى ۋە توختاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن خەۋەرلەر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى-ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئاخىرى ئۇ پارس قوشۇنىغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان قوشۇنىنى باشلاپ ئۆزى يولغا چىقىشنى قارار قىلدى. شۇنداق قىلىپ مەدىنىگە ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنى خەلىپە قىلىپ قويۇپ بىر جامەئە ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتلىق ماڭدى. لېكىن ئۇ مەدىنىدىن تېخى يىراقلاپ كەتمىگەندىلا ئۇنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزىسى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشقا ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئەۋەتىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپنى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف «ئىسلام دىنى ھەل قىلغۇچى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىش توغرا ئەمەس» دېگەن ئاساستا بەردى. ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنى شۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن يىغىشقا چاقىردى، نامازدا جەم بولۇشماقچى بولۇشتى، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپمۇ چاقىرىلىپ مەدىنىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى تۇرىۋاتقان ئورۇنغا كەلدى، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىگە قايتىپ كېلىش، پارسلارغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئىچىدىن باشقا بىر قوماندان سايلاش لازىم دېگەننى قارار قىلىشتى.
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ساھابىلىرىدىن: «ئۇنداق بولسا سىلەرچە ئىراققا كىمنى ئەۋەتسەك بولار ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار جىم تۇرۇپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف: «تاپتىم» دەپ توۋلىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئۇ كىم؟» دەپ سورىۋىدى: «باتۇر يولۋاس-سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس» دەپ جاۋاب بەردى، سورۇندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلۇشتى، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى-ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتتى ۋە ئۇنى ئىراققا ئەمىر بولۇشقا ھەم قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلىشقا تەيىنلىدى.
ئۇنداقتا بۇ باتۇريولۋاس زادى كىم؟
ئۇ، ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىنچلىق سوراپ ۋە چاقچاق قىلىپ: «مانا بۇ مېنىڭ تاغامدۇر، كىمنىڭ مېنىڭكىدەك تاغىسى بار» دەپ تىنچلىق سورايدىغان بۇ كىشى زادى كىم؟ ئۇ بولسىمۇ «سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس» دۇر، بوۋىسى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنە خېنىمنىڭ تاغىسى-ئۇھەيب ئىبنى مەنناف ئىدى. ئۇ 17 ياشقا كىرىپ بالدۇرلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۆزى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ماڭا شۇنداق بىر كۈن نېسىپ بولدىكى، مەن ئىسلامنىڭ ئۈچتىن بىرى بوپتىمەن» يەنى ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئۈچىنچىسى بوپتىمەن دېمەكچى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېگانە ئاللاھ توغرىسىدا، ئۆزى خوش بېشارەت بېرىۋاتقان يېڭى دىن توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلانغان دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەرقەم» نىڭ ھويلىسىنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشقا باشلىغان ساھابىلەر ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە ئورنى قىلىشتىن بۇرۇنلا سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوڭ قولىنى سۇنۇپ بەيئەت قىلغان. تارىخ ۋە تەرجىمىھال كىتابلىرى بىزگە ئۇنىڭ ئەبۇبەكرىنىڭ قولىدا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئېھتىمال ئۇ ئوسمان ئىبنى ئەففان، زۇبەير ئىبنى ئەۋام، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ۋە تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھتىن ئىبارەت ئەبۇبەكرىنىڭ قانائەتلەندۈرۈشى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولغان بولىشى مۇمكىن. 
ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنلا يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ پەخىرلىنەلىگۈدەك دەرىجىدە نۇرغۇن پەزىلەتلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت ئىككى خىل چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسىلا كۇپايە، ئۇ بولسىمۇ: «ئاللاھ يولىدا تۇنجى بولۇپ ئوق ئاتقان ۋە ئوق ئېتىلغان، يەنە بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئۇنىڭغا: «دادام بىلەن ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، ئاتقىن، ئى سەئىد» دەپ تۇنجى بولۇپ ئاتا-ئانىسىنى پىدا قىلغان. توغرا ئۇ داۋاملىق مۇشۇ ئىككى چوڭ نېمەتنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كۈيلەيتتى ۋە خۇشاللىقىدىن ئاللاھقا شۈكرى سانا ئېيتىپ : ئاللا بىلەن قەسەمكى، مەن ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھ يولىدا تۇنجى بولۇپ ئوق ئاتقان كىشى!»دەيتتى. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەئىدتىن باشقا ھېچكىمگە ئاتا-ئانىسىنى پىدا قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. ئۇ ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنى سەئىدكە: 'دادام بىلەن ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، ئاتقىن، ئى سەئىد!' دېگەن». ئۇ ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ چەۋەندازلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باتۇرى بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئۇنىڭ نەيزىسى ۋە دۇئاسىدىن ئىبارەت ئىككى قورالى بولۇپ، ئۇرۇشتا دۈشمەنگە ئاتسا نەق تېگەتتى، ئاللاھقا دۇئا قىلسا تەخىرسىز ئىجابەت بولاتتى!! ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بۇنى ئۇ بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خۇشال قىلىدىغان ئىشنى قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئى ئاللاھ ! ئۇنىڭ ئوقىنى توغرىلاپ بەرسىلە، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلغانلىقىدىن بولغان دەپ قارايتتى. قېرىنداشلىرى ۋە ھەمراھلىرى ئارىسىدىمۇ دۇئاسى ئۆتكۈر قىلىچقا ئوخشاش دەپ تونۇلاتتى، ئۆزىمۇ بۇنى بىلىدىغان بولغاچقا بىرەرسىنىڭ زەرەرىگە دۇئا قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ تۇرۇپ ئاندىن كېيىن دۇئا قىلاتتى.
مەسلەن: ئەمىر ئىبنى سەئىدنىڭ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىشىچە سەئىد بىر ئادەمنىڭ ئەلى، تەلھە، زۇبەير قاتارلىقلارنى تىللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توسقاندا ئۇ ئادەم توختىمىغان، بۇ چاغدا سەئىد ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا سېنى قارغاپ دۇئا قىلىمەن» دېگەندە ئۇ:«سىلى ماڭا خۇددى پەيغەمبەردەك تەھدىت سېلىۋاتامدىلا ..!» دەپ كۆرەڭلىگەن. شۇنىڭ بىلەن سەئىد ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان، ئاندىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ ! سىلى بۇ ئادەمنىڭ سىلى ئىلگىرى مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرنى تىللاۋاتقانلىقىنى بىلىلا، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئۇلارنى تىللىشى سىلىنى نارازى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى خەلقى ئالەمگە بىر ئىبرەت ۋە ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىلى قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلدى. دۇئا قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ھويلىلارنىڭ بىرىدىن توسۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدىكى بىر توسۇن تۆگە چىقىپ خۇددى بىرەر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ئۇدۇل باستۇرۇپ كىرگەن، ئاندىن كېيىن ھېلقى ئادەمنىڭ يېنىغا قىستاپ بېرىپ پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ، چەيلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن!! بۇ ھادىسە بىزگە ھەممىدىن ئاۋال ئۇنىڭ روھىنىڭ ساپلىقى، ئىشەنچىسىنىڭ چىنلىقى، ئىخلاسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
توغرا ئۇنىڭ روھىي ئازاد، ئىشەنچىسى مۇستەھكەم، ئىخلاسى چوڭقۇر ئىدى. ئۇ ھەر دائىم تەقۋادارلىقنى ھالال تائام بىلەن كۈچەيتىشكە تىرىشاتتى. شۈبھىلىك ھەر قانداق تەڭگىنى قوبۇل قىلمايتتى. سەئىد ھاياتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى بايلار ۋە پۇلدارلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ۋاپات بولغاندا نۇرغۇن مىراس قالدۇردى، گەرچە باي بولۇش بىلەن مال-دۇنيانى ھالال تېپىشنىڭ تەڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭغا ھالال يولدىن كۆپ مال بەردى. ئۇ ئېلىش سەنئىتىدە ئۇستاز بولغاندەكلا، بېرىش سەنئىتىدىمۇ ئۇستاز ئىدى، يەنى ئۇنىڭ ھالال يول بىلەن بايلىق توپلاش ئىقتىدارى ئاللاھ يولىدا خەير-ئېھسان قىلىش ئىقتىدارىدىن قېلىشمايتتى. ھەججەتۇل ۋىدادا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدى، ئۇ ئاغرىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يوقلىغىلى بارغاندا ئۇ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، كۆپ مال-مۈلۈكۈم بار، ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا قىزىم مىراسخورلۇق قىلىدۇ، ئېشىپ قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلىمەنمۇ؟» دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېگەندە ئۇ: «ئۇنداقتا يېرىمىنى سەدىقە قىلىمەنمۇ؟» دەپ سورىغان، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ھەئە، ئۈچتىن بىر قىسمىمۇ خېلى كۆپ مالدۇر، شۈبھىسىزكى سېنىڭ مىراسخورلىرىڭنى باي قىلىپ قويۇشىڭ ئۇلارنى كىشىلەرگە قول تەڭلەيدىغان ھالەتتە نامراتلىقتا قالدۇرىشىڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن نېمىنى خەجلىسەڭ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەجر بېرىلىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئېغىزىغا سالغان بىر لوقما تاماق ئۈچۈنمۇ ساڭا ئەجر بېرىلىدۇ» دېگەن.
سەئىد بىر قىزىنىڭ ئاتىسى بولۇپ تۇرىۋەرمىدى، بەلكى كېيىن بىر قانچە ئوغۇل پەرزەنت رىزىقى بېرىلدى. ئۇ ئاللاھتىن قورقۇپ كۆپ يىغلايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا قىلغان ۋەز تەبلىغىنى ئاڭلىغان چېغىدا كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈلۈپ كېتەتتى. ھەتتا قۇچىقىنى توشقۇزاي دەپ قالاتتى!!  ئۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ۋە قارشى ئېلىنىشتەك ئىككى نېمەت بېرىلگەن ئادەم ئىدى:
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋېتىپ خۇددى يوشۇرۇن گەپ ئاڭلاۋاتقان ئادەمدەك كۆزىنى ئۇپۇققا تىكتى، ئاندىن كېيىن ساھابىلىرىنىڭ يۈزلىرىگە قاراپ: «ھازىر سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئادەم كېلىدۇ» دېدى. بۇچاغدا ساھابىلەر بۇ بەختلىك كىشىنى ئىزدەپ ھەر تەرەپكە قاراشقا باشلىدى، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىرىپ كەلدى..!
شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنىڭدىن بۇنداق ساۋاب ۋە خۇش بېشارەتكە نېسىپ قىلغان ئىبادەت ۋە ئەمەلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپ چىڭ تۇرىۋالدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ھەممىمىز قىلىۋاتقان ئىبادەت ۋە ئەمەلنى قىلاتتىم، لېكىن مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىرىگە ئاداۋەت ساقلىمايتتىم ۋە يامانلىق قىلمايتتىم» دېگەن ئىدى. مانا بۇ، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئېيتقان «باتۇر يولۋاس» شۇ! ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلۇغ «قادىسسىيە» كۈنىگە تاللىغان كىشى!
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئىش ئۈچۈن تاللىغاندا، ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى ئۆمەرنىڭ كۆز ئالدىدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولدى، ئاللاھدىن ياردەم تىلىسە ياردەم بېرەتتى، يېمەڭ-ئىچمەكتە تەقۋادار ئىدى، تىلىنى پاك تۇتاتتى، قەلبىنى پاك تۇتاتتى، ئۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگىنىدەك، جەننەت ئەھلىنىڭ بىرى ئىدى ھەم بەدىر ئۇرۇشى، ئۇھۇد ئۇرۇشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بارلىق ئۇرۇشلاردىكى ماھىر چەۋەنداز ئىدى. ئىمانى مۇستەھكەم ئىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئالاھىدىلكىلىرى ئىچىدە چوقۇم بولىشقا تېگىشلىق بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ ئەھمىيىتى قىممىتىنى ئەلۋەتتە بىلەتتى ۋە ئېسىدىن چىقارمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۆمەر سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن كۈنى بولغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ: ئۇ كۈنىسى ئۇنى ئاللاھ يولىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق چارە-ئاماللار مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرى ئانىسى سەئىدنىڭ روھىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى قەۋمى ۋە جەمەتىنىڭ بۇتپەرەسلىك دىنىغا قايتۇرالىشىدا ھېچ كىشى شەك قىلمايدىغان چارىنى قوللىنىپ تاكى سەئىد ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا قايتقانغا قەدەر تاماقمۇ يېمەي، سۇمۇ ئىچمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى! سۇ ئىچمەي تاماق يېمەسلىكنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ ئۆلەي دەپ قالدى. لېكىن سەئىد بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمايدۇ، دىنى ۋە ئىمانىنى ھېچ نەرسىگە، ھەتتا بۇ نەرسە ئانىسىنىڭ ھايات-ماماتلىقى بولغان تەقدىردىمۇ ھېچ نەرسىگە ساتمايدۇ. ئانىسى ئاچلىقتىن جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ئانىسىنى ئۆلۈم سەكراتى ھالىتىدە كۆرگەندە قەلبى ئېرىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە جەمەتىدىكى بەزى كىشىلەر ئۇنى ئانىسىنى بىر كۆرۈپ ۋىدالىشىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا سەئىد باردى ۋە تاشنى ئېرىتكۈدەك دەرىجىدە، ئېچىنىشلىق ھالەتنى كۆردى...! لېكىن ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان ئىمانى ھەر قانداق تاش ۋە پولاتتىنمۇ قاتتىق! ئۇ ئانىسىنىڭ يۈزىگە يۈزىنى ئاستا يېقىنلاشتۇردى-دە، ئاڭلىسۇن ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:« ئى ئانا، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز ئۆزىڭىز بىلىسىز، گەرچە يۈز جېنىڭىز بولۇپ، ھەر بىر جېنىڭىز مۇشۇنداق قىيىنىلىپ چىققان تەقدىردىمۇ مەن ھېچ نەرسىگە بۇ دىنىمنى تاشلىمايمەن، مەيلى يەڭ ياكى يېمەڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى» دېدى..! ئاخىرى ئانىسى ئىرادىسىدىن ياندى، ئاللاھ سەئىدنىڭ تۇتقان بۇ پوزىتسىيىسىنى قۇتلۇقلاپ ۋە قوللاپ ئايەت نازىل قىلدى:«ئەگەر ئاتا-ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن».
توغرا ئۇ ھەقىقىي باتۇر يولۋاس ئەمەسمۇ؟! ئۇنداقتا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا«قادىسسىيە» ئۇرۇش بايرىقىنى تۇتقۇزۇپ، ئۇنى شۇ چاغدا ئۇرۇش تېخنىكىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ ۋەھشىي كىشى قوماندانلىق قىلىۋاتقان، شۇ زاماندىكى ئەڭ ئىلغار قورال ۋە تەرسالىق بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، پىشقان يۈز مىڭ ئەسكەردىن كۆپرەك ئادەمدىن تەركىب تاپقان ھۆكۈرەۋاتقان زور پارس قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدۇرسۇن!! سەئىد قوللىرىدا پەقەت نەيزىلا بولغان، ئەمما قەلىبلىرىدە يېڭى دىننىڭ چەكسىز ئىرادىسى، ئىمان-ئېتىقادى، جانلىقلىقى ۋە ئۆلۈمگە، شېھىتلىككە بولغان چەكسىز ئىشتىياقى بولغان پەقەت 30 مىڭ ئەسكەر ئىچىدە بۇ قورقۇنچلۇق زور قوشۇنغا ھۇجۇم قىلدى!! «ئىككى قوشۇن ئۇچراشتى، ياق توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇچراشمىدى» دېگەن تۈزۈك. چۈنكى، سەئىد ئۇ يەردە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى –ئۆمەرنىڭ نەسىھەتلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەنە، ئۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ پارسنىڭ دەرۋازىسى ھېساپلىنىدىغان «قادىسسيە» گە ھۇجۇم قىلىشقا ئالدىراش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلىرى پۈتۈلگەن مەكتۇپى يېتىپ كەلدى، بۇ مەكتۇپ ئۇنىڭ قەلبىگە نۇر ۋە ھىدايەت بېغىشلىدى. بۇ مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
«ئى سەئىد، سېنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تاغىسى ۋە ھەمراھى دېگەن سۆزلەر ئاللاھقا مەغرۇرلاندۇرمىسۇن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ھېچكىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تائەت-ئىبادەتتىن باشقا نەسەب مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، كىشىلەر مەيلى يۇقىرى بولسۇن ياكى تۆۋەن بولسۇن ھەممىسى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئۇلار پەقەت شېھىتلىك ۋە تەقۋادارلىق بىلەن پەرقلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىنئامغا تائەت-ئىبادەت ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن باشلاپ ۋاپات بولۇپ كەتكەنگە قەدەر تۇتقان ئىشىنى سەنمۇ چىڭ تۇتقىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالمىغىن، چۈنكى ھەقىقىي ئىش شۇدۇر، ماڭا بارلىق ئەھۋالىڭلارنى، قانداق چۈشگەنلىكىڭلارنى، دۈشمىنىڭلارنىڭ سىلەردىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا يېزىپ، ماڭا ئەۋەتكەن مەكتۇپلىرىڭ ئارقىلىق مېنى خۇددى سىلەرگە قاراپ تۇرىۋاتقان ھالغا كەلتۈرگىن». دەرۋەقە، سەئىد مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە خەت يېزىپ ھەممە ئىشنى ئۇنىڭغا دەپ بېرىدۇ، ھەتتا ھەر بىر ئەسكەرنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى، تۇرىۋاتقان ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىچىلىك ئېيتىپ بېرەي دەپ قالىدۇ. سەئىد قادىسسىيەگە چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ چاغدا پارسلار بارلىق ئەسكەرلىرى ۋە خەلىقنى توپلاپ مىسلىسىز غايەت زور قوشۇن شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ قوشۇنغا ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ ئىقتىدارلىق قوماندانى رۇستەم رەھبەرلىك قىلىۋاتاتتى. سەئىد ئۆمەرگە دەرھال مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇنىڭغا دەرھال جاۋاب قايتۇرىدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە ئۇلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن چۆچۈپ كەتمىگىن، ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنىڭ يېنىغا ئۇنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئىلىم-ھېكمەتلىك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، يۈرەكلىك كىشىلەردىن بىر قانچىنى ئەۋەتكىن... ماڭا كۈندە مەكتۇپ يېزىپ تۇرغىن» دەيدۇ. سەئىد مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە مەكتۇپ يېزىپ رۇستەمنىڭ«سابات» دېگەن يەرگە ئەسكەر توپلىغانلىقىنى، ئاتلار، پىللار بىلەن ئۆزلىرى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۆمەر ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىدۇ ۋە تېگىشلىك كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغۇچى، ھەممە ئۇرۇش ۋە غازاتلاردىكى قىلىچى سۇنمايدىغان، نەيزىسى تېيىپ كەتمەيدىغان قەھرىمان، ھوشيار چەۋەنداز-سەئىد كۈچلۈك غورۇرى ياكى داھىيلىق كىبىرى ئۇنى ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىشكە تۈرتكە بولمىغان ھالدا تارىخىي چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە قوشۇننىڭ بېشىداخۇددى ئادەتتىكى ئەسكەردەك تۇرىدۇ. بەلكى ئۇ مەدىنىدىكى ئارىلىقى شۇنچە يىراق بولغان مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ئىلتىجا قىلىپ ئۇنىڭغا ھەر كۈنى مەكتۇپ ئەۋەتىپ گەرچە چوڭ ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا تۇرىۋاتسىمۇ، ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ مەدىنىدىكى ئۆمەرنىڭ ئۆزى يالغۇز پەتىۋا بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزى يالغۇز قارار چىقارمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ساھابىلىرىگە مەسلىھەت سالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شارائىتنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزى ۋە قوشۇنىنى، بولۇپمۇ ئالىملىرى ئارىسىدا ئىلھام بېرىلگەن ئۇلۇغ ئۆمەر بولغان چاغدا كېڭىشىنىڭ بەرىكىتىدىن مەھرۇم قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆمەرنىڭ تەۋسىيەسىنى ئىجرا قىلىپ پارسلارنىڭ قوماندانى-رۇستەمنىڭ يېنىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر جامائە كىشىلەرنى ئۇنى ئاللاھقا ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار بىلەن پارسلارنىڭ قوماندانى ئوتتۇرىدا كۆپ سۆزلىشىشلەر بولغاندىن كېيىن، ئۇلار سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىرسى:«شۈبھىسىزكى ئاللاھ بىزنى بەندىلىرى ئىچىدىكى خالىغان كىشىلەرنى بۇتپەرەسلىكتىن ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشقا، دۇنيانىڭ تارچىلىقىدىن كەڭچىلىكىگە، ھاكىملارنىڭ زالىملىقىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئىختىيار قىلدى، كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزنى قوبۇل قىلسا بىزمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا چېقىلمايمىز، كىمكى بىز بىلەن ئۇرۇشىدىكەن بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغا قەدەر ئۇرۇشىمىز» دەيدۇ.
رۇستەم :«ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسى نېمە؟» دەپ سورايدۇ، ھېلىقى ساھابە «شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن جەننەت، تىرىكلىرىمىز ئۈچۈن غەلبە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەئىدنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ. شۇ كۈنلىرى ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىنى يارا قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا ۋەھشىيانە ئۇرۇش قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئورنىدا ئولتۇرالمايدىغان بولغاچقا ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق يۈز بەرگەن بولۇشىنى ياكى ئازراق كېيىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى!! ئەگەر ئۇرۇش ئۇ كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن بولغان بولسا ياكى ئۇ كېسەلدىن ساقايغۇچە كېچىككەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا زور كۈچ چىقارغان بولاتتى. لېكىن ھازىر ... ياق، ياق، ياق، «ئەگەر» دېسەك بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ «ئەگەر» دەپ ھەسرەتلەنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى «ئەگەر» دېگەن بۇ سۆز ئاجىزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، كۈچلۈك مۆمىن ئۈچۈن ھامان چارە تېپىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئاجىز كېلىپ قالمايدۇ!! شۇ چاغدا بۇ «باتۇر يولۋاس» قوشۇننىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرۇپ: «بىز لەۋھۇل مەھپۇزدا (ئەزەلدىن) يازغاندىن كېيىن، «داۋۇدقا نازىل قىلىنغان» زەبۇردا زېمىنغا (يەنى جەننەت زېمىنىغا) ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق» دېگەن ئۇلۇغ ئايەت بىلەن سۆزىنى باشلاپ ۋەز تەبلىغ قىلدى، ۋەز-تەبلىغ تۈگىگەندىن كېيىن قوشۇنغا پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن كېيىن ئەسكەرلەرگە ئالدىنى قىلىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر...(ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈك)، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆت قېتىم تەكبىر ئوقۇدى. پۈتۈن دۇنيا تەكبىر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوخشاش سادا ياڭرىتىپ ئىلتىجا قىلدى، ئۇ قولىنى ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاش سوزۇپ دۈشمەن تەرەپكە ئىشارەت قىلدى ۋە ئەسكەرلەرگە ۋارقىراپ: «ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئاتلىنىڭلار!» دېدى. ئازاپلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن ھالدا كۈچەپ ئىلگىرى ئۆزى داۋاملىق شۇ يەردە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدىغان مەركىزى- ھويلىسىنىڭ پېشايۋىنىغا چىقتى-دە، شۇ يەردە تەكيىگە يۆلىنىپ ئولتۇردى، ھويلىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى، پارسلار ئۇنىڭ ھويلىسىغا ئازراق ھۇجۇم قىلسىلا ئۇنى تىرىك ياكى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرەلەيتتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايتتى.
ئۇنىڭ يارىلىرى يامانلىشىپ قاناپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي پېشايۋادا تۇرۇپ تەكبىر ئوقۇيتتى، توۋلايتتى، بىردە ئۇلارغا: «ئوڭ تەرەپكە ئىلگىرلەڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلسا، بىردە ئۇلارغا :«سول تەرەپتىكى يوچۇقلارنى ئېتىڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرەتتى. ئۇ ئىرادە ۋە ئۈمىدكە تولغان ئاۋازى بىلەن ھەر بىر ئەسكەرنى مۇستەقىل بىر قوشۇنغا ئايلاندۇرۇۋېتەتتى: «ئى جەرىر، كەينىڭلارغا قاراڭلار، نۇئمان ئۇرغىن، ئەشئەس ھۇجۇم قىل، ئى قەئىقا سەن... ئى مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرى ئالغا ئىلگىرلەڭلار!!». پارس ئەسكەرلىرى خۇددى قانىتىدىن ئايرىلغان چىۋىندەك تۆكۈلۈپ چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇتپەرەسلىك ۋە ئوتپەرەسلىكمۇ تەڭ غۇلاپ چۈشتى!! ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولغان ئەسكەرلىرى قوماندانى ۋە خىل ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نەلەرگىدۇر قېچىپ كېتىشتى، مۇسۇلمان قوشۇنى ئۇلارنى «نىھاۋەند» غىچە، ئاندىن كېيىن «مەدائىن» غىچە قوغلاپ باردى، ئۇلار كىسرانىڭ سارىيى بىلەن تاجىنى ئولجا قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كەلدى...!! «مەدائىن» ئۇرۇشىدا سەئىد ئېغىر مۇسىبەتكە ئۇچرىدى، بۇ ئۇرۇش «قادىسسىيە» ئۇرۇشىدىن تەخمىنەن ئىككى يىل كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلار بىلەن پارسلار ئوتتۇرىسىدا كۆپ تىركىشىشلەر بولغان، نەتىجىدە پۈتۈن پارس ئەسكەرلىرى «مەدائىن» نىڭ ئۆزىگە توپلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئېلىشىشقا تەييارلىق قىلغان.
سەئىد ۋەزىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە قولايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە بۇ ئالاھىدىلىكنى ئۇلاردىن تارتىۋالماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن «مەدائىن» ئوتتۇرىسىدا كەلكۈن ۋە تاشقىن مەزگىلىدىكى «دەجلە» دەرياسى تۇرسا، نەدىمۇ ئۇنداق قىلغىلى بولسۇن؟! مۇشۇ يەردە سەئىد ئۆزىنىڭ خۇددى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف دېگەندەك «باتۇر يولۋاس» ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ئىسپاتلىدى!! شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئىمانى ۋە پىلانلاش ئىقتىدارى مۈشكىلاتنى ئاسانلىققا ئايلاندۇرالايدۇ!! شۇنداق سەئىد ئەسكەرلەرگە «دەجلە» دەرياسىدىن ئۆتۈشكە بۇيرۇپ، ئاۋال ئۆتۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بىر تېيىز يەرنى ئىزدەشنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلار ئاخىرىدا ئۆتكەندە خەتەردىن خالىي بولمىغان بىر يەرنى تېپىشتى. ئەسكەرلەر ئەمىلى ئۆتۈشتىن بۇرۇن سەئىد ئەتراپنى دۈشمەنلەر قورشاپ تۇرىۋاتقان قارشى قىرغاقتا خاتىرجەم بىر ئورۇن ھازىرلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتى-دە، ئىككى بۆلۈك ئەسكەر ھازىرلىدى. بىرىنچى بۆلەككە «خەتەرگە بېسىپ كىرگۈچى» دەپ نام قويۇپ ئاسىم ئىبنى ئەمىرنى قوماندان قىلىپ قويدى، ئىككىنچى بۆلەككە «گەپ قىلماس» دەپ نام قويۇپ قەئىقا ئىبنى ئەمىرنى قوماندان قىلدى، بۇ ئىككى بۆلەك ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ دەريادىن ئۆتۈۋاتقان ئەسكەرلەرگە دەريانىڭ قارشى تەرىپىدە خاتىرجەم ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئىدى، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئورۇندىدى. سەئىدنىڭ شۇ كۈنىدىكى پىلانى تارىخچىلار ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە، ھەتتا ئۆزىنىمۇ ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە، ئۇنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى خوشاللىقتىن: «شۈبھىسىزكى ئىسلام يېڭىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، خۇددى ئۇلارغا قۇرۇقلۇق بويسۇندۇرۇلغاندەك دېڭىزمۇ بويسۇندۇرۇلدى، سەلماننىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇلار دەرياغا گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ كىرگىنىدەك يەنە ئەلۋەتتە گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ چىقىدۇ» دەپ چاۋاك چېلىپ كەتكەن ھەمراھى ۋە دوستى سەلمانۇل فارىسىينى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. دەرۋەقە، خۇددى سەلمان ئېيتقاندەك، ئۇلار خۇددى دەجلە دەرياسىغا گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ، قىستىلىشىپ بەس-بەس بىلەن كىرگەندەك يەنە گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ چىقتى، بىرەر ئەسكەرمۇ چىقىم بولمىدى. ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ پىيالىسى چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ھەمراھلىرى ئىچىدە نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ سەپداشلىرىنى ياردەملىشىپ ئىزدىشىپ بېرىشكە چاقىردى، ئېگىز دولقۇن ئۇرۇپ بىر چەتكە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن بىرەيلەن ئۇنى تۇتىۋالدى. تارىخ رىۋايەتلىرىنىڭ بىرى بىزگە ئۇلارنىڭ دەجلە دەرياسىدىن ئۆتكەندىكى ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ :«سەئىد مۇسۇلمانلارنى «ئاللاھ ھەممە ئىشىمىزغا كۇپايە، ئىشلىرىمىزنى ئالللاھقا تاپشۇرغىنىمىز بەك ياخشى» دېيىشكە بۇيرۇپ ئېتىنى دەرياغا سالدى، كىشىلەرمۇ ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ھېچكىم ئارقىدا قالمىدى، ئۇلار خۇددى يەر يۈزىدە ماڭغاندەك مېڭىۋاتاتتى، دەريانى چىپ توشقۇزغان ئىدى، ئاتلىقلار ۋە پىيادىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن سۇ يۈزى كۆرۈنمەي قالغان ئىدى، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى، قوللايدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، خۇددى قۇرۇقلۇقتا كېتىۋاتقاندەك بىر-بىرى بىلەن خاتىرجەم پاراڭلاشقان ھالدا كېتىۋاتاتتى»..!!
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب سەئىدنى ئىراققا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەندىن باشلاپلا، كىشىلەرگە ئۆي-ئىمارەت سېلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشقا، ھەر قايسى شەھەرلەردە ئىسلام ھۇللىرىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىشقا تىرىشتى. بىر كۈنى جىددىيلەشكەن، تەرسا خاراكتېرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كۇفە خەلقى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە «سەئىد نامازنى ياخشى ئوقۇيالمايدىكەن» دېگەندەك كۈلكىلىك شىكايەتنى قىلدى!! سەئىد بۇنى ئاڭلاپ ئېغىزى توشقۇچە كۈلۈپ كەتتى-دە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇلارغا نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇپ بېرىۋاتىمەن، دەسلەپكى ئىككى رەكئەتتە، قىسقىراق قىلىمەن» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇنى مەدىنىگە چاقىرىدۇ. ئۇ ئاچچىقلانماي دەرھال بارىدۇ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆمەر ئۇنى كۇفەگە قايتۇرۋەتمەكچى بولغاندا سەئىد كۈلۈپ كېتىپ: «مېنى نامازنى ياخشى ئوقۇيالمايدىكەن دەپ قارايدىغان خەلقنىڭ يەنە بېرىشقا بۇيرۇملا..؟» دەيدۇ ۋە مەدىنىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە رازى قىلسۇن» ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، يېڭى خەلىپە بەلگىلەشتە نامزات بولىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئالتە ئادەمنى تاللىغان ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن رازى بولغان ھالدا ئالەمدىن كەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسمۇ بار ئىدى.
ئۆمەرنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىدىن ئەگەر ئۇ ساھابىلەردىن بىرەرسىنى خەلىپىلىككە تاللىسا ئەلۋەتتە سەئىدنى تاللايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ ساھابىلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ ۋە ۋىدالىشىپ :«خەلىپىلىكنى سەئىد ئۈستىگە ئالسا تېخى ياش، ناۋادا باشقىلار ئۈستىگە ئالسا سەئىدتىن ياردەم سورىسۇن» دېگەن. سەئىد ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ «چوڭ پىتنە-پاسات» نىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ پىتنە –پاساتقا ئارىلاشمايدۇ، بەلكى ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ئۆزىگە پىتنە-پاسات توغرىسىدىكى ھېچقانداق خەۋەرنى يەتكۈزمەسلىككە بۇيرۇيدۇ. بىر كۈنىسى پۈتۈن كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ، قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھاشىم ئىبنى ئەتەبە ئۇنىڭغا :«ئى تاغا، مانا بۇ يەردە 100 قىلىچ تۇرۇپتۇ، كىشىلەر سىزنى بۇ ئىشتا قولىغا قىلىچ ئالغىنى ياخشى دېيىشىۋاتىدۇ» دەيدۇ، سەئىد جاۋاب بېرىپ :«مەن بۇ قىلىچ ئىچىدىن مۆمىننى ئۇرسام ھېچقانداق قىلمايدىغان، كاپىرنى ئۇرسام كېسىپ تاشلايدىغان قىلىچ ئالىمەن» دەيدۇ. قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ.
ئىشلار مۇئاۋىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ باشقۇرۇش ئورنىغا ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئۇ سەئىدتىن :«نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە جەڭ قىلمايدىلا؟» دەپ سورايدۇ، سەئىد :«مەن بىر قارا بورانغا دۇچ كەلدىم-دە، ئالەم يورۇغىچە تۆگەمنى چۆكۈرۈپ ساقلاپ تۇردۇم» دەيدۇ. بۇ چاغدا مۇئاۋىيە :«ئاللاھ، ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە قايتقانغا قەدەر«يەنى تاجاۋۇزنى توختاتقانغا قەدەر» ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» دېگەن، لېكىن سىلى تاجاۋۇز قىلغۇچى گۇرۇھ بىلەن ئادالەت قىلغۇچى گۇرۇھقا ياكى ئادالەت قىلغۇچى گۇرۇھ بىلەن تاجاۋۇز قىلغۇچى گۇرۇھقا قارشى ئۇرۇش قىلمىدىلا» دېدى. سەئىد بۇ چاغدا :«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا«سىلى ماڭا نىسبەتەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەتەن ھارۇنغا ئوخشايدىلا، بىرلا پەرقى شۇكى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ» دېگەن ئادەم يەنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ بىلەن ئۇرۇشمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ھىجرىيە 54-يىلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىر كۈنىدە يېشى 80 ياشتىن ئاشقان سەئىد « ئەقيق» تىكى ھويلىدا ئاللاھ بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ! ئوغلى ئۇنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى بىزگە رىۋايەت قىلىپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ :«دادامنىڭ بېشى قۇچىقىمدا بولۇپ، ھەرەج تارتىۋاتاتتى. مەن كۆز يېشى قىلدىم، دادام :«ئوغلۇم نېمىشقا يىغلايسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنى مەڭگۈ ئازاپلىمايدۇ، چۈنكى مەن جەننەت ئەھلىدىندۇرمەن» دېدى. ئۆلۈمنىڭ قورقۇنچىسى ۋە ئۇنىڭ سۈرى ئىماننىڭ قاتتىقلىقىنى يۇمشىتالمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا خوش بېشارەت بەرگەن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چىن ئىشىنىدىغان تۇرسا ئۆلۈمدىن نېمىشقا قورقسۇن؟! «شۈبھىسىزكى ئاللاھ مېنى ئەبەدىي ئازاپلىمايدۇ، چۈنكى مەن جەننەت ئەھلىدىن». لېكىن ئۇ دىنى ۋە پەيغەمبىرىگە ئۇلاشتۇرغان ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئاجايىپ يادىكارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ئاندىن ئاللاھ بىلەن مۇلاقات بولماقچى... شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشكاپنى كۆرسىتىۋىدى، ئۇلار ئىشكاپنى ئېچىپ ئېچىدىن كونىراپ چىرىپ كەتكەن قەدىمىي بىر توننى چىقاردى، ئاندىن ئۇ ئائىلىسىگە ئۆزىنى شۇنىڭ بىلەن كېپەنلەشنى تەۋسىيە قىلىپ :«مەن «بەدىر» ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئاشۇ تون بىلەن مۇشرىكلارغا تاقابىل تۇرغان ئىدىم... مەن ئۇنى بۈگۈنكى كۈن ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئىدىم» دېدى...!
توغرا، كونىراپ كەتكەن بۇ كىيىم پەقەت كىيىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ، بۈيۈك بىر شەخىسنىڭ ئىمان-ئېتىقادى، چىن ئىخلاسمەنلىك ۋە قەيسەر-باتۇرلۇققا تولغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇلۇغۋار ھاياتنىڭ ئۈستىدە جەۋلان قىلىۋاتقان بايراقتۇر!! مۇھاجىرلار ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان بىر زاتنىڭ جىسمى ئاللاھ تەرىپىگە بالدۇر سەپەر قىلىپ جاپاكەش تەنلىرى مەدىنىنىڭ پاك زېمىنىدىن ئورۇن ئالغان پاك، ئۇلۇغ بىر جامائە ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا خاتىرجەم ئورۇنلىشىۋېلىش ئۈچۈن، بىر مۇنچە ئەرلەرنىڭ مۈرىلىرىدە مەدىنىگە ئېلىپ مېڭىلدى...
ئەلۋىدا، ئى سەئىد...!!
ئەلۋىدا، ئى «قادىسسىيە» قەھرىمانى، «مەدائىن» نى ئازاد قىلغۇچى، پارستىكى ئىبادەت قىلىنغان ئوتنى مەڭگۈگە ئۆچۈرگۈچى...!!

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 655 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-03