ئاجارىيە(گىرۇزىيە)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاجارىيە(گىرۇزىيە)

ئاجارىيە - ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن گىرۇزىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان زىمىن بولۇپ، 1878-يىلى روسىيە ئىمپىرىيىسى تۈركىيەنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان، 1921-يىلى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلۇپ گرۇزىيىگە قوشۇلغان. ئاجارىيەنىڭ كۆلىمى 3000كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى376مىڭ بولۇپ،150مىڭ نوپۇسى بار پايتەختى باتۇمى قارا دېڭىز بويىچە ئەڭ ياخشى تەبىئى پورتلارنىڭ بىرى. جۇمھۇرىيەتتە ئاجارلار(مۇسۇلمان گىورگىيىانلار) نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى، گىورگىيانلار 20%دىن كۆپرەكىنى، رۇسلار 15% ئىىگەللەيدۇ. 1991-يىلى گىئورگىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئاجارىيە پىرىزدىنتى ئارسلان ئاباشىدزى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈركىيە بىلەن چېگرالىنىشتەك سىتراتىگىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئىزچىل ئاجارىيەنىڭ نىسپى مۇستەقىللىغىنى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە بىلەن گىورگىيە ئارىسىدا ئىقتىسادى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇردى. ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ شىۋاردنادزى گىئورگىيە پىرىزدېنتى بولغاندىن كېيىن نامدا ئېتىراپ قىلىپ ئەمەلىيەتتە يەنىلا مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى.

2004-يىلى ساكاشىۋىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئارسلان ئاباشىدزى شاۋاردنادزىغا سادىق بولۇشنى باھانە قىلىپ گىورگىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشتى ھەتتا ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى چېگرىغا توپلىنىپ، ئۇرۇش قاش-كىرپىك ئارىلىقىدا قالدى، تۈركىيەدىن قورال ياراق سېتىۋېلىپ ئۇرۇش ئېلىپ بارماقچى بولغان ئارسلان ئاباشىدزى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭلا ئەمەس روسىيەنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن بېسىم ئاستىدا ئاجارىيەدىن تېنچ ئايرىلىپ موسكۋادا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
    گىروزىيە ئارمىيىسى ئاجارىيەگە كىرىپ ئورۇنلاشتى. ھازىر ئاجارىيە نامدا ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولسىمۇ لېكىن ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتلىك فونكىسىيىسى تېخى قۇرۇلماي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتىدۇ.
1991-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئارىلىقتىكى ئاجارىيە بايرىقى ۋە گىرىبى:
   2004  يىلىدىن كېيىنكى ئاجارىيەنىڭ ھوقۇقى يەنە زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىلىپ بايرىقى ئالماشتۇرۇلدى، يېڭى ئاجارىيە بايرىقى :
ئاجارىيەنىڭ يېڭى گىرىبى :

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 13:24:10]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 766 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01