ئابدۇلمەجىد زىندانى


 ئابدۇلمەجىد زىندانى ئابدۇلمەجىد زىندانى

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ۋە يەمەندىكى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلمەجىد زىندانى، 40-يىللارنىڭ بېشىدا يەمەننىڭ بۇدان رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. زىندانى بالىلىقىدىن باشلاپ ئىسلام ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، كېيىن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە باردى، زىندانى قاھىرەدە بىر تەرەپتىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرىدىن دەرس ئۆگەنگەچ يەنە بىر تەرەپتىن دورىگەرلىك فاكۇلتىتىدا ئوقۇدى. زىندانى قاھىرەدە تۇرغان مەزگىللەردە "ئىخۋان ھەرىكىتى"نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئىخۋاننىڭ چۈشەنچە ۋە مېتودىنى ئاساس قىلغان ئىدى. زىندانىنىڭ ئىخۋان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىقلانغاندا مىسىر ھۆكۈمىتى زىندانىنى قولغا ئالدى. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن زىندانى مىسىر سىرتىغا چىقىرۋېتىلدى. ئابدۇلمەجىد زىندانى يەمەنگە قايتقاندىن كېيىن ئىخۋاننىڭ يەمەن تارمىقىنى شەكىللەندۈرگەن  ۋە روسلار ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئافغانىستانغا بېرىپ روسلارغا قارشى جىھاد قىلغان. زىندانى كېيىن يەنە يەمەنگە قايتىپ كېلىپ يەمەندىكى مەشھۇر "ئىمان ئۇنىۋېرسىتېتى"نى قۇرغان. زىندانى يەنە غەربلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن دائىم ئىلمى مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈپ، بۇ تەتقىقاتچىلاردىن بەزىلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا سەۋەب بولدى. زىندانى بىر قانچە ئىلمى ساھەلەرگە تۇتۇش قىلىپ، خۇسۇسەن مېدىتسىنا، گېئولوگىيە، دېڭىز ئىلمى، بىئولوگىيە، كوردىنات ئىلملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىش قىلىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ. ھازىر ئىمان ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يەمەنلىك ئالىم ئابدۇلمەجىد زىندانى، يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشىلەر تىزىملىكىدە ئورۇن ئالماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا زىندانىنىڭ دۇنيادىكى جىھاد ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىدۇر. ھەتتا ئامېرىكا زىندانىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بېرى زىندانى يەمەننىڭ سىرتىغا چىقالمىدى. زىندانىنىڭ " ئەل-ئىمان"، " تەۋھىد" ،"قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەر" ناملىق ئەسەرلىرى تۈركچە قاتارلىق بىر قانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 16

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 795 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-03