ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺯﯙﮬﯩﺮﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﺷﺎﮬ

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر «تارىخى رەشىدى»» نىڭ يازغۇچىسى مىرزە ھەيدەر كۆرەگان بىلەن بىر نەۋرە. چۇنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم، سۇلتان سەئىدىخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەخمەتخان، مىزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خوپنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇسخاننىڭ ئەۋلاتلىرى ) بولغان، ئاقساق تۆمۇر ئەۋلادىدىن ئۇلۇغ« بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىمپىراتۇر، ئىمانى كامىل مۇسۇلمان سەركەردە، دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىپ چىققان پادىشاھ مۇھەممەت زۆھۇرىددىن بابۇر 1483-يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ فەرغانە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن.
13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتايخاننىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تۈركى قەۋىمدىن بولغان تۆمۇرلەڭ بۇ رايونلاردىمۇ ئارمىيە تەشكىللەپ «تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى» نى قۇردى. بابۇر تۇمۇرلەڭنىڭ 6-نەۋرىسى ئىدى. 1494-يىلى ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن بابۇر پەرغانە پادىشاھى بولۇپ قالدى. بۇ ۋاقىت دەل پارچىلانغان تۇمۇرىلەر سۇلالىسىنىڭ مىرزىلىرى ئۆزلىرى ئىگەللەپ تۇرغان زېمىنلاردا ئۆزلىرىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز-ئارا زېمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان، شۇنداقلا چاغاتاي نەسلىدىن بولغان خانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زېمىن كېڭەيتىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۇندىن-كۇنگە زورىيىپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بۇ زېمىنلارغا چاڭ سېلىۋاتقان دەۋىر ئىدى. 
كىچىكىدىنلا ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر، بىلىمگە ھېرىسمەن، سۆزگە ئۇستا بابۇر تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا پەرغانە ۋىلايىتىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ 1501- يىلى پەرغانىدىن ئاتلىنىپ سەمەرقەنىدنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى قېتىملىق جەڭدە ياردەمسىز قىلىپ شەيبانىخاننىڭ كۇچلۇك ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمەي بۇ رايوندىن چېكىنىپ 1504-يىلى كابول ( ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى ) ۋە غەزنىنى ئىشخال قىلدى. كابولنى ئىشغال قىلغان چاغدا 20 ياشقا كىرگەن تۇرقىدىن باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش شاھزادە بابۇر كابۇلنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ قوشۇنىنى بارغانسېرى زورايتتى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنى قانداق كېڭەيتىش توغرىسىدا چوت سوقۇشقا باشلايدۇ. 
ئۇ 1506-يىلى ھىراتقا بېرىپ خۇراسان مىرزىلىرى بىلەن شايبانىخانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، لېكىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. 1511-يىلى ئىسمايىل شاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارا، سەمەرقەنىد، تاشكەند قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئۆزبېكلەرنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك 1513-يىل كابۇلغا چېكىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىندىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن بابۇر ھىندىستانغا يۇرۇش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. 1519-يىلىدىن باشلاپ بىرقانچە قېتىم لەشكەر تارتىپ ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى بىرقانچە شەھەرنى ئىگەللەيدۇ. 1526-يىلى ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئاران 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن پەنپەتتە ئىبرايىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ( ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق جەڭ پىللىرى بار ) بىلەن جەڭ قىلىدۇ . مانا مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەسكەر ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بابۇر ئاۋال پەنپەت قەلئەسىنى ئىگەللەپ ئەسكەرلىرىنى قەلئە يېنىدىكى خەندەكلەرگە ۋە ئورمانلىققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بولسا ئوغۇر توپ بېكىتىلگەن 700 گە يېقىن ھارۋا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئىبرايىم لەشكەرلىرى ۋە پىللىرى ھەممىنى يوق قىلىۋىتىدىغان ئەلپازى بىلەن قۇيۇندەك ھۇجۇمغا ئېتىلىپ كېلىشى بىلەن بابۇر 700 توپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سېلىپ ئوق ئۈزىدۇ. جەڭ مەيدانى ئىس-تۇتەكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ. ئىبرايىمنىڭ مىڭدىن ئوشۇق پىلى ئوپۇر-توپۇر بولۇشۇپ تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بابۇرنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۇشمەننى مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە قورشىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل قاتتىق جەڭدىن كېيىن ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىبرايىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى بىتچىت بولىدۇ، ئىبرايىممۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلىدۇ. 1529-يىلىدىكى بىرقانچە قېتىملىق جەڭدىن كېيىن پۈتۈن ھىندىستان ( ھازىرقى پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالىدۇ. 1526-يىلى دېھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەردە ئۆز نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇشى بىلەن بۇ كەڭ زېمىندا 1761-يىلىغىچە ھۆكۇم سۈرۈپ تارىختا «بابۇرىيلەر سۇلالىسى» دەپ ئاتالغان ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 461 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-23