نەمەت خەلپەت


نەمەت خەلپەت
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر نامايەندىلىرى ۋە كېيىنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈچى ھەر قايسى مۇنەۋۋەر شائىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇناسىپ بولغان دېموكراتىك شائىر نەمەت خەلپەت (كەمى)، شىنجاڭدا مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇم كۈچىيىپ، فىئوداللىق خانلىق تۈزۈمى ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن، چىڭ خاندانلىقى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل دىيارنى ئۆزىنىڭ كاللا كېسەر مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىپ، ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قولىنى بىر-بىرىنىڭ ياقىسىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغدا، 1888-يىلى ھازىرقى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن رايونىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. شائىر نەمەت خەلپەت ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن، لۈكچۈندىكى بەگلىك مەدىرىستە ئەلا دەرىجە بىلەن ئوقۇپ، 20 يېشىدىلا ئوقۇغان مەدىرىستە خەلپەت (ئوقۇتقۇچى) بولغان، ئۇنىڭغا خەلپەت دېگەن نام شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سىڭگەنىدى.

نەمەت خەلپەت كىچىگىدىنلا زېرەك، تىرىشچان ۋە ئىشچان بولۇپ، ئوقۇش دەۋرىدىن باشلاپلا پارس، ئەرەپ ۋە تۈركىي تىللىرىنى خېلىلا پىششىق ئۆگىنىدۇ، جۈملىدىن ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، پەيلاسوپ شەيخ سەئىدى، ئۆمەر ھەييامى، ناۋايى، غۇجاھاپىز شىرازى ۋە سۇفى ئاللا يار قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىدۇ. شائىر نەمەت خەلپەت بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن جامائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ جامائەتكە ئارىلىشىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش مەكتىپى بولىدۇ. ئۇ، مۇستەبت سىياسەت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئاپەتلىك يىللاردىكى مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمدىن ئىبارەت قوش زۇلۇم ئاستىدا جەبرى زۇلۇم چېكىۋاتقان جاپاكەش خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، زالىم ئەمەلدارلار، ۋاڭ- غۇجاملار ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ ئەيشى-ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىدىن، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلىكى، زالىملىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، نەتىجىدە ئىجتىمائىي ھايات ۋە جەمئىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلايدۇ. تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىك كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئەينى زامان ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى، ئۇنىڭدا جەبرى- زۇلۇمغا قارشى غايىۋى ھېسىيات، ئازادلىق-ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئارزۇسىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئېزىلگۈچى ئەمگەكچى خەلققە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۇرغۇپ تاشىدۇ. ئاخىرى ئۇ ئازادلىق ۋە دېموكراتىيە يولىدا ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلەمنى قورال قىلىپ، زالىم ئەمەلدارلار، جاھىل روھانىيلارنى پاش قىلىپ، كونىلىق، مۇستەبىتلىك، خۇراپىي نادانلىق ۋە تەقدىرچىلىكنى سۆكىدىغان كۆپلىگەن شېئىر، قوشاق، لەتىپىلەرنى يېزىپ خەلقنى ئويغىتىدۇ. 1912-يىلى ئېلىپ بېرىلغان تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى نەمەت خەلپەتكە ناھايىتى زور ئىلھام بولىدۇ. ئۇ دەرھال قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئارزۇسىدا تۇرپاننىڭ مۇرتۇق يېزىسىغا كۆچۈپ كېلىدۇ، ئارقىدىنلا (1913- يىلى) قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ غەلبىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە دېموكراتىيىگە بولغان چەكسىز تەشنالىقىنى نامايەن قىلىدۇ.

بۇ چاغدا نەمەت خەلپەت «بارىكاللا» دېگەن شېئىرى داستانىنى يېزىپ، ئېزىلگۈچى دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭىنى مەدھىيلەيدۇ، زالىم ئىستىبداتلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ «بارىكاللا» داستانى، ھەر قايسى جايلاردىكى توي-تۆكۈن بەزمىسى ۋە مەشرەپلەردە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يادىلىنىدۇ.

1913- يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ياڭ زىڭشىن، تۆمۈر خەلىپە بىلەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۆيدىن ئاخۇنۇم قاتارلىقلارنى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلگەن تۆمۈر خەلىپە قوزغىلاڭچىلىرىنى ئېچىنىشلىق باستۇرىدۇ. بۇ خەۋەر جايلارغا يەتكەندىن كېيىن شائىر نەمەت خەلپەت «پۇشايمان»، «ھەسرەت» ناملىق شېئىرلىرىنى يېزىش بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن قوزغىلاڭچىلارغا تەزىيە ۋە مەدھىيە ئوقۇيدۇ، ئىنقىلابى خەلقنىڭ بۇ خىل ئاچچىق ساۋاقنى ئېسىدە تۇتۇپ، داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىشىنى دالالەت قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە 1907- يىلدىكى قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ رەجەپ (راجى) ئاكا باشچىلىقىدا ئېلىپ بارغان مەشھۇر «تۇرپاقلار» قوزغىلىڭىدىن 1913- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغىچە بولغان جەرياندىكى قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ ئاسارەتلىك كۈنلىرى، جەۋرى-زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى ھەم تۇرپاندا ئەمەت تاماق بىلەن مويدىن خەلىپە باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئاخىرقى مەغلۇبىيەت ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى تارىخىي داستانىنى① يازىدۇ. ئۇنىڭ داستانى ناھايىتى تېز خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، تۇرپاننىڭ مەشھۇر ئەلنەغمىچىلىرىدىن نۇرۇل ئاكا، بۇرھان بەدىزامان قاتارلىقلارنىڭ ئەلنەغمە غەزەللىرىگە ئايلىنىدۇ. نەمەت خەلپەت ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى كۆرۈپ، خەلق شائىرلىرى ۋە ئاممىدىن سەمىمىي ئۆگىنىدۇ. ئۇ ئۆگىنىش جەريانىدا، 1920- يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئابدۇخالىقنىڭ ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دەپ تەخەللۇس قويغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولۇپ، ئىسمى- جىسمىڭغا لايىق قويۇلغان ئىسىم دەپ مەدھىيە شېئىر يازىدۇ. ئۇ، شۇندىن باشلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بېرىش- كېلىش قىلىپ، قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. كېيىنچە نەمەت خەلپەتنىڭ شېئىر- قوشاق ۋە ھەجىۋىلىرى بىۋاستە ۋاڭ ئوردىسىغا قارىتىلىدۇ. ئۇنىڭ «ئوغۇچىلاردىن نو چىقتى، لۈكچۈن قۇۋىقىدىن غو چىقتى» دېگەن ھەجىۋىسى «چوڭ پاشا» دەپ ئاتالغان لۈكچۈن ۋاڭى مۇھەممەت سايىت ئوردىسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان ۋاڭ ئامالسىز قىلىپ، نەمەت خەلپەتنى ۋاڭ ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئوردا «قىزىقچىسى» قىلىپ ئۆزى بىلەن تۇرغۇزىدۇ. بۇ پۇرسەت نەمەت خەلپەتنىڭ ۋاڭ ئوردىسىدىكى رەزىللىكنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىۋىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ يۇمۇرلىرى «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» دېگەن مەنا بىلەن ئۆتكەن- كەچكەننى مەسخىرە قىلغان بولۇپ ۋاڭنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر سۆزمەنلىكى بىلەن كۆپ ئىشلاردا ۋاڭغا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇنى قايىل قىلىپ، كەمبەغەللەر ئۈستىدىكى ئالۋان- ياساق ۋە ئازاپلارنى ئازايتىدۇ. كېيىن، ياش شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن روسىيە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ۋە سوۋىت خەلقىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا ئائىت كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ ھەم شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىدىكى دىنى تەسەۋۇپتىن رېئالىزملىق ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتى ئۇسلۇبىغا كۆچىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تاكى مەرھۇم شائىر 1933- يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگىچە داۋاملىشىدۇ، نەمەت خەلپەت مۇشۇ جەرياندا يەنە تۇرپاندىكى تەرەققىيپەرۋەر مەرىپەتچى مەخسۇت مۇھىتى بىلەنمۇ تونىشىدۇ، ئۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا، مەخسۇت مۇھىتى نەمەت خەلپەتنى ھەقىقىي بىلىم ئىگىسى ۋە ئەقىلدار، دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرپان ناھىيىسىدىكى قوراللىق ھەرىكەتلىرىگە ۋە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ سەركەردىسى خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ مەخسۇت مۇھىتىنىڭ (تۇرپان) ۋەكىلى بولۇپ، قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. مەخمۇت مۇھىتىغا (مامۇت سىلىڭغا) مەسلىھەتچى بولىدۇ. نەمەت خەلپەت بىر قېتىملىق سۆھبەتتە (يەتتە قۇدۇقتا غوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا بولۇپ، ماخۇسەن گەپ- سۆزسىزلا قۇمۇلغا چېكىنگەچكە، خوجىنىياز ھاجىم قىسىملىرى يالغۇز قالىدۇ ۋە شىڭ شىسەي قىسىملىرىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، نەمەت خەلپەتمۇ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىللە چېكىنىدۇ (بۇ چاغدا مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرى قارا شەھەر ئەتراپىدا ئىدى). شۇندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مەسئۇل كاتىپ ۋە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. خوجىنىياز ھاجىم گۇچۇڭدىن قوزغىلىش ئالدىدا، شىڭ شىسەي ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، غوجىنىياز ھاجىمغا مەسلىھەتچى بولىدۇ ۋە سۆھبەت خاتىرىسى بىلەن شىڭ شىسەيگە ئەۋەتىدىغان جاۋاب خەتنى يازىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ كونا مەسلىھەتچىسى نەمەت خەلپەتنى خوجىنىياز ھاجىمدىن سوراپ قەشقەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، نەمەت خەلپەت قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ دىۋىزىيە قۇرۇش ئىشىغا زور ياردەمدە بولىدۇ ۋە دىۋىزىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. غوجىنىياز ھاجىم ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن كېيىن، شىڭ شىسەي ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى يالغۇز قالدۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر بۆلۈم قابىل كىشىلەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. شىڭ شىسەي شۇلار قاتارىدا يەنە نەمەت خەلپەتنىمۇ ئۆلكىلىك بانكىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. ئەمما نەمەت خەلپەت ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردە بولغان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ئومۇمەن شېئىرى ئىجادىيىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ، كونا شېئىرلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق 14 جىلىت ئەسەر توپلايدۇ. بىر بۆلۈم شېئىرلىرى 1935- يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنىدۇ. 1936-يىلى 18-فېۋرال «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «جاھانگىرلىككە قارشى» ناملىق شېئىرى مۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە يېڭى تۇرمۇش قاراشلىرى، خەلقنىڭ مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا بولغان ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

1937-يىلى شىڭ شىسەي قانلىق قىلىچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تۇتقۇن قىلىشنى باشلايدۇ، بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىم بىلەن شارىپقان باشلىق بىر بۆلۈم ئۇيغۇر، قازاق ئىنقىلابىي ئەرباپلار قولغا ئېلىنىدۇ، شۇندىن كېيىنلا نەمەت خەلپەتمۇ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.

نەمەت خەلپەت يەتتە يىل تۈرمە ئازابىنى تارتىدۇ،ئۇ دەسلەپ شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 5-تۈرمىسىدە، كېيىن تۆتىنچى ۋە ئىككىنچى تۈرمىدە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى دۆڭكۆرۈك (ھازىرقى ئىككىنچى دوختۇرخانا ئورنىدىكى) سوپۇن زاۋۇتى دەپ ئاتالغان تۈرمىدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلغارلار بىلەن بىللە بولۇپ ئەمگەك قىلىدۇ. تۈرمىدىكى ھەر خىل ئازاب- ئوقۇبەتلەر ۋە قىيىن- قىستاقلار ئۇنىڭغا ئېغىر جىسمانىي جازا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. بەلكى ئۇ تۈرمە جەريانىدا ئۆزىنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا، ناھەق قولغا ئېلىنىۋاتقان بىگۇناھ قېرىنداشلار ئۈچۈن قاتتىق قايغۇ ئۇرۇپ، «ۋادرىخ»① (شائىرنىڭ «ۋادرىخ» دېگەن شېئىرى، 1944-يىلى سوپۇن زاۋۇتى تۈرمىسىدە يېزىلغان) دېگەن شېئىرىدا:

«ياخشىلاردىن قالمىدى زىندانغا چۈشمەي بىر كىشى،

بۇ نىچۈك بى رەھىملىك، ئەي چەرقى گەردان ۋادرىخ»

دەپ يازسا، تۈرمىدە تونۇشقان بىگۇناھ كىشىلەر ۋە ئىنقىلابچىلارنى مەدھىيلەپ:

«ياخشىلارغا ھەمنەپەس بولساڭ ئەگەر زىنداندا سەن،

ھىچ كېرەك يوق ئەيلىسەڭ، جانىڭدىن قۇربان ۋادرىخ»

دەپ يېزىپ تۈرمىداشلىرى-ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتقانلار ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغانىدى. ئۇنىڭ تۈرمىداشلىرى، بولۇپمۇ 1942-يىلىدىن 1944-يىلى 6- ئاي ئاخىرىغىچە بىللە بولغان ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭ (نەمەت خەلپەتنىڭ) ئىرادىلىك، دوستلارغا سادىق قەلبىنى چۈشىنىدۇ، بۇلار تۈرمە داۋامىدا ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ.

نەمەت خەلپەت 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن بوشىنىپ تۇرپانغا قايتىدۇ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ھىمايە قىلىدۇ. ئەمما گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرى ئۇنى داۋاملىق رازۋىت قىلىدۇ ھەم يوشۇرۇن تەھقىپ ئاستىدا تۇتىدۇ. بۇ چاغدا نەمەت خەلپەت تۇرپاندا«تۇرپان شىركىتى» ناملىق سودا شىركىتىنى قۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، خەلقنى سودا تەشكىلاتىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنسىز سودىسىنى چەكلەيدۇ. بىر قېتىم گومىنداڭ ھەربىيلىرى خوتەندىن ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغان 40 مىڭ جىڭ ساپ يىپەكنى تۇرپانغا ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولغان نەمەت خەلپەت سودا رەسمىيىتى بويىچە يىپەكنى توسۇپ قويىدۇ، كېيىن نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق گومىنداڭ ھەربىيلىرىنى مۇنازىرىدە يېڭىپ، 2000 جىڭ ساپ يىپەكنى تۇرپان شىركىتى نامىغا ئېلىپ قالىدۇ.

1946-يىلى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 11 ماددىلىق بېتىم بولىدۇ، بۇ يىللاردا ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نەمەت خەلپەت تۇرپان خەلقى نامىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە چىقىدۇ ۋە «مانا كەلدىم» ناملىق شېئىرىنى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ نەمەت خەلپەت تۇرپان، توقسۇن، پىچان، لۈكچۈن قاتارلىق جايلارنىڭ سايلام خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە خەلقچىل سايلامنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. كېيىن تۇرپاننىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇپ، بىر بۆلۈم ئىلغارلارنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە يىغىنغا كېلىدۇ، بۇ چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەتۈر قويۇن چىقىرىپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىلىغا قايتىدۇ، نەمەت خەلپەتمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەكلىپ بىلەن تۇرپان ۋەكىللىرىنى باشلاپ ئىلىغا بارىدۇ ۋە ئىلىدا تۇرۇپ، تۇرپان شىركىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئىلىدا بولغان مەزگىلدە «يەتتە ۋىلايەت خەلقچىل تەشكىلاتى»نىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1948-يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. نەمەت خەلپەت غۇلجىدا بولغان مەزگىلىدە، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، ئۇ ئەينى يىللاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قازىنىۋاتقان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقى، جۇڭگو ھاۋا بوشلۇقىدىن قارا بۇلۇتلارنىڭ پۈتۈنلەي سۈپۈرۈلۈپ يورۇق تاڭ ئاتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلايدۇ، ئۇ 1949-يىلى 7-ئايدا يازغان «بولماس» دېگەن غەزىلىدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابىي مەيدانىنى تولۇق ئىپادىلىگەنىدى.

ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك شائىر نەمەت خەلپەت 20 يېشىدىن باشلاپلا خەلىققە تونۇلغان خەلقپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ۋاڭ- بەگلەردەك تىرىكتاپ ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ھەم ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەرىپىدە تۇرۇش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ 1931-يىلى قوزغالغان قۇمۇل قوزغىلىڭى ۋە تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قولىغا قورال ئېلىپ قاتناشتى، 1935-يىلى كۈزدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندىن تارتىپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولدى، ئۇ ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن شېئىر، داستان، لەتىپە ۋە قوشاقلارنى يازدى (ئۇنىڭ خەلق ئىچىگە تارالغان كۆپلىگەن لەتىپىلىرى زاماننىڭ ئۆسۈشى بىلەن باشقىلار ھېسابىغا خاتىرىلىنىپمۇ قالدى). ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرى ۋە لەتىپىلىرى دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۆزىنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇ، شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغان كۈنلەردە، كۆپلىگەن شېئىرلىرى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى مەدھىيلىگەن ئىدى. نەمەت خەلپەت 50-يىللاردىلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلانغان، 1955-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە تۇرپان ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

نەمەت خەلپەت ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ زور غەمخورلىقىغا ئېرىشتى، ئۇ 1962-يىلى ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 74 يېشىدا ۋاپات بولدى. پارتىيە 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن شائىر نەمەت خەلپەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى توغرىسىدا ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىش بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ 1935- يىلىغىچە يازغان ئەسەرلىرى شىڭ شىسەي قولىدا، قالغانلىرى كېيىنكى تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا يوقالغان بولغاچقا، تېپىلغان ئاز بىر قىسىم شېئىرلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلى نەشىرى قىلىنغان «گۆدۈك» توپلامغا كىرگۈزۈلدى. بىز بۈگۈن دېموكراتىك شائىر، خەلقپەرۋەر جامائەت ئەربابى نەمەت خەلپەتنىڭ ئۆز ھاياتىدا خەلققە يەتكۈزگەن تۆھپىسىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 15

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 676 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-23