ئابخازىيە (گىرۇزىيە)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
      ئابخازىيە گىئورگىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى روسىيە ۋە قارا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدىغان سىتراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، يەر مەيدانى 8660كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى1990-يىللىرى گىرۇزىيە مۇستەقىللىق ھارپىسىدا 550مىڭ بولغان بولۇپ ئابخازلار 15%گە چۈشۈپ قالغان ئىدى، رۇسلار ۋە گىرۇزىنلارنىڭ كۆپلەپ چىقىپ كېتىشى تۈپەيلى يېقىنقى 2006-يىللىق سىتاتىسكىدا ئابخازىيە ئاھالىسى 220مىڭ بولۇپ ئابخازلار100مىڭ، مىنگېرىلىيانلار 40مىڭ، ئەرمەنلەر 45مىڭ، گىرۇزىيىلىكلەر 10مىڭ، رۇسلار 25مىڭ بولغان مىللەت تەركىبى مۇرەككەپ جۇمھۇرىيەت. جۇمھۇرىيەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى بولغان ئابخازلار شىمالى كاۋكازدىكى ئادىگەي-چېركەس، چېچەنلەر بىلەن قېرىنداش كېلىدىغان، كاۋكاز تىل سېستىمىسى چېركەس تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر ئىچىدە پروۋسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىردىنبىر مىللەت بولۇپ ئادەتتە ئابخازلار بىلەن بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەمما ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئابازىنلار (گرۇزىيەنىڭ شىمالى بىلەن چېگرىداش رۇسىيەنىڭ قاراچاي-چېركەس جۇمھۇرىيىتىدە 35مىڭ، ئابخازىيەدە 20مىڭ نوپۇسى بار) ئايرىم مىللەت ھىسابىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئابخازىيە روسىيە ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇن تۈركىيە ھامىلىقىدىكى مۇستەقىل پادىشاھلىق بولۇپ، روسىيە بېسىۋالغاندىن كېيىن ئايرىم مەمۇرى بىرلىك قىلىنغان، سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن قالمايلا ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە گرۇزىيىگە قوشۇۋېتىلگەن، 1991-يىلى گىرۇزىيە مۇستەققىل بولۇپ ئۇزۇن قالمايلا ئابخازىيە سوۋېتى(ئابخازىيە پارلامېنتىغا باراۋەر)روسىيە دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە كاۋكاز مىللەتلىرى ئازادلىق فرونتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قارار ماقۇللاپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1992-يىلى ۋە 1993-يىلىدىكى گرۇزىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا چېچىن، چېركەس، ئابازىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كاۋكاز مىللەتلىرىنىڭ باتۇرانە جەڭ قىلىشى بىلەن گرۇزىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ ھازىرغىچە مۇتلەق مۇستەقىللىقنى ساقلاپ رۇبلى ئىشلىتىۋاتىدۇ. 2008يىلى 12-ئايدا رۇسىيە خەلقارا جەمىيەتنىڭ كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئابخازىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، 2009-يىلى 2-ئايدا بېلوروسىيەمۇ ئابخازىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئابخازىيە مۇستەقىللىقى ئىزچىل خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 20:41:07]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 623 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01