مۇھەممەت مۇسا خارازىمى


مۇھەممەت مۇسا خارازىمى
مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780–يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ شەھەر كېيىنچە شەرقىي قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ، يۇنان، پارىس، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە ماتېماتىكا،ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بېرىلىپ تەتقىق قىلغان. كېيىن مەشھۇر ماتېماتىك بولۇپ يېتىلگەندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5-خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا«ھېكمەت ئۆي » دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان. ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى «تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى» دۇر. مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يېشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يېشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرگەن تۇنجى ماتېماتىك. ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇنىڭ« ئالگىبېرا» دېگەن ئەسىرى دۇنيا ماتېماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ يازغان«ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا» ( ئەزا يۆتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش) ،«ھېساب ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن، 1140-يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ( روبېرت تەرجىمە قىلغان) باشقا ياۋروپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت ياۋروپالىقلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. ماتېماتىكىنىڭ تارمىقىلا« ئالگىبېرا» مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قويغان تەڭلىمە يېشىشتىكى «ئەزا يۆتكەش»، «ئەسلىگە قايتۇرۇش» ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا «ئەلجەبىر» دەپ يېزىلغان بولسا، ياۋروپالىقلار ئۇنى (Algebr)  دەپ تەرجىمە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پەن ئىسمى « ئالگىبېرا» دەپ تارقىلىپ مۇقىملاشقان. دېمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ھېسابلاش پروگراممىسىنى تۈزۈشكە قوللىنىلدىغان پروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن «ئالگۇل تىلى» ( Algol تىلى ) دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى Alqaritmus بولىدۇ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە دائىر «سىند ھىند» دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشىنىكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۈزەپ توغرىلاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ قايتا يېزىپ چىقىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 434 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-23