ئەختەرىدىن

بېيجىڭ ئېلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان سۇلالىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ئەختەردىن بولسا ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن شىنجاڭلىق مەشھۇر ئۇيغۇر بىناكار، شۇنداقلا چادىر-بارگاھ جۇجۇقىنىڭ ئامبىلى.
مىلادىي 1215-يىلى چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى چىن سۇلالىسىگە قارشى يۇرۇش قىلىپ بېيجىڭنى ئىشغال قىلىش ۋاقتىدا بۇ جايغا ئوت قويۇۋەتكەن. نەتىجىدە بېيجىڭ شەھىرى بىپايان قاقاسلىققا ئايلىنىپ ھېچقانداق شەھەر قىياپىتىنى ساقلاپ قالالمىغان. ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسى بۇ جايغا قايتىدىن قەسىر ۋە ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ بۇ يەرنى خانبالىق قىلغان. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قايتىدىن بىنا بولىشى جوڭگۇ قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە شۇنداقلا ئەختەردىننىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەسئۇلى ھېساپلىنىدۇ.
« غەربى يۇرت ھەققىدىكى قىسسە» دېگەن كىتاپتا بۇ تەپسىلاتلار مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئەختەردىن بېيجىڭ شەھىرىنى لايىھىلەش ۋە ئۇنى خان ئوردىسىغا لايىقلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى يەر شەكلىنى ئۆلچەپ، ئاندىن خەنزۇچە ئىمارەت شەكلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شارائىتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈۋالغان. ئىش باشلاپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇ يەر شەكلىنىڭ يانتۇلۇقىغا ئاساسەن يەر ئاستى سۇ يولى ياساپ سۇ چىقىرىش ئۈسكىنىسىنى ئورناتقان. ئىككىنچى قەدەمدە ئاندىن شەھەردىكى تارماق رايونلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھىلەشكە كىرىشكەن. چۈنكى ئەختەردىننىڭ لايىھىلىگىنى ئادەتتىكى شەھەر قۇرۇلۇش بولماستىن، بەلكى فىئودال خانلارنىڭ پايتەختى بولغاچقا، لايىھىلەشتە خان ئوردىسىنى تەبىئىي ھالدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويماي بولمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئەختەردىن چوڭ-كىچىك قەسىرلەرنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 3 بۆلەك قۇرۇلۇش رايونىغا بۆلۈپ، ئاندىن چىڭخۇاڭداۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆللەرنى يەنى بۈگۈنكى جۇڭنەنخەي بىلەن بېيخەي باغچىسىنى لايىھە مەركىزى قىلىپ ئۈچ بۆلەك قەسىرنى كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىغا ئايلانما شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان». ئۇنىڭدىن باشقا كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان ۋە قىش پەسلىدىكى شىمال بورىنىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيىلىدىغان ئۇزۇنىسىغا توغرىسىغا كەتكەن ئېگىز ئىمارەتلىك كوچىلارمۇ ئەختەردىننىڭ لايىھىسىنىڭ سىرتىدا قالمىغان. شەھەر ئىچىدە توغرا سېلىنغان كوچىلارنى بويلاپ 50 دىن ئوشۇق قول ھۇنەرۋەن كارخانىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھەممىسىگە ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ئىسىم قويۇلغان. «شىجىن تەسىراتىدا»: «پايتەخت كوچىلىرى ئاجايىپ رەتلىك ۋە بىر-بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ، چوڭ كوچىلىرى 24 قەدەم كەڭلىكتە، كىچىك كوچىلىرى 12 قەدەم كەڭلىكتە، 364 چوڭ كوچا، 2009 كىچىك كوچا بار ئىدى» دېيىلگەن. 
«يۈەن سۇلالىسىنىڭ تارىخى» 125-جىلددا كۆرسىتىلىشىچە: «چىنخۇاڭداۋ ئارىلىنىڭ قۇرۇلىشى خەنزۇچە ئىمارەت شەكلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ لايىھىلەنگەن غايەت زور قۇرۇلۇش بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا غەربى شىمالدىكى قايسى بىر ئەلدىن كەلگەن بىرى ئۇنىڭغا: «بۇ قۇرۇلۇش خەنزۇلار ئىمارىتى بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق لايىھىلەنگەن؟» دەپ سورىغاندا، ئەختەردى:« موڭغۇللار شىمالدا ياشىغان، چېدىرلاردا ئولتۇرىدىغان مىللەت، ئۇلار بۇ ئەلنى ئات ئۇستىدە تۇرۇپ ئەلەم كۈچى بىلەن بوي سۇندۇردى. لېكىن يەنىلا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ بوي سۇندۇرالمايدۇ موڭغۇل ئۆيلىرى ئاددىي، ئەمدى بۇ ئەلگە خان بولغان مىللەتكە ياراشمايدۇ » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 386 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-23