سەرسەبىل


سەرسەبىلسەرسەبىل 

سەرسەبىل ھەم كۆكتاتنىڭ ئورنىدا ھەمدە زىننەت ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. سەرسەبىل ئىلگىرى مەرۋايىتگۈل دەپمۇ ئېلىنغان بولۇپ بۇ خاتا، مەرۋيىتگۈل ئوخشىمىغان خىلدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ سەرسەبىل بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. سەرسەبىل تۈركچىدە kuşkonmaz ، ئەزەربەيجان تىلىدا qulançar، ئىنگىلىزچىدە Asparagus، خەنزۇچىدە芦笋 دېيىلىدۇ. ياۋا سەرسەبىلنىڭ تۈرلىرىنى دۇنيادىكى ئىللىق رايونلاردا كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئاچ يېشىل سارغۇچ چېچەكلىرى ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا ئېچىلىدۇ. سەرسەبىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. سەرسەبىلنىڭ ئۇرۇقلىرى باھار ئايلىرىدا تېرىلىدۇ ۋە تېرىلىپ ھوسۇل بەرگىچە تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تۆت يىل ساقلاش بەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ، ئەمما سەرسەبىل تېرىلغان ئېتىزدىن 20 يىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. سەرسەبىل ئۆسۈملۈكىدىن ھوسۇل يىغىۋېلىنماي، تەبىئىي ھالدا ئۆسۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا 170 سانتىمېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ. تاللىرىنى قاپلىغان نېپىز يىڭنە ياپراقلىرىدىن كېيىن، كىچىك ئاچ يېشىل چېچەكلىرى ئېچىلىدۇ. چېچەكلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قىزىل رەڭلىك، گۆشلۈك مېۋىلەرگە ئۆزگىرىدۇ.

سەرسەبىلنىڭ بىخلىنىۋاتقان ھالىتىسەرسەبىلنىڭ بىخلىنىۋاتقان ھالىتى

قەدىمقى يۇنانلىقلار ۋە رىملىقلاردىن تارتىپ بىلىنىپ كەلگەن ۋە ياخشى كۆرۈلگەن كۆكتات بولغان سەرسەبىلنىڭ تەركىبىدە، ۋىتامىن A ، ۋىتامىن B1، B2 ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپلا قالماستىن، ئاقسىل، شېكەر، ياغ ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلارمۇ ناھايىتى مول. رىم ئىمپېراتورلۇقىدا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سەرسەبىللەرنى توپلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاھىدە پاراخوتلاردىن تەشكىللەنگەن « سەرسەبىل فىلوتى» نىڭ بارلىقى تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. سەرسەبىل ياۋروپادا، كۆپىنچە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدە 16 – ئەسىردە ھەممىگە بىلىنگەن ۋە ئۇ يەرلەردىن ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان مۇستەملىكىچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكىغا ئاپىرىلغان. كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ جۇڭگو، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يېتىشتۈرۈلمەكتە. تۈركىيەدە كۆپ بىلىنمەيدىغان كۆكتات بولۇشىغا قارىماستىن، يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى كۆپ ئۆستۈرۈلمەكتە.
زىننەت ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلىدىغان سەرسەبىللەرنىڭ تۈرلىرى ئىچىدە كۆپ بىلىنىدىغىنى تۈل سەرسەبىلى بولۇپ، ناھايىتى نېپىزدۇر. ياپراقلىرى چىرايلىق كۆرۈنىدىغانلىقى ئۈچۈن لوڭقىدا زىننەت قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تۈل سەرسەبىلىنىڭ ياپراقلىرى چېچەكچىلىك ئىشلىرىدا گۈلدەستە تەييارلىغاندا كۆپ قوللىنىلىدۇ. سەرسەبىلدىن ئەڭ كۆپ ئۇماچ ئېتىلىدۇ. سەرسەبىل سالاتلارغا باشقىچە تەم كىرگۈزىدۇ. گۆشلۈك يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. كىشىلەر سەرسەبىل ئۇمىچىنىڭ قول ۋە پۇتتىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يېمەكلىكلەرگە شىپالىق ئۈچۈن سەرسەبىلنىڭ ساپلىرى، كۆكلىرى ۋە بىخلىرى سېلىنىدۇ. سەرسەبىل سۈيدۈكنى ھەيدەشنىڭ ياخشى دورىسى بولغانلىقتىن، سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلايدۇ ۋە ۋۇجۇتتا پەيدا بولغان ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. سەرسەبىلنىڭ بۇنداق ياخشى پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا سۈيدۈك يوللىرىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ سەۋەبتىن بۆرىكىدە كېسەللىك بار بولغانلار سەرسەبىلنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. سەرسەبىل ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، ئەقلى چارچاشقا باپ كېلىدۇ. چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدىغانلىقىمۇ سۆزلىنىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ، كۆز ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. قاننى تازىلاپ، دانىخورەك ۋە تېرە كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. قانداق، سەرسەبىل بىر دورا ئىسكىلاتىغا ئوخشامدىكەن؟

سەرسەبىلنىڭ پىشقان مەزگىلىسەرسەبىلنىڭ پىشقان مەزگىلى

تەتقىقاتچىلار تۈرك خەلقىنىڭ يېمەكلىكلىرىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە بولالمىغان بىر كۆكتات ھېسابلىنىدىغان سەرسەبىلنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئالدىنقى ئاسىيا، ھەتتا ئانادولۇ ئىكەنلىكىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە. تۈركىيە سەرسەبىلنىڭ گېن مەنبەسى جەھەتتىن ئېيتقاندا ناھايىتى مول مەنبەگە ئىگە. ئەمما، سەرسەبىل ئانادولۇدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئانادولۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ياۋايى سەرسەبىلنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئىزمىر ۋە ئەتراپلىرىدا، ئايدىن، مۇغلا ۋە مانىسسادا ياۋايى سەرسەبىللەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەتىياز ئايلىرىدا سەرسەبىلنى باشقا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكتات بازارلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر سەرسەبىلنى «قەدىمقى دۇنيانىڭ ئۆسۈملۈكى» دەپ قارىماقتا. ئالدىنقى ئاسىيا ۋە ياۋروپادا 100 خىلغا يېقىن ياۋا تۈرىنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. تۈركىيەدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سەرسەبىل ئۆستۈرۈش 1960– يىللاردا باشلانغان بولسىمۇ، ئېكسپورت نىشانىغا يېتەلمىگەن. يېڭى سەرسەبىللەرنى پەقەت بۇ ئۆسۈملۈكنى تونۇيدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان چەت ئەللىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلغان. 1960–يىللاردىكى چەكلىك قاتناش ئىمكانلىرىمۇ ئېكسپورت مەقسىتىدە ئۆستۈرۈلگەن سەرسەبىللەرنىڭ بازارغا سېلىنالماسلىقىغا سەۋەب بولغان. كېيىنكى يىلاردا سەرسەبىل كونسېرۋاسى ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان.

تىپىك گوللاندىيچە تەمدىكى بەرەڭگە بىلەن تەييارلانغان سەرسەبىل قورمىسىتىپىك گوللاندىيچە تەمدىكى بەرەڭگە بىلەن تەييارلانغان سەرسەبىل قورمىسى

تۈركىيەنىڭ تۇپراق ۋە ئىقلىم ئالاھىدىلىكلىرى سەرسەبىل ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق بولسىمۇ، سەرسەبىل ئۆستۈرۈش دۆلەتكە ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلەلمىدى. 1997–يىلىدا ئىزمىر– مەنەمەندە تەشۋىق قىلىنىپ قۇرۇلغان چوڭ ئېكىنزارلىقتىن باشقا، تۈركىيەدە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشنى يوق دېيىشكە بولاتتى. بۈگۈن بولسا، يېڭىدىن ھەرىكەتلىنىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى باشلاندى. بۇلاردىن بىرسى، مانىسسادا مەبلەغ سېلىندى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئورگانىك ئۈزۈم ۋە ئۆرۈك ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن بىر شىركەت گوللاندىيەلىكلەر بىلەن 40 گېكتار يەرگە سەرسەبىل ئۆستۈرۈشنى باشلىدى. مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ھەمكارلىق پىلانى» دائىرىسىدە ياردەمگە ئېرىشتى. ئەسلىدە سەرسەبىل تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى ئېكسپورت مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ياۋروپا بازارلىرىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ئۆسۈملۈكتۇر. ياۋروپا بازارلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك سەرسەبىل بولسا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يېتىشتۈرۈلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە، نىيۇ جېرسىي ۋە ۋاشىنگتون شتاتلىرى دۇنيادا ئەڭ ياخشى سەرسەبىل ئۆستۈرۈلىدىغان جايلاردۇر.
دۆلىتىمىزدە ئەگە، ئاق دېڭىز ۋە مارمارا رايونلىرىدا سەرسەبىلنى ئاسان يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر سەرسەبىلنىڭ باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەرسەبىلغا سېلىنىدىغان دەسلەپكى مەبلەغ دېھقانلارغا قىممەت كەلسىمۇ، دۇنيا بازىرىدا ئورنى بولغان ۋە كۈنسېرى تەلەپ ئېشىۋاتقان مەھسۇلاتتۇر. سەرسەبىل يەنە، مەبلەغ سالغۇچىلارنى پايدىغان ئېرىشتۈرىدىغان مەھسۇلات بولۇپ، ئانادولۇدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۈتمەكتە. سەرسەبىلنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن مۇھىم ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەنبەسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، دۇنيادا 1 مىليون توننا سەرسەبىل مەھسۇلاتى تاشقى سودىغا قاتناشتۇرۇلماقتا. جۇڭگودىكى دوختۇرلار سەرسەبىلنى جىگەر كېسەللىكلىرى ئۈچۈن دورا سۈپىتىدە يازىدۇ. سەرسەبىلنىڭ جىگەرگە بولغان پايدىلىق تەرىپى بۇرۇندىن تارتىپ بىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاتاتۈرك كېسەل بولۇپ قالغاندا يېرىم گېكتار يەرگە تېرىلغان. ئەمما، كېيىنكى يىللاردا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. سەرسەبىل يېقىنقى يىللاردا تەبىئەتكە قايتىش مودىسىدا قايتا ئەسكە ئېلىنغان ۋە پەرھىز تۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

نىيويورك شەھىرىدىكى سەرسەبىل ئۆستۈرۈش رايونىنىيويورك شەھىرىدىكى سەرسەبىل ئۆستۈرۈش رايونى

ئۇنداق بولسا، سەرسەبىل سېتىۋالغاندا ۋە ئاسىراشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئۇچلىرى يۆگەلگەن، زىچ ۋە پارلاق بولغان يېشىل سەرسەبىللەرنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغان سەرسەبىللەرنىڭ ئۇچلىرى سولۇشۇپ قالغان بولسا، سوغۇق سۇغا چىلاپ، يېڭى ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى سەرسەبىللەرنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىتقىچە نەم ھالەتتە ساقلاش كېرەك. سەرسەبىل نى توڭلىتىپ ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پىشۇرۇشتىن بۇرۇن مۇزنى ئېرىتمەسلىك تېخىمۇ ياخشى. سەرسەبىلنى سېتىۋالغان كۈنى پىشۇرمىساق، ئاستىنقى قىسمىدىن ئازىراق كېسىپ، سۇ توشقۇزۇلغان لوڭقىغا تىك ھالەتتە قويۇپ قويساق بولىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلىماقچى بولساق، قەغەزگە ئورايمىز، ئۈستىنى يەنە بىر قەۋەت پاكىزە قۇرۇق ماتا بىلەن يۆگەپ، يالتىراق خالتىغا سالغاندىن كېيىن، توڭلاتقۇنىڭ كۆكتات قويىدىغان ئورنىغا قويساق بولىدۇ. سەرسەبىلنى توڭلاتقۇدا ئەڭ كۆپ بەش كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلاش ئۈچۈن سەرسەبىل كونسېرۋالىرىنى تاللىساق بولىدۇ. سەرسەبىلنى بىر قېتىم يەپ قالساق، تەمىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايمىز.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 11

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1206 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28