شوخىلدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاشنىڭ ئون

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تېرە كېسىلىنى داۋالايدۇ . شوخلىنىڭ تېرىسى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېزىپ يارىلانغان يەرگە ھەر كۈنى 2~3 قېتىم سۈرۈپ بەرسە ، زەمبۇرۇغ ، يۇقۇملۇق تېرە كېلىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شوخلىنى سىقىپ ، سۈيىگە ئاز مىقداردا شىكەر ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەپ بەرسە تېرىنى نۇرلاندۇرۇپ ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

راك كېسىلىنى ئالدىنى ئالىدۇ. شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ قالماستىن ، زەھەر ياندۇرۇپ قىزىتما قايتۇرۇش ، ۋىروسلارنى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە . ھەر كۈنى شوخلىدىن 1~ 2 تال ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز كېسلىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالايدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا شوخلىدىن ( ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ) 1~2 تال يەپ بەرسە ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

قان ئازلىقنى داۋالايدۇ. شوخلا بىلەن ئالمىدىن بىر تال ، كۈنجۈتتىن 15 گىرامنى قوشۇپ ھەر كۈنى 1~2 قېتىم ئىستېمال قىلىشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا ، قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.

يارىنى داۋالايدۇ. يىنىك ھەزىم خاراكتېرلىك يارىسى بارلار، سىقىلغان شوخلا بىلەن ياڭيۇنىڭ ھەر قايسىسىنى يېرىم ئىستاكاندىن ئارىلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە 1 قېتىمدىن ، ئۇدا 10 قېتىم ئىستېمال قىلغاندا ، يارا ساقىيدۇ.

جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ. شوخلا سۈيىدىن بىر قوشۇق ، كەرەپشە كۆكى ، سەۋزە كۆكى ۋە قوي مېيىدىن يېرىم قوشۇق ئېلىپ ، قايناۋاتقان شوۋگۈرۈچنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاينىتىپ ، تۇز بىلەن تەم تېتىتقۇچتىن سېلىپ ئىستمال قىلسا، جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ.

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى  ئالىدۇ . 1!2 تال شوخلىنى يالپاقداپ ئازىراق تۇز ۋە شىكەر قوشۇپ ، قىيام قىلىپ ئىسسىق ئىچسە ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ. پەمىدۇر شەربىتى ۋە تاۋۇز شەربىتىنىڭ ھەر قايسىسىنى يېرىم ئىستاكاندىن ئارىلاشتۇرۇپ ، بىر سائەتتە 1 قېتىم ئىچسە ، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ.

چىش مىلىكى قاناشنى داۋالايدۇ. پەمىدۇرنى پاكىز يۇيۇپ ، مېۋە قاتارىدا يېرىم ئاي يىسە ، چىش مىلىكى قاناشنى داۋلايدۇ.

 

« شىنجاڭ مائارىپ » ژورنلىدىن

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 741 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01