ھارنۇپ

ھارنۇپ دەرىخىھارنۇپ دەرىخى





ھارنۇب ئوتتۇرا دېڭىزئىقلىمىدا تارقالغان، مىۋىسى پۇرچاق غوزىسىغا دەرىخى سوپۇن دەرىخىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك. ھارنۇپ مىۋىسىنىڭ شەكلى مۈڭگۈزگە ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن ھارنۇپ مىۋىسى ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئۆچكە مۈڭگۈزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھارنۇپتىن پايدىلىنىدىلىغان ساھەلەر ناھايىتى كۆپ. ھارنۇپ تارتىلىپ، ئۇن ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ، يېمەك – ئىچمەك سانائىتىدە قوللىنىلىدۇ. ئۇرۇقچىسى ئېلىۋېتىلگەن ھارنۇپ مېۋىسىنىڭ %52 نى شېكەر ئىگىلەيدۇ، ھارنۇپ تەركىبىدە شېكەر قۇمۇشىدىنمۇ كۆپ شېكەر ماددىسى بولغاچقا، ھارنۇپ مۇرابباسى ياساشنى ۋاز كېچىلمەس ئورۇنغا ئىگە قىلغان. ھارنۇپ يېمەك – ئىچمەك ساھەسىدىن باشقا، يەم – خەشەك، توقۇمچىلىق، گىرىم بۇيۇملىرى ياساش، نېفىت ۋە تېرە سانائەتلىرىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئاياللار لاكلىرىنىڭ، ئەرلەر ساقال سوپۇنىنىڭ ھارنۇپدىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ھارنۇپنىڭ ياز پەسلىدىكى ھالىتىھارنۇپنىڭ ياز پەسلىدىكى ھالىتى


ھارنۇپ دەرەخلىرى 15 – 10 يىلدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىلدا مېۋە مىقدارى ۋە سۈپىتى يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ. 50 يىللىق بىر ھارنۇپ دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىرغا يېتىدۇ. ھارنۇپ مېۋىلىرى ماي ئېيىدىن باشلاپ يوغىناشقا باشلايدۇ ۋە ئىيۇن، ئىيۇل ئايلىرىدا پىشىدۇ. پىشقان مېۋىسىنىڭ رەڭگى يېشىل قەھۋە رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ. سېنتەبىر ئېيىدا مول – ھوسۇل ئېلىش باشلىنىپ، نويابىردىن دېكابىر ئېيىغىچە داۋاملىشىدۇ. بىر ھارنۇپ مېۋىسىدە تەخمىنەن 10 دىن 15 دانىغىچە ئۇرۇق بولىدۇ. ئۈزۈلگەن ھارنۇپ مېۋىلىرى بىر ئايغىچە قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ھارنۇپدىن پېچىنە ياكى ھايۋانلارنىڭ يېمى ياسىلىدۇ. پېچىنە ياسالمىغان ياكى ھايۋانلارنىڭ يېمى قىلىنمىغان ھارنۇپنىڭ ئۇرۇقلىرى ۋە گۆشلۈك قىسىملىرى بىر – بىرىدىن مېخانىكىلىق ئۇسۇلدا ئايرىۋېلىنىدۇ. ھارنۇپنىڭ پارچىلىرى ئوخشىمىغان سانائەت ساھەلىرىدە خام ماددا سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.

كۈز پەسلىدىكى پىشقان ھارنۇپكۈز پەسلىدىكى پىشقان ھارنۇپ


ھارنۇپنىڭ كۆپتۈرۈش ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ماروژنا ياساشتىمۇ قوللىنىلىدۇ. گۆش كونسېرۋاسى ۋە بېلىق كونسېرۋاسى، قىيام، چاچ يىلىمى، شېكەر قىيامى ۋە مېۋە كونسېرۋالىرىغا قېتىلىدۇ. تورت ۋە پېتىر ناننىڭ كۆپۈپ قىلىشى ۋە بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەسكەندە پارچىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تورت ۋە پېچىنىلەرگە قېتىلىدۇ. كاكاۋ ۋە قەھۋە قېتىلىدىغان بارلىق يېمەكلىكلەرگە، بۇلارنىڭ ئورنىغا ھارنۇپنى سېلىشقا بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھارنۇپ قەھۋەسى تەركىبىدە، كوففئېيىن ۋە قەھۋەدە بولغان زىيانلىق ماددىلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان ۋە يۈرەك بىمارلىرىغا تەۋسىيە قىلىدۇ. ھارنۇپ ئۇنىنىڭ يېمەك – ئىچمەك سانائىتىدە ئالدىنىقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، تەركىبىدە تەبىئىي شېكەر ماددىسى بولغانلىقى، تۆۋەن كالورىيەلىك بولۇشى، ياغ ماددىسىنىڭ بولماسلىقى، خولېستېرىن بولماسلىقى ۋە ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ھارنۇپ چېچىكىھارنۇپ چېچىكى


ھارنۇپ شىپالىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەبىئىي قوغدىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپ ئۆسۈملۈكى خەلق تېبابىتىدە ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشى بولماسلىق، چىش ۋە چىش كېسەللىكلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. توقۇمچىلىق سانائىتىدە ھارنۇپ نېيلوڭ رەختلەر ۋە پاختا رەختلەرگە قېتىلىدۇ، بوياقچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدۇ. قەغەزچىلىك سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە سانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. ئىشىنىش تەس بولسىمۇ، ھارنۇپ نېفىت سانائىتىدە قۇدۇق كولاشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپنىڭ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قوللىنىش ساھەسىگە، مەتبەئەچىلىك، سەرەڭگە ياساش، ئۆي جابدۇقلىرى، پارتلىغۇچى ماددا ياساش، فوتوگراف نىگاتىۋى ياساش، سوپۇن پاراشوكى ۋە پىلاستىك سانائەتلىرىنى قوشالايمىز. ھارنۇپدىن چاقچۇق سانائىتىدە يىلىم ياسىلىدۇ. چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە ھارنۇپنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇنداق بولسا، سىگارىت ياساشتا تۇمانىغا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھارنۇپدىن پايدىلىنىلدىغانلىقىنى بىلەمتىڭىز؟ مانا، سىزنىڭ تاماكا چېكىشنى تاشلىشىڭىز ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىلدى. قانداقلا بولمىسۇن سىگارىتنىڭ تەركىبىدە ھارنۇپ بار، تاماكا چېكىشنىڭ ئورنىغا ھارنۇپنى پېچىنە - پىرەنىكنىڭ ئورنىدا يەڭ. قوللىنىش ساھەسى كەڭ بولغان ھارنۇپنى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈركىيەدە ھارنۇپ دەرەخلىرى مۇھىم بولغان مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىرمىگەن بولۇپ، ناھايىتى ئاز يېتىشتۈرۈلىدۇ. ھارنۇپ دەرەخلىرى تەبىئىي ھالدا ئورمانلاردا ئۆسمەكتە. كۆپىنچە 4 – 3 تۈپتىن گۇرۇپپا ھالىدا ئۆسىدىغان بۇ دەرەخلەرنىڭ تۈركىيەدىكى مىقدارى تولۇق بىلىنمەيدۇ. تەبىئىي ئۆسكەن ھارنۇپ دەرىخى ياۋا دەرەخ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق دەرەخلەردىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن سۈپەتلىك مېۋىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيە ھارنۇپ يېتىشتۈرۈلىدىغان ساناقلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئارقىدا تۇرماقتا. 1990 – يىللاردىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ھارنۇپ ئېكىسپورتى ئاشقان بولۇپ، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گىرېتسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئالجىرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگىمۇ ئېكىسپورت قىلىنماقتا. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆزگە چېلىقمىسىمۇ، كۈنىمىزدە ھارنۇپ مۇرابباسىنى ئېكىسپورت قىلىش باشلاندى. ھارنۇپ يېقىنقى يىللارغىچە تەبىئىي ئۆسكەن رايونلاردا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بولسا، مۇراببا ۋە ئۇن ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن تۈركىيەدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ھالغا كەلدى. كۈنىمىزدە ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپلەپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ھارنۇپ مۇرابباسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ.
ھارنۇپ ياكى يەنە بىر ئىسمى بىلەن ئېيتقاندا خارنوب، دۇنيادا ھەممە بىلىدىغان ۋە پايدىلىنىپ كەلگەن قەدىمقى ئۆسۈملۈك تۈرىدۇر. ھارنۇپ مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارى سۈتتىن ئۈچ ھەسسە كۆپ. ۋىتامىن E ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن زۇكام ۋە ھۆتەلگە پايدا قىلىدۇ. مەيدىنى يۇمشىتىپ، بەلغەمنى ھەيدەيدۇ. ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قانۇنىيەتلىك ئىشلىشى ئۈچۈن پايدىلىق. ۋىتامىن ماددىلىرى كۆپ بولغانلىقى ۋە مىنېرال ماددىلار بولغانلىقتىن چىش ھەمدە چىش مىلىكىگە پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدىكى كۆپ مىقدارلىق تەبىئىي شېكەر ۋە سىنىك كۈچ مەنبەسىدۇر. شۇنداقتىمۇ دېئابىت بىمارلىرى ھارنۇپنى ئىستېمال قىلغاندا دوختۇرلىرىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك. تەركىبىدىكى ناترىي ۋە كالىي ماددىلىرى قان بېسىمىنى ياخشىلاپ، يۈرەككە پايدا قىلىدۇ. ئۆپكىگە بولغان تەسىرلىرى تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى نەپىسى سىقىلىدىغانلار ئۈچۈن تېببىي دورىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلالايدىغان ئۆسۈملۈكتۇر. تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرگەن رادىياتسىيەنى سىرتقا چىرىۋېتىدىغانلىقى بايقالغان. مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي مەجبۇرىيەت ياكى خىزمەت ئورۇنلىرى سەۋەبلىك ئېغىر مېتاللارنىڭ تەسىرىگە ۋە رادىياتسىيەلىنىشكە دۇچار بولىدىغانلارنىڭ شۇنداقلا ئېغىر سانائەت رايونلىرىدا ياشايدىغانلارنىڭ ھارنۇپ ئىستېمال قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلماقتا. ھارنۇپ رادىياتسىيەلىنىشكە پايدىلىق بولغىنىدەك، ئادەم بەدىنىدىن ئېغىر مېتاللارنىڭ چىقىرىلىشىدىمۇ مۇھىم تەسىرگە ئىگە.
ئەگەر توپلاش ئۈچۈن ھارنۇپ دەرىخى تاپالمىسىڭىز، دورا ئۆسۈملۈكى ئۆستۈرگۈچىلەردىن سېتىۋالالايسىز. ھارنۇپ دەرىخىنى سېتىۋالغان ۋاقتىڭىزدا، مېۋىلىرىنىڭ زىدىلەنمىگەن ۋە ئىزىلىپ كەتمىگەن بولۇشىغا، پارچىلىنىپ كەتمىگەن بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز لازىم. سېتىۋالغان ھارنۇپنىڭ بىر پۈتۈن بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگىنىڭىزدە، سالامەتلىككە بولغان پايدىسىنى بالدۇرراق ھېس قىلىشقا باشلايسىز. ھارنۇپدىن بەزى كېسەللىكلەرگە قارشى تېببىي داۋالىنىشىڭىزغا قوشۇمچە دورا ياسىماقچى بولسىڭىز، ھارنۇپ مۇرابباسى ياكى ئۇنىنى ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھارنۇپنى تاللىشىڭىز لازىم. ھارنۇپدىن مۇراببا ياسالغاندا ياكى ئۇن ھالىغا كەلتۈرۈلگەندە، بەزى پايدىلىق ماددىلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، تەبىئىي ھارنۇپنى تاللاشتىن ۋاز كەچمەڭ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھارنۇپنى ساغلام بولىمەن دەپ، ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى، مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلىنىش سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئوزۇقلىنىش تۈرلۈك سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 10

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1417 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-05