كەرەپشە

كەرەپشە=芹菜=celery 

   يۇمغاقسۈت بىلەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان كەرەپشە، دۇنيادا كەڭ تارقالغان، ياۋىلىرى جەنۇبى، غەربىي ۋە شىمالىي ياۋروپا ساھىل رايونلىرىدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. تۈركچىسى Kereviz بولغان كەرەپشىنىڭ ئانا ۋەتىنى جەنۇبىي ياۋروپادۇر. كەرەپشە چوڭقۇرلۇق ۋە سازلىق جايلاردا ياخشى ئۈنىدۇ ۋە بىر مېتىرغىچە ئۆسىدۇ. تۈركىيەدە ئەگە ۋە مەرمەرە رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاق رەڭدە چېچەك ئاچىدۇ. كەرەپشىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى ماددا سۈپىتىدە قوللىنىشى ناھايىتى ئۇزاقلارغا تۇتىشىدۇ. قەدىمقى گىرېك مەدەنىيىتىدە كەرەپشە ياخشى بىلىنەتتى. سىسام ئارىلىدىكى ئارخىئولوگىيەلىك يادىكارلىقلاردا كەرەپشە ئىزلىرى بايقالغان. ھومېروس «ئىليادا» ناملىق ئەسىرىدە، ترويا ئەتراپلىرىدىكى سازلىقلاردا ئۆسكەن ياۋا كەرەپشىلەرنى يىگەن ئاتلار ھەققىدە توختالغان. ھومېروسنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى «ئودىسسا» دىمۇ ياۋا كەرەپشە توغرىسىدا بايانلار ئۇچرايدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىقلار كەرەپشنى ياخشى كۆرىدۇ. كەرەپشە فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە لويسىيانا يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

كەرەپشە =Kereviz كەرەپشە =Kereviz


كەرەپشە  كۆپ ھاللاردا زەيتۇن يېغى بىلەن ئىستېمال قىلىنىپ قاندىكى خولىستېرىننى چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. قەۋھىيەتنى ياخشىلايدىغانلىقى ئۈچەينى تازىلايدىغانلىقى سەۋەپلىك سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ، سالاتا ئېتىلىدۇ، ھەتتا ئۇماچ ئېتىلىدۇ. كەرەپشە ياپراقلىرى خۇشپۇراق بولغانلىقى ئۈچۈن شورپىلارغا سېلىنىدۇ. تەمى ئادەتتىكىدىن ئۆتكۈر بولغان جۇڭگو ياكى شەرق كەرەپشىسى، جۇڭگو يېمەكلىكلىرىدە قورومىلارغا ۋە ئۇماچلارغا سېلىنىدۇ. كەرەپشە ئۇرۇقلىرىدىن ياسالغان دورا - دەرمەكلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇچرىتىش مۇمكىن. كەرەپشە ئۇرۇقلىرىنى ئاشتۇزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كەرەپشە تۇزى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان مەشھۇر قىياملىق سەندىۋىچلىرىگە كەرەپشە تۇزى سالىدۇ. تۇزسىز پەرھىز تۇتۇشقا توغرا كەلسە، كەرەپشە تۇزىنى سىناپ باقساق بولىدۇ. كەرەپشە ئۆسۈملۈكىنىڭ ياپراقلىرى قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا قۇرۇتۇلۇپ، ھاۋانچىدا ئىزىلگەندىن كېيىن، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، بەزى يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممەتلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، كەرەپشىنىڭ سېپى بىلەن ياپراقلىرىدا، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، ئاقسىل، ھىدروكاربونات، فوسفور، تالا، كالىتسىي، تۆمۈر، ھاك، ناترىي، كالىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1, B2, B3, B6 ، يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E قاتارلىق ماددىلارنىڭ موللۇقىنى كۆرىمىز. كەرەپشىدە ھېچقانداق خولىستېرول ماددىسى يوق بولۇپ، تەركىبىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا ياغ بار. كەرەپشىنىڭ يىلتىز قىسىملىرىدا ئوخشىمىغان نىسبەتلەردە ئاقسىل، ھىدروكاربونات، ناترىي ۋە كالىي بار. بۇ نۇقتىدىن كەرەپشىنى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان كۆكتات دېيىشكە بولىدۇ. كەرەپشىنىڭ ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئىسكىلاتى ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىلەر، ھېچقاچان داستىخانلىرىدىن ئايرىمايدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردا كەرەپشە قىش كۈنلىرى ئائىلىلەردە تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلۈپ ئېھتىيات بىلەن گۆشنىڭ ئەكس تەسىرىنى توسقۇچى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىناتتى.




تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلگەن كەرەپشەتەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلگەن كەرەپشە

مۇتەخەسسىسلەر كەرەپشىنىڭ تەن ساقلىقىمىزنى قوغدايدىغان ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ماختايدۇ. كەرەپشە ئالدى بىلەن قورساقنى قۇۋۋەتلەپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بۆرەك ئۈستى بەزلىرىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلايدۇ ۋە زېھىنىي جەھەتتە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەرەپشە جىگەر ۋە بۆرەككە پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇق سۇنى سىرتقا چىقىرىشنى، بۆرەكتىكى تاش ۋە قۇملارنىڭ ئېرىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. دانىخورەكلەرنى ساقايتىپ، ئادەم يۈزىنى قىزغۇچ رەڭگە كىرگۈزىدۇ. كەرەپشە سېمىز كىشىلەر پەرھىز تىزىملىكىگە قورقماستىن كىرگۈزەلەيدىغان كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.  بۈگۈن بىز كەرەپشە مېيى ۋە كەرەپشە ئۇرۇقلىرىنىڭمۇ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرىۋاتىمىز.

كەرەپشە ئۇرۇقىكەرەپشە ئۇرۇقى



كەرەپشە مېيىكەرەپشە مېيى

كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغانلىقتىن ئۇنتۇغاقلىق ۋە سەپرالىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئۈمىدسىزلىككە تولغانلارغا كەرەپشە ۋە سەۋزە يىيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنداقتا، كەرەپشە سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم؟ كەرەپشىنىڭ لەززىتى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۈششۈك تەگمىگەنلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. مۇشۇنداق قىلغىنىمىزدا، كەرەپشە تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار يوقاتماي، پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىزگە كۆرسىتىدۇ. كەرەپشە كۈندىلىك ۋىتامىن C ئېھتىياجىمىزنىڭ %15 نى قامدايدۇ. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، كەرەپشىنىڭ ئىچىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، ئۆسمە پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇش خەۋپىنى %38 دىن %50 گىچە ئازايتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ھەر كۈنى كەرەپشە يەپ بەرگەن ياكى كەرەپشە سۈيى ئېچىپ بەرگەن بىمارلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى ۋە قان بېسىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

بەدەندە غايىپ بولغان سۇنى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كەرەپشە سۈيى ئىچىش ھېسابلىنىدۇ. كەرەپشە سۈيى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بېسىمنى ئازايتىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ، باش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە بۆرەكنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق. بولۇپمۇ، كۆپرەك چاينىلىپ يىيىلگەن كەرەپشىلەر قورساقنى كۈچلەندۈرىدۇ. كەرەپشىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنى بەدىنىمىزدە ھېس قىلىش ئۈچۈن يېمەكلىكلىرىمىزدە ۋە سالاتالىرىمىزدا كۆپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. بىر – ئىككى قوشۇق قۇرۇتۇلغان كەرەپشە ئۇۋاقلىرىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا سېلىپ، 15 – 10 مىنۇت دەملەيمىز. كۈنىگە بۇ ئۇسۇلدا دەملەنگەن سۇدىن بىر ئىستاكاندىن ئۈچ ۋاخ ئىچسەك بولىدۇ. كەرەپشە ياپراقلىرىنى قاينىتىپ، چاينىڭ ئورنىدا ئىچكىلىمۇ بولىدۇ. كەرەپشىنى قاينىتىپ، سۈيىگە لىمون قوشۇلغاندا كەرەپشىنىڭ يەل پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كەرەپشە بىلەن ئەپلىشىن تۈرىگە تەۋە پورتوكالنىڭ بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىشىغا قانداق قارايسىز؟ بىر – بىرىگە بەك ماسلىشىپ كەتمىسىمۇ، پورتوكال قوشۇلغان كەرەپشىنىڭ لەززىتى تەڭداشسىزدۇر. پورتوكال قوشۇلغان كەرەپشە سالاتاسى ئېتىش ئۈچۈن بىر باش پىياز، بىر باش سەۋزە، 7 – 6 دانە پورتوكال، بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق شېكەر ۋە بىر قەھۋە ئىستاكانى زەيتۇن يېغى لازىم بولىدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ئورگانىك يېتىشتۈرۈلگەنلىرىنى تاللىغىنىمىزدا سالامەتلىكمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. توغرالغان پىياز ۋە سەۋزىنى تەخسىگە قويۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيىمىز. ئاندىن شېكەر قوشىمىز. توغرالغان كەرەپشىلەرنى سالغاندىن كېيىن، بەش مىنۇت ئەتراپىدا قورۇيمىز. ئارقىدىن پورتوكال سۈيىنى قۇيىمىز ۋە تۇزىنى تەڭشەيمىز. پورتوكال سۈيى كەرەپشىلەرنىڭ ئاستىدا بىر بارماقچىلىك كەلسە ياخشى بولىدۇ. بۇلارنى 15 مىنۇت بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىمىز ۋە كەرەپشىنىڭ ياپراقلىرىنى سالىمىز. يەنە بەش مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن، يېمىكلىكىمىز تەييار بولىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن مېھمانلىرىڭىزغا سۇنالايسىز. پورتوكال قوشۇلغان كەرەپشىنى مېھمانلىرىڭىز جەزمەن ياقتۇرىدۇ.

تۆۋەندە يەنە، ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلدا ئېتىلىدىغان كەرەپشە سالاتاسى تەييارلاشنى ئاڭلىتىمىز. لازىمەتلىكرىمىز: كەرەپشە، بىر باش سەۋزە، بىر قانچە چىش سامساق، يېرىم كىلوگرام سۈزمە قېتىق، بىر – ئىككى قوشۇق زەيتۇن يېغى، بەدىيان ۋە ياڭاق. ئالدى بىلەن سامساقنى ئىزىپ، قېتىققا ئارىلاشتۇرىمىز. ئاقلانغان كەرەپشىلەرنى قېتىققا سالىمىز، بۇ ۋاقىتتا كەرەپشىلەرنى دەرھال قېتىققا ئارىلاشتۇرساق، كەرەپشىلەرنىڭ قارىداپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. سەۋزىنى قىرغاندىن كېيىن، توغراپ قېتىقنىڭ ئىچىگە سالىمىز. ئاندىن زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرىمىز. سالاتانىڭ زىننىتى ئۈچۈن ئۈستىگە بەدىيان ۋە ياڭاقلارنى قويىمىز. ئەگەر خالىساق، ئۈستىگە يەنە ھەر خىل دورا – دەرمەكلەرنى سالساقمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئاددىي ئۇسۇلدا تەييارلانغان سالات كۆڭلىڭىزگە جەزمەن ياقىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 9

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 7007 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-05